ئەمەل ئىماننىڭ بىر قىسمى ۋە ئاساسىدۇر
سوئال
بەزى كىشىلەر ئەزالارنىڭ ئەمىلىنى ئىماننىڭ ئاساسى ئەمەس بەلكى ئىماننىڭ مۇكەممەل بولۇشىنىڭ شەرتى دەپ قارايدۇ ياكى باشقىچە ئىپادىلىگەندە، ئىماننىڭ سەھىھ بولۇشىنىڭ شەرتى ئەمەس دەپ قارايدۇ. مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆپ بولۇپ كەتتى. مۇشۇ سۆزنىڭ توغرا تەرىپىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن (ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇيەسسەر قىلسۇن). ئەزالار ئارقىلىق ئىشلەيدىغان ئەمەلنىڭ ئىماندىكى مەرتىۋىسىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورىنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى. 119068 - نومۇرلۇق سوئال
جاۋابنىڭ تېكىستى
بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمى ۋە ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا: ئىمان سۆز ۋە ئەمەل بولۇپ، ئۇ كەم-زىيادە بولىدۇ. ئەمەلسىز ئىمان بولمىغاندەك تىل بىلەن ئىقرار قىلىقسىز ئىمان بولمايدۇ. ئىمان تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىل بىلەن تەستىقلاش ۋە ئەزالار بىلەن ئەمەل قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. بۇ ئەھلى سۈننە ۋەل جامائە ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا روشەن يورۇتۇپ بېرىلگەن مەسىلىدۇر. ئەمما ئەمەل ئىماننىڭ مۇكەممەل بولۇشىنىڭ شەرتى دېگەن سۆزنى ئەشئەرىلەر ۋە باشقا پىرقىلەر ئوتتۇرىغا قويغان. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئەشئەرىلەرنىڭ ئىمان توغرىسىدىكى سۆزى بولسا مۇرجىئىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنىڭ بىرىدۇر.
ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ساھابىلار، تابىئىنلار، ئۇلاردىن كېيىنكى ئىسلام ئالىملىرى ۋە بىز ئۇچراشقان ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا: ئىمان تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، ئەمەلىيىتى بىلەن ئىجرا قىلىش ۋە قەلبى بىلەن تەستىقلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۈچتىن بىرى چالا قالسا ئىمان توغرا بولمايدۇ". (لەلىكائىينىڭ: "ئەھلى سۈننە ئېتىقادىنىڭ ئاساسىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى" ناملىق ئەسىرى 5-توم 956-بەت ۋە پەتىۋالار توپلىمى 7-توم 209-بەتكە قارالسۇن.
ئىمام ئاجۇرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىلىڭلاركى، (ئاللاھ تائالا بىز ۋە سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن) ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى بويىچە، ئىمان ئېيتىش بارلىق ئىنسانلارغا پەرزدۇر، ئىمان قەلبىدە تەستىقلاش، تىل بىلەن ئىقرار قىلىش ۋە ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاندىن شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىمان پەقەت قەلبىدە ئىشىنىش ۋە تەستىقلاش بىلەن كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى تىل بىلەن ئىقرار قىلىش بىرگە بولۇشى كېرەك. قەلبتە ئىشىنىش ۋە تىلدا ئىقرار قىلىش ئەزالار ئارقىلىق ئەمەل قىلىشقا ئىلىپ بارالمىسا مەزكۇر ئىمان توغرا بولمايدۇ. مۇشۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىش تولۇق بولغاندا، ئۇ كىشى ھەقىقىي مۆمىن بولىدۇ. قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمى ۋە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى بۇنى ئىسپاتلايدۇ". [ئىمام ئاجۇرىينىڭ: "ئەششەرىيئە" ناملىق ئەسىرى 2-توم 611-بەتكە قارالسۇن].
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلە ئۈچۈن ئىككى تەرەپ بار، بىرىنچى: ئوچۇق ئاشكارا كۇفۇرنى ئىسپاتلاش. ئىككىنچىسى: يوشۇرۇن كۇفۇرنى ئىسپاتلاش.
ئەمما ئىككىنچى تەرىپى بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئىماننىڭ سۆز ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت بولۇشىدۇر. بىر كىشىنىڭ قەلبىدە ئىمان مۇستەھكەم بولۇپ يىللارچە ياشاپ ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ناماز، زاكات، روزا، ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بىر سەجدە قىلماستىن، روزا تۇتماستىن، شارائىتى تۇرۇپ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلماستىن، ئاللاھ تائالا بېكىتكەن زاكاتنى ئادا قىلماستىن مۆمىن بولالىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمايدۇ. بۇنداق ئىش قەلبىدە ئىمان ئورنىغان ھەقىقىي مۆمىندىن سادىر بولمايدۇ، پەقەت قەلبىدە ئىسلامغا بولغان ئۆچلۈك، مۇناپىقلىق بولغان ئىنساندىن سادىر بولىدۇ". [پەتىۋالار توپلىمى 7-توم 616].
ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئارىسىدا تەۋھىدنىڭ قەلب بىلەن بولىدىغانلىقى (يەنى بىلىپ ئىشىنىشتىن ئىبارەت)، تىل بىلەن بولىدىغانلىقى (يەنى ئىقرار قىلىشتىن ئىبارەت)، ئەمەل بىلەن بولىدىغانلىقىدا (يەنى بۇيرۇق-چەكلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى) ھېچ ئىختىلاپ يوق. ئەگەر بۇ ئۈچتىن بىرەرسى كەم بولىدىكەن بۇ كىشى گەرچە تەۋھىدنى ئىقرار قىلسىمۇ مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئىقرار قىلغان بىلەن ئەمەل قىلمىدى، ئۇ پىرئەۋىن ۋە ئىبلىسقا ئوخشاش ھەقتىن باش تارتقۇچى كاپىرلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ ئىنسان سىرتقى كۆرۈنۈشىدە تەۋھىدكە ئەمەل قىلغاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمما ئۇنىڭغا چىن قەلبىدىن ئېتىقاد قىلمايدىكەن ئۇ خالىس مۇناپىق بولىدۇ. مۇسۇلمانلارغا مۇناپىقنىڭ خەتىرى كاپىرنىڭ خەتىرىدىن چوڭ بولىدۇ. توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر. [دۇرەرۇر سىەنىييەتى فى ئەجۋىبەتىل نەجدىييە 2-توم 124-بەت].
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ھەممەيلەنگە رەھمەت قىلسۇن! بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دىنى ئىنسان قەلبىدە چىن ئېتىقاد قىلىش، ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆچ كۆرۈش بىلەن، تىلدا ئىقرار قىلىش، كۇپۇر كەلىمىسىنى سۆزلىمەسلىك بىلەن، ئەزالاردا ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش بىلەن، يەنى مۇسۇلماننى ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىرىپ تاشلايدىغان ئەمەللەرنى تەرك قىلىش بىلەن بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك ئىشتىن بىرەرسى تولۇق بولمىسا، ئۇ كىشى دىنىدىن يانغان كىشىلەر تۈرىدىن بولىدۇ. [دۇرەرۇر سەنىييەتى10-توم87-بەت].
ئەھلى سۈننە ئالىملىرى بۇ مەسىلىنى ئەتراپلىق ۋە روشەن بايان قىلىپ بەردى. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى بەزى كىشىلەرنىڭ: "ئەزالارنىڭ ئەمىلى ئىماننىڭ ئاساسى ئەمەس بەلكى ئىماننىڭ مۇكەممەل بولۇشىنىڭ شەرتلىرىدىن ئىبارەت" دېگەن مەزمۇندىكى ئەسەرلەردىن ھەزەر قىلىش توغرىسىدا پەتىۋا بەردى. پەتىۋا كومىتېتى يەنە بۇ قاراشتىكى كىشىلەرنى مۇرجىئىلەر (ئەمەلنى ئىماندىن ئايرىغۇچىلار) دەپ ئوچۇق بايان قىلدى. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالىرى 2-توم127-139-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].
ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: ئەزالارنىڭ ئەمەللىرى ئىماننىڭ بىر قىسمى ۋە ئاساسىدۇر، ئەمەل بولمايدىكەن ئىمان بولمايدۇ، ئەمەلنىڭ بولماسلىقى قەلب ئەمەللىرىنى يوق قىلىدۇ. چۈنكى قەلب ئەمەللىرى بىلەن بەدەن ئەمەللىرىنىڭ ئارىسىدا زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.
كىمكى قەلبى بىلەن ئىماننى تۇرغۇزۇپ، مەزكۇر ئىمان تەقەززا قىلىدىغان ئەزالارنىڭ ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ۋە ئادا قىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق ئادا قىلمىسىمۇ ئىمان توغرا بولىدۇ دەپ گۇمان قىلغان بولسا، ئۇ كىشى چەكلەنگەن بىر ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلغان، ئىچكى-تاشقى كۆرۈنۈشى ئارىسىدا بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىقى بولغان بىر ئىشنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. شۇنداقلا، مۇرجىئەلەرنىڭ ئېتىبارغا ئىلىنمايدىغان سۆزىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.