تەپسىر مۇيەسسەر: مۇئمىنلەرنىڭ ماللىرىدا ۋە جانلىرىدا سىنىلىدىغانلىقى

 

«تەپسىرى مۇيەسسەر» ئال ئىمران سۈرىسى 186 – ئايەتنىڭ تەپسىرى، «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

«ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ماللىرىڭلار (يەنى سەدىقە - زاكاتلارنى جايىدا ئورۇنداش ۋە ماللارغا يېتىدىغان مۇسىبەتلەر) بىلەن، ھەم جانلىرىڭلار (پەرز بولغان ئىبادەتلەر ئارقىلىق، بېشىڭلارغا كېلىدىغان يارىلىنىش، ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىڭلارنىڭ يوقاپ كېتىشىگە ئوخشاش ئەھۋاللار) بىلەن ـــ تاكى سەمىمىي مۇئمىنلەر قالغانلىرىدىن ئايرىلغانغا قەدەر ـــ چوقۇم سىنىسىلەر. سىلەر يەنە يەھۇدىي، ناسارا ۋە مۇشرىكلەردىن شېرىك سۆزلەرنى ۋە دىنىڭلارغا تىل تەكگۈزۈشكە ئوخشاش سىلەرنى بىئارام قىلىدىغان گەپلەرنى ئاڭلايسىلەر. ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر سىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سەبىر قىلىپ ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاسىي بولۇشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقساڭلار، بىلىڭلاركى، بۇ ئىرادە قىلىش ۋە بەسلىشىش كېرەك بولغان ئىشلاردىندۇر».

[سۈرە ئال ئىمران 186- ئايەت تەپسىرى].


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟