ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ
ئاللاھ تائالا شۇنداق دېگەن:
{ إِنَّ اللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّىٰ
يُغَيِّرُوا مَا بِأَنفُسِهِمْ}
«ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى
ئۆزگەرتمەيدۇ» [سۈرە رەئىد 11 – ئايەت].
ئەللامە ئابدۇراھمان سەئىدى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە شۇنداق
دېگەن:
«ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۆزىنى گۇناھلاردىن پاكلاپ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلسا،
ئاللاھ ئۇلار دۇچار بولغان مۈشكۈلاتلارنى رەھمەتكە، ياخشىلىققا ۋە بەخت –
سائادەتكە ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ»
«تەپسىر سەئىدى»دىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.