قانداق قىلغاندا، بەندىلەرنىڭ ئەمەس، اللە نىڭلا رازىلىقىنى كۆزلىگىلى بولىدۇ؟
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا
تور بېتىدىكى 332195 – نومۇرلۇق پەتىۋا.
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ
تارقاتتى.
جاۋاب:
مۇئمىننىڭ ئەڭ بۈيۈك غايىسى
ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتۇر.
اللە تعالى شۇنداق دەيدۇ:
{وَعَدَ اللَّهُ
الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ
خَالِدِينَ فِيهَا وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ ۚ وَرِضْوَانٌ مِّنَ
اللَّهِ أَكْبَرُ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ}
«اللە مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن
ئاياللارغا ئاستىدىن دەريالار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار جەننەتلەردە
مەڭگۈ قالىدۇ، ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەردە گۈزەل جايلارنى ۋەدە قىلدى. (ئۇلار ئېرىشىدىغان)
اللە نىڭ رازىلىقى (جەننەت نېمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن) كاتتىدۇر،
بۇ چوڭ بەختتۇر» [سۈرە تەۋبە 72 – ئايەت].
ئىمام بۇخارى (6549 – ھەدىس) ۋە
ئىمام مۇسلىم (2829 – ھەدىس) ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىدۇكى،
رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن: «اللە تبارك وتعالى جەننەت ئەھلىگە: <ئى
جەننەت ئەھلى!> دەيدۇ. ئۇلار: <مانا بىز، رەببىمىز، خىزمىتىڭگە
تەييارمىز> دەيدۇ. اللە: <سىلەر رازى بولدۇڭلارمۇ؟>
دەيدۇ. ئۇلار: <ئى رەببىمىز! سەن بىزگە مەخلۇقاتىڭدىن ھېچكىمگە بەرمىگەننى ئاتا
قىلغان تۇرساڭ، بىز قانداقمۇ رازى بولمايلى؟> دەيدۇ. اللە: <مەن سىلەرگە
شۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق نەرسىنى بەرمەيمۇ؟> دەيدۇ. ئۇلار: <يا رەب! ئۇنىڭدىنمۇ
ياخشىراق نېمە بار؟> دەيدۇ. اللە: <سىلەرگە رازىلىقىمنى
چۈشۈرىمەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن سىلەرگە ھەرگىز غەزەپ قىلمايمەن> دەيدۇ».
مۇئمىننىڭ ھاياتىدىكى ئاساسىي
نىشانى شۇكى، ئۇ ـــ كىشىلەرنى نارازى قىلىش بەدىلىگە بولسىمۇ ـــ پەقەت يەككە –
يېگانە، شېرىكى يوق اللە نىڭلا رازىلىقىنىلا ئىزدەيدۇ. مۇناپىقلارنىڭ
ئالامىتى شۇكى، ئۇلار ئالەملەرنىڭ رەببىنى غەزەپلەندۈرۈش بەدىلىگە بولسىمۇ، كىشىلەرنى
رازى قىلىشقا خۇشتاردۇر.
اللە تعالى مۇناپىقلار توغرىسىدا
شۇنداق دەيدۇ:
{يَحْلِفُونَ
بِاللَّهِ لَكُمْ لِيُرْضُوكُمْ وَاللَّهُ وَرَسُولُهُ أَحَقُّ أَن يُرْضُوهُ إِن
كَانُوا مُؤْمِنِينَ}
«ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن اللە بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەگەر
ئۇلار راستلا مۇئمىن بولىدىغان بولسا، اللە نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى
رازى قىلىشلىرى كېرەك ئىدى» [سۈرە تەۋبە 62 – ئايەت].
كىشىنىڭ پەقەت اللە تعالى نىڭلا رازىلىقىنى
كۆزلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئىشلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئالدى بىلەن، كىشى ئۆز رەببىنى
تونۇشى ۋە شۇ ئارقىلىق بارلىق ئىشلارنىڭ اللە نىڭ قولىدا
ئىكەنلىكىنى؛ اللە نىڭ بارلىق ئىشلارنى تىزگىنلىگۈچى يېگانە زات ئىكەنلىكىنى؛
اللە نىڭلا (ئۆزى خالىغان كىشىنى) خار قىلىپ، (ئۆزى خالىغان
كىشىنى) ئەزىز قىلالايدىغانلىقىنى؛ اللە بەرگەننى ھېچكىمنىڭ
توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ۋە اللە توسقاننى ھېچكىمنىڭ
بېرەلمەيدىغانلىقىنى؛ بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا (يەنى شۇ كىشىگە) ياكى
ئۆزلىرىگە پايدا – زىيان يەتكۈزۈشكە، ئۆلتۈرۈشكە، تىرىلدۈرۈشكە ياكى باشقا
ھەرقانداق ئىشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.
كىشى يۇقىرىقىلارغا قەتئىي ئىشەنگەن
ھامان، قەلبى رەببىگە باغلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ اللە نىڭ ئىزنىسىز ھالدا
ئۇنىڭغا پايدا ياكى زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن:
«واعلمْ أن
الأمةَ لو اجتمعت على أن ينفعوك بشيء لم ينفعوك إلا بشيء قد كتبه الله لك، وإن
اجتمعوا على أن يَضرُّوك بشيء لم يَضرُّوك إلا بشيء قد كتبه الله عليك، رفعت
الأقلام وجفت الصحف»
«بىلگىنكى، ئۈممەت ساڭا پايدا
يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلسىمۇ، الله ساڭا پۈتۈۋەتكەندىن
باشقا ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار ساڭا زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر
يەرگە يىغىلسىمۇ، الله ساڭا پۈتۈۋەتكەندىن باشقا ھېچقانداق زىيان
يەتكۈزەلمەيدۇ» [ئىمام تىرمىزى توپلىغان. شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇل جامى» (7957 –
نومۇر) ۋە «مىشكات» (5232 – نومۇر)دا سەھىھ دەپ باھالىغان].
ئىككىنچى، كىشى باشقىلارنىڭ ئۇنى
ياخشى كۆرۈشى ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولۇشىنىڭ پەقەت رەببىنىڭ ئىزنى بىلەنلا
بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىشى كېرەك. شۇڭا ئەگەر ئۇ رەببىنى رازى قىلسا، اللە مۇئمىن بەندىلىرىنىڭ قەلبىگە
ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەتنى سىڭدۈرىدۇ.
ئىمام تىرمىزى بەرا ئىبنى ئازىب رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىدۇكى،
بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ،: «ئى رەسۇلۇللاھ! ھەقىقەتەن مېنىڭ ماختىشىم كىشىلەرنى
يۈكسەلدۈرگۈچى، ئەيىبلىشىم ئۇلارنى پەس قىلغۇچىدۇر» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ﷺ: «بۇ پەقەت اللە ئەززە ۋەجەللە گە خاس
ئىشتۇر» دېدى [شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇت تىرمىزى» (2605)تە سەھىھ دەپ باھالىغان].
ئەگەر اللە بىرەر بەندىسىنى
ماختىسا، بۇ بەندە ماختاشقا لايىقتۇر؛ ئەگەر اللە كىمگە غەزەپ قىلسا ۋە
ئۇنى ئەيىبلىسە، شۇ بەندە ئەيىبكە لايىقتۇر. ئىنسانلارغا كەلسەك، ئۇلار بۇ خۇسۇستا
اللە نىڭ ئىزنىسىز ھېچقانداق كۈچكە ئىگە ئەمەس.
بىر ھەدىستە، اللە نىڭ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە
مەلۇم بىر كىشى توغرىسىدا مۇھەببەت ياكى نەپرەتنى قويىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئىمام بۇخارى (3209 –
ھەدىس) ۋە ئىمام مۇسلىم (2637 – ھەدىس) ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىدۇكى،
رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن:
«ھەقىقەتەن، الله بىر (سالىھ) بەندىنى ياخشى كۆرسە، جىبرىئىلنى چاقىرىپ: <مەن پالانىنى
ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆر> دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، جىبرىئىلمۇ ئۇنى
ياخشى كۆرىدۇ. ئاندىن جىبرىئىل ئاسماندا (پەرىشتىلەرگە) نىدا قىلىپ: <ھەقىقەتەن
الله پالانىنى ياخشى
كۆرىدۇ، سىلەرمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈڭلار> دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسمان ئەھلى
(پەرىشتىلەر) ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت زېمىنغا قويۇلىدۇ
(زېمىندىكى كىشىلەرمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ).
الله بىر (پاسىق) بەندىسىنى ئۆچ كۆرسە، جىبرىئىلنى چاقىرىپ: <مەن پالانىنى ئۆچ
كۆرىمەن، سەنمۇ ئۇنى ئۆچ كۆر> دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، جىبرىئىلمۇ ئۇنى ئۆچ كۆرىدۇ.
ئاندىن جىبرىئىل ئاسماندا (پەرىشتىلەرگە) نىدا قىلىپ: <ھەقىقەتەن الله پالانىنى ئۆچ كۆرىدۇ، سىلەرمۇ ئۇنى ئۆچ كۆرۈڭلار> دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن
ئاسمان ئەھلى (پەرىشتىلەر) ئۇنى ئۆچ كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بولغان نەپرەت زېمىنغا
قويۇلىدۇ (زېمىندىكى كىشىلەرمۇ ئۇنى ئۆچ كۆرىدىغان بولىدۇ)» [بۇ ھەدىسنى ئىمام
مۇسلىم (2637) توپلىغان؛ ئىمام بۇخارى (3209) بۇ ھەدىسنىڭ (ياخشى كۆرۈشكە ئائىت)
بىرىنچى بۆلىكىنىلا رىۋايەت قىلغان].
ئۈچىنچى، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىش
كېرەككى، ئالەملەرنىڭ رەببىنى ئەمەس، كىشىلەرنى رازى قىلىشقا كۈچەپ كېتىش مەغلۇبىيەتنىڭ
ئالامىتىدۇر، بۇنداق قىلغان كىشى مالامەتكە قالىدۇ. ھېچكىم بۇنداق كىشىنى ماختىمايدۇ.
اللە مۇ ئۇنى تەرك ئېتىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قوللىمايدۇ. ئەمما،
كىشى پەقەت اللە نىلا رازى قىلىشقا كۈچىسە، اللە ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ ۋە
ئۇنى كىشىلەردىن بىھاجەت قىلىدۇ.
اللە تعالى شۇنداق دەيدۇ:
{ لَا
تَجْعَلْ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آخَرَ فَتَقْعُدَ مَذْمُومًا مَخْذُولًا}
«اللە قا قوشۇپ باشقىلارنى ئىلاھ
قىلىۋالما. بولمىسا ئەيىبلەنگەن، (اللە تعالى نىڭ ياردىمىدىن) مەھرۇم
بولغان ھالدا (دوزاختا ھەمىشە) ئولتۇرۇپ قالىسەن» [سۈرە ئىسرا 22 – ئايەت].
ئىمام ئىبنى ھىببان «سەھىھ ئىبنى
ھىببان» (277 – ھەدىس)دا، ئائىشە رضي الله عنها دىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن: «كىم
ئىنسانلارنى غەزەپلەندۈرۈش بەدىلىگە اللە نى رازى قىلسا، اللە ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ.
كىم ئىنسانلارنى رازى قىلىش بەدىلىگە اللە نى غەزەپلەندۈرسە، اللە ئۇنى كىشىلەرگە تاشلاپ
قويىدۇ» [شەيخ ئەلبانى «سىلسىلەتۇس سەھىھە» 2311 – نومۇردا سەھىھ، دەپ باھالىغان].
كەئب بىن مالىك رضي الله عنه غا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەقنى
سۆزلەشكە ۋە يالغۇز اللە نىلا رازى قىلىشقا قانچىلىك كۈچىگەنلىكىگە قاراڭ. چۈنكى،
ئۇ راست سۆزلىسە اللە نىڭ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدىغانلىقىغا؛ ئەكسىچە يالغان
سۆزلەش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ غەزىپىدىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنسا، اللە نىڭ ناھايىتى تېزلا
كىشىلەرنى ئۇنىڭغا غەزەپلەندۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
كەئىب ئىبنى مالىك رضي الله عنه ئۆزىنىڭ تەۋبە
قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىستە شۇنداق دەيدۇ:
مەن ئاستا كېلىپ، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ئالدىدا ئولتۇردۇم.
رەسۇلۇللاھ ﷺ ماڭا: «سېنى ئۇرۇشتىن نېمە توسۇپ قويدى؟ سەن ئۇرۇش ئۈچۈن ئۇلاغ
سېتىۋالغان ئەمەسمىدىڭ؟» دېدى. مەن: ئى اللە نىڭ پەيغەمبىرى! اللە بىلەن قەسەمكى، ئەگەر دۇنيا
ئەھلىدىن سەندىن باشقا بىرەر كىشىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بولسام، ئۇنىڭ غەزىپىدىن
بىرەر باھانە بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيتتىم. مەندە بۇنچىلىك سۆز ئىقتىدارى بار. لېكىن مەن
شۇنى بىلىمەنكى، ئەگەر مەن بۈگۈن سېنى رازى قىلىدىغان بىر يالغاننى سۆزلىگىنىم بىلەن،
پات ئارىدا اللە ۋەھىي ئارقىلىق سېنى ماڭا غەزەپلەندۈرىدۇ. ئەگەر ساڭا
راست سۆزلىسەم، مەندىن خاپا بولىسەن. مەن ھەقىقەتەن راست سۆزۈم بىلەن اللە تىن ئەپۇ ئۈمىد قىلىمەن.
اللە بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ئۇرۇشقا چىقماسلىققا ھېچقانداق
ئۆزرەم يوق ئىدى. مەن سەن بىلەن ئۇرۇشقا چىقمىغان چېغىمدىكىدىنمۇ كۈچلۈك ھەم
ئىقتىدارلىق بولۇپ باققان ئەمەس ئىدىم،-دېدىم. رەسۇلۇللاھ ﷺ: «بۇ ھەقىقەتەن راست سۆزلىدى. سەن
تاكى اللە سەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغىچە كۈتۈپ تۇرغىن» دېدى [ئىمام
بۇخارى (4418 – ھەدىس) ۋە ئىمام مۇسلىم (2769 – ھەدىس) توپلىغان].
تۆتىنچى، شۇنى بىلىش كېرەككى، كىشىلەرنى
(تولۇق) رازى قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئەسلىدىنلا ئادالەتسىز ۋە ناداندۇر.
يەنى كىشىلەرنى رازى قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان نىشاندۇر، چۈنكى كىشىلەر
ھەتتا رەببىدىنمۇ رازى بولمايدىغان تۇرسا، ئۇلارنىڭ سىزدىن رازى بولۇشىنى قانداقمۇ
تەسەۋۋۇر قىلالايسىز؟
ئىمام بەيھەقى «زۇھد ئەلكۇبرا» (180
– نومۇر)دا سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، ھەسەن ئەلبەسرى رحمه الله قا: «كىشىلەر سېنىڭ
مەجلىسلىرىڭگە كېلىپ، سەندىن قۇسۇر تېپىپ، شۇ ئارقىلىق غەيۋىتىڭنى قىلماقچى
بولۇشىدۇ» دېيىلىۋىدى، ئۇ: «بۇنىڭ تەشۋىشلەنگۈچىلىكى يوق. چۈنكى، مەن اللە قا يېقىن بولۇشنى
ئويلىدىم ۋە بۇنىڭدىن ئۈمىدىم بار؛ جەننەتنى ئويلىدىم ۋە بۇنىڭدىنمۇ ئۈمىدىم بار؛
جەننەتتىكى ھۆرلەرنى ئويلىدىم، بۇنىڭدىنمۇ ئۈمىدىم بار؛ ئەمما، مەن كىشىلەردىن
(يەنى ئۇلارنىڭ تاپا – تەنىسى ۋەھاكازالاردىن) ئەمىن بولۇشنى ئويلىدىم، لېكىن
بۇنىڭ چارىسىنى تاپالمىدىم. مەن ئىنسانلارنىڭ ئۆز ياراتقۇچىسىدىنمۇ رازى
ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىگە ئوخشاش مەخلۇقلاردىن (يەنى باشقا ئىنسانلاردىن)
ھەرگىز رازى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم» دېدى.
ئىمام شافىئىي رحمه الله يۇنۇس ئىبنى
ئابدۇلئەئلا غا شۇنداق دېگەن: «ئى ئەبۇ مۇسا! ئەگەر سەن پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن
ئىنسانلارنى رازى قىلىشقا تىرىشساڭ، بۇنى روياپقا چىقىرالمايسەن. شۇنداق
بولغانىكەن، ئەمەللىرىڭنى ۋە نىيەتلىرىڭنى اللە قىلا خالىس قىلغىن»
[ئىمام بەيھەقى «شۇئەبۇل ئىمان» 6518 – نومۇر].
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەركىم رەببىنىلا رازى
قىلىشقا كۈچىسۇن. چۈنكى اللە سىزدىن رازى بولسا، بۇ سىز ئۈچۈن
يېتەرلىكتۇر.
كىتابلارغا كەلسەك، بىز بۇ تېمىدا مەخسۇس
يېزىلغان كىتاب بارلىقىنى بىلمەيمىز، ئەمما سوئال سورىغۇچى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا
اللە ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز،
چۈنكى بىر ئادەم رەببىنى قانچە ياخشى تونۇسا، اللە نىڭ رازىلىقىنى شۇنچە
كۆزلەيدىغان ۋە كىشىلەرنىڭ نارازىلىقلىرىغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان بولىدۇ.
بىز يەنە ئىبنى رەجەب ۋە ئىبنى
قەييىم (اللە ئۇلارغا رەھمەت قىلغاي) نىڭ كىتابلىرىنى كۆپلەپ
ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇشۇ خۇسۇستىكى كىتابلىرى بۇ
ساھەدىكى ئەڭ مەنپەئەتلىك ئەسەرلەردىندۇر.
اللە ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.