كىشىلەرگە نەسىھەت قىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم؟
سوئال: نەسىھەت قايسى شەكىلدە قىلىنسا توغرا بولىدۇ؟ ئادەم يوق يالغۇز جايدا قىلىنامدۇ ياكى جامائەت سورۇنىدا قىلىنسىمۇ بولامدۇ؟ قانداق كىشى نەسىھەت قىلىشقا لايىق بولىدۇ؟ ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى دىكى 225160 – نومۇرلۇق سوئال. مەزكۇر توربەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى. بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر . سەمىمىي نەسىھەت ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ بەلگىسى، ئىماننىڭ مۇكەممەللىكى، ئېھساننىڭ تامامىدۇر. چۈنكى مۇسۇلمان ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈن ياخشى كۆرمىگىچە، ئۆزى ياقتۇرمىغان نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ئۆچ كۆرمىگۈچە، ئۇنىڭ ئىمانى كامىل بولمايدۇ، مانا بۇ نەسىھەتنىڭ تۈرتكىسىدۇر . جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىگە سەمىمىي بولۇشقا (سەمىمىي نەسىھەت قىلىشقا) بەيئەت قىلدىم. [بۇخارى رىۋايىتى 57 - ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 56-ھەدىس] . تەمىم ئىبنى ئەۋىس دارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رى...