ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا ۋارقىرىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ گەپ قىلماستىن سەبىر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەقەلىك راستمۇ؟
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا ۋارقىرىغانلىقى ۋە خەلىپىنىڭ ئايالىنىڭ ۋارقىرىشىغا گەپ قىلماستىن سەبىر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەقەلىك راستمۇ؟
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورى»دىكى 179442 – نومۇرلۇق سوئال.
مەزكۇر تور بەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
سوئال: بەزى تور سەھىپىلىرىدە تارقالغان بۇ قىسسىنىڭ ساغلاملىقى توغرىسىدا
سورىماقچىمەن. بىر كىشىنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا ۋارقىراپ جاۋاب قايتۇرغاندا، بەك
ئاچچىقى كېلىپ، ئايالى توغرىسىدا شىكايەت قىلماقچى بولۇپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ
كېرىش ئۈچۈن ئىشىكنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۆيدىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ
ئايالىنىڭمۇ خەلىپىگە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۈمىدسىزلىنىپ خەلىپىگە
شىكايەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ كەينىگە قايتقان، دېگەن قىسسىنىڭ ئاساسى بارمۇ؟، ئەگەر
شۇنداقلىقى توغرا بولسا، ئايالنىڭ يولدىشىغا ئاۋاز كۆتۈرۈپ سۆزلىشىنىڭ دۇرۇسلىقىغا
دەلىل قىلغىلى بولامدۇ؟. ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن!. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى
سورايمەن.
جاۋابنىڭ تېكىستى
بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.
بىرىنچى: يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ۋەقەلىكنىڭ ئەسلى مۇنداق: بىر كىشى ئايالىنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا شىكايەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى يېنىدا ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندا، ئۆي ئىچىدىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا ۋارقىراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جاۋاب قايتۇرماستىن جىم تۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ: مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولغان ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ھالى بۇ تۇرسا، مېنىڭ ھالىم دېگەن ھېچنېمە ئەمەسكەن دەپ قايتىۋاتقاندا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆيدىن چىقىپ ئۇ كىشىنىڭ قايتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى چاقىرىپ: ئى قېرىندىشىم، بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنمۇ؟ دەيدۇ. ئۇ كىشى: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى!مەن سىلىگە ئايالىمنىڭ ئەخلاقىنىڭ ناچارلىقى ۋە ئېغىزىنىڭ يامانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم، ئەمما سىلىنىڭ ئاياللىرىنىڭمۇ مېنىڭ ئايالىمغا ئوخشاش سىلىگە ۋارقىراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىچىمدە: مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھالى بۇ بولسا، مېنىڭ ھالىم دېگەن ھېچنېمە ئەمەسكەن دېدىم-دە، ئارقامغا بۇرۇلدۇم دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: قېرىندىشىم! ئايالىم مېنىڭ تامىقىمنى ئېتىدىغان ئاشپىزىم، نېنىمنى ياقىدىغان ناۋىيىم، كىيىملىرىمنى يۇيىدۇ ۋە بالىلىرىمنى ئېمىتىدۇ، ئەسلىدە يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ بەزىسى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمنى ھارامدىن تىنچلاندۇرىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرىمەن، ۋارقىراشلىرىغا سەبىر قىلىمەن دېدى. ھېلىقى كىشى: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مېنىڭ ئايالىممۇ شۇنداق قىلىدۇ؟ دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: قېرىندىشىم! سەۋر قىلغىن قىسقا ۋاقىتتا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دەيدۇ.
بۇ ۋەقەلىكنىڭ راستلىقىغا دالالەت قىلىدىغان مەنبەنى تاپالمىدۇق، ھەدىسشۇناس ئالىملاردىن بىرەرسىنىڭمۇ بۇ ۋەقەلىك توغرىسىدا سۆزلىگەنلىكىنى بىلمەيمىز.
بۇ ۋەقەلىكنى شافىئىي مەزھەپ فىقھى ئالىملىرىدىن شەيخ سۇلايمان ئىبنى مۇھەممەد
ئەلبۇجەيرىمى "شەرھى ئەلمەنھەج" ناملىق ئەسىرى 3- توم 441-442-بەتلەردە
بايان قىلغان.
ھەنەپى مەزھەپدىكى پىقھى ئالىملىرىدىن ئەبۇللەيس سەمەرقەندى "غاپىللارنى ئاگاھلاندۇرۇش" ناملىق ئەسىرىنىڭ 517-بېتىدە زىكىر قىلغان. ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىي "ئەززەۋاجىر ناملىق ئەسىرى 2-توم 80-بەتتە بايان قىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بۇ ۋەقەلىكنى ئىسنادى بىلەن زىكىر قىلماستىن، ھەممىسى "بىر كىشىدىن زىكىر قىلىندى ياكى رىۋايەت قىلىندى" دېگەندەك ۋەقەلىكنىڭ زەئىپلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئىبارىلەر بىلەن بايان قىلدى. مانا بۇ مەزكۇر قىسسىنىڭ مەنبەسىنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. تۆۋەندىكى قۇرلار ئۇ قىسسىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى كۈچلەندۈرىدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن ئەيمىنىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇمدۇر. ئىش ئۇنداق بولغانىكەن ئەلۋەتتە ئايالى بەكرەك ئەيمەنمەمدۇ!؟. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر ئىبنى خەتتابتىن ئەيمەنگەنلكىمدىن ئۇنىڭدىن بىر ئايەت توغرىسىدا سوئال سورىيالماستىن بىر يىلچە ساقلىدىم. [بۇخارىي رىۋايىتى4913-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1479-ھەدىس].
ئەمرۇ ئىبنى مەيمۇن: "ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خەنجەر ئۇرۇلغان كۈنى مەنمۇ بار ئىدىم، شۇ كۈنى مەن ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ بىرىنچى سەپتە تۇرمىغان ئىدىم، ئۇ ھەيۋىتىدىن كىشىلەر ئەيمىنىدىغان كىشى ئىدى" دەيدۇ. [ھىليەتۇل ئەۋلىيا 4-توم-151-بەت].
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالىنىڭ سىرتتىكى كىشىلەر ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە ۋارقىراپ سۆزلىشى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ گەپ قىلماستىن جىم تۇرۇشى ئېھتىماللىقتىن يىراق ئىش. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەن كىشى بۇنى ئەلۋەتتە ئىنكار قىلىدۇ. شەيتانمۇ ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان ھەتتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ماڭغان يولدىن قورقۇپ ماڭمايدىغان تۇرسا، ئىلگىرى ئۆتكەن سەلەپ-سالىھلاردىن ئاياللىرى ۋارقىراپ سۆزلەيدىغان ۋە ئېرىگە تىل ئۇزارتىدىغان ئەھۋاللار مەلۇم ئەمەس.
ئەمما ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىسبەت بېرىلگەن: ئايالىم مېنىڭ تامىقىمنى
ئېتىدىغان ئاشپىزىم، نېنىمنى ياقىدىغان ناۋىيىم، كىيىملىرىمنى يۇيىدۇ ۋە
بالىلىرىمنى ئېمىتىدۇ، ئەسلىدە يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ بەزىسى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەمەس
دېگەن سۆزلەر توغرا ئەمەس. چۈنكى ئۆرپ - ئادەتتە ئايالنىڭ ئېرىگە خىزمەت قىلىشى مەجبۇرىيەت
ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ بالا ئېمىتىشى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى بولۇپ،
ئايال ئەرنىڭ ئەمرىدىلا بولىدىكەن، ئېرىنىڭ بالىلىرىنى ھەقسىز ئېمىتىشى ۋاجىپ
بولىدۇ.
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بۇ ۋەقەلىكنىڭ ئەسلى يوق، ئۇنىڭ تېكىستلىرى بۇنىڭ توغرا ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋەقەلىكنى ئايالنىڭ ئېرىگە ۋارقىراپ سۆزلىشى دۇرۇس دەپ دەلىل قىلىش توغرا بولمايدۇ.
ئىككىنچى: ئايالنىڭ ئېرىگە ۋارقىراپ جاۋاب ياندۇرۇشى ئەدەپسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق بولۇپ، ئۇنداق قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا ئايالنىڭ ئېرىگە ۋارقىراپ سۆز قايتۇرۇشى توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: بىزنىڭ بۇ ئايالغا بېرىدىغان جاۋابىمىز، ئايالنىڭ ئېرىگە ئۈنلۈك ئاۋازدا جاۋاب قايتۇرۇشى ئەدەپسىزلىكتۇر. چۈنكى ئەر دېگەن ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگۈچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايالنىڭ ئېرىنى ئېھتىرام قىلىشى، سۆزلىگەندە ئەدەپ بىلەن سۆز قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئايالنىڭ ئېرىگە ئەدەپ ۋە ئېھتىرام بىلەن سۆز قىلىشى، ئۇلار ئارىسىدىكى ئۈنسى-ئۈلپەت ۋە مېھرى-مۇھەببەتنىڭ داۋاملىشىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر. شۇنىڭدەك ئەرمۇ ئايالى بىلەن شۇنداق مۇئامىلىدە بولىشى لازىم. تۇرمۇش ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِن كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰ أَن تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّـهُ فِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا تەرجىمىسى: ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» [سۈرە نىسا 19-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
بۇ ئايالغا مېنىڭ نەسىھىتىم: ئۆزى ۋە يولدىشى توغرىسىدا دائىم ئاللاھقا بولغان تەقۋادارلىقنى لازىم تۇتىشى،ئېرى تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلەۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ۋارقىراپ جاۋاب بېرىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، بەلكى ئېرىگە مۇلايىملىق بىلەن سىلىق سۆزلىشى ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. [نۇرۇن ئەلەددەرب پەتىۋاسى (192)].
بۇ ھەقتە يەنىمۇ كۆپ مەلۇمات كېرەك بولسا (125374- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا
مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى