ئەللامە ئىبن قەييىم: اللە نى تونۇش بىلەن ئۇنى ياخشى كۆرۈشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە

ئەللامە ئىمام ئىبن قەييىم رحمه الله نىڭ «فەۋائىد» ناملىق كىتابىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى. 

 

لەززەت مۇھەببەتكە ئەگىشىپ كېلىدۇ. ئۇ مۇھەببەتنىڭ دەرىجىسىگە كۆرە كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولىدۇ. قاچانىكى كىشىنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگۈچىگە بولغان سۆيگۈسى كۈچەيسە، بۇنىڭ لەززىتىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ. سۆيگۈ ۋە زوق اللە نى تونۇشقا ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىشكە باغلىقتۇر. قاچانىكى، بىزنىڭ اللە توغرىسىدىكى ئىلمىمىز مۇكەممەللەشسە، بىز ئۇنى شۇنچە مۇكەممەل ياخشى كۆرەلەيمىز. شۇ ۋەجىدىن، ئاخىرەتتىكى نېمەت ۋە لەززەتنىڭ مۇكەممەللىكى ئىلىم ۋە مۇھەببەتكە باغلىقتۇر.

كىم اللە قا ۋە ئۇنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىگە ئىمان ئېيتسا ھەمدە شۇلارنى ياخشى بىلسە، اللە نى شۇنچە بەك ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ قىيامەتتە اللە بىلەن ئۇچراشقان چاغدىكى لەززەت تۇيغۇسى، اللە قا بولغان يېقىنلىقى، اللە نىڭ يۈزىگە قارىشى ۋە اللە نىڭ سۆزىنى ئاڭلىشى تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ. بۇ لەززەتكە سېلىشتۇرغاندا، باشقا ھەرقانداق لەززەت ۋە نېمەت، خۇشاللىق ۋە سۆيۈنۈش گويا دېڭىزدىكى تامچە كەبىدۇر. شۇنداق بولغانىكەن، ئەقىللىق كىشى قانداقمۇ (ئاخىرەتتىكى) كاتتا، مۇكەممەل ۋە مەڭگۈلۈك لەززەتنى قويۇپ، (بۇ دۇنيادىكى) ئازاب ئارىلاشقان زەئىپ ۋە ئۆتكۈنچى لەززەتنى تاللايدۇ؟ كىشىنىڭ مۇكەممەللىكى ئىلىم ۋە مۇھەببەتتىن ئىبارەت ئىككى ئامىلغا باغلىقتۇر. شۇنداقلا، ئىلىمنىڭ ئەڭ كاتتىسى اللە توغرىسىدىكى ئىلىمدۇر. مۇھەببەتنىڭ ئەڭ كاتتىسى اللە ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشتۇر. ھەقىقەتەن، ياردىمى تەلەپ قىلىنغۇچى زات اللە تۇر. 


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟