شۇنى بىلىڭكى، ئائىلىنى ھالال يول بىلەن قامداش ئۈچۈن تىرىشىش كىشىنى الله سبحانه وتعالى غا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەردىن بىرى بولۇپ، بۇ نەپلە روزا ۋە نەپلە نامازلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . شەيخ بىن باز رحمه الله نىڭ پەتىۋالىرى توپلىمى 6 - جىلىد 301 - بەت. * ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.