ئەرەب بولمىغانلارنىڭ ئەرەب تىلى ئۆگىنىشى پەرزمۇ؟

 

سوئال: ئانا تىلى ئەرەبچە بولمىغان مۇسۇلمانلار چوقۇم ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەكمۇ؟ بۇنى ئۆگىنىش پەرزمۇ، مۇستەھەبمۇ ياكى؟

 

دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىكى 6524 – نومۇرلۇق سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

 

جاۋاب:

بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.

بىز «ئەرەب بولمىغانلارنىڭ ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشى پەرزمۇ؟» دېگەن سوئالنى شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىندىن سورىغانىدۇق، ئۇ شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

ئۇلار (يەنى ئەرەب بولمىغان مۇسۇلمانلار) ئەرەب تىلىنى ئىسلامىي مەقسەتلەر ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دەرىجىدە، قولىدىن كېلىشىچە ئۆگىنىشى؛ يەنى ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ رۇكۇن ياكى ۋاجىبلىرىدىن بولغان تەكبىر – تەسبىھ، سۈرە فاتىھە قاتارلىقلاردىكى سۆزلەرنى قانداق تەلەپپۇز قىلىش(تەجۋىد)نى، ئۇلارنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىشى كېرەك.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟