قەبرە توغرىسىدا ئىبرەتلىك ئىككى ھەدىس
1. ئابدۇللاھ ئىبنى بەھىير مۇنداق دەيدۇ: مەن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ
ئازادگەردىسى ھانىئنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
قەبرە بېشىغا بېرىپ قالسا، ساقىلى ھۆل بولۇپ كەتكىچە يىغلايتتى. ئۇنىڭدىن:
_ سەن جەننەت بىلەن دوزاخ تىلغا ئېلىنسا يىغلىماي، بۇنىڭغا يىغلامسەن؟ _
دەپ سورالغانىدى، ئۇ:
_ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: "قەبرە ئىنساننىڭ ئاخىرەتتىكى
تۇنجى ئورنى بولۇپ، ئەگەر شۇ يەردىن قۇتۇلالىسا ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ئاسان بولىدۇ.
ئەگەر ئۇ يەردىن قۇتۇلالمىسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى تېخىمۇ تەس. مەن قەبرىدىنمۇ
قورقۇنچلۇق يەر كۆرمىدىم" دېگەنىدى – دەپ جاۋاب بەردى.
تىرمىزى 2308 – ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ باھالىغان.
2. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: "شەكسىزكى، قەبرە (مېيتنى) قاتتىق سىقىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن بولسا ئىدى، سەئىد ئىبنى مۇئاز قۇتۇلغان بولاتتى"
[سەھىھۇل
جامى، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ باھالىغان].
بۇ
ھەدىستە سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە بىر
ئاز توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ:
(1)
سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
مەلۇم بىر يىپەكنىڭ يۇمشاقلىقىدىن ھەيران بولۇشقان ساھابىلەرگە "سەئىد ئىبنى
مۇئازنىڭ جەننەتتىكى قولياغلىقى بۇنىڭدىنمۇ يۇمشاق" دېگەن. يەنە بۇ كىشى مۇھەققەق ئەھلى جەننەتتىندۇر.
(2) يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە،
"رەھمان تائالانىڭ ئەرشى سەئىد ئىبنى مۇئازنىڭ ئۆلۈمىدىن تەۋرەپ كەتتى"
دېيىلگەن. بۇ ھەدىسنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىڭ: "https://uyislam.blogspot.com/2019/02/blog-post_13.html"
دېمەك، سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنە شۇ
قەدەر پەزىلەتلىك زات بولۇشىغا قارىماستىن، يەنىلا قەبرىدىكى ئاشۇ خىل سىقىلىشتىن
مۇستەسنا بولالمىغان. شۇڭا تەقۋا، پەزىلەت جەھەتتە بۇ پېشۋالىرىمىز بىلەن
سېلىشتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان بىزگە ئوخشاش غەپلەتتىكى بەندىلەر قەبرىدىكى ئاشۇ
ھالەتتە كۆپ ئەسلەشكە ۋە شۇ ئارقىلىق ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىشقا
تىرىشىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا بىزلەرنى قەبرە ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن
ساقلىغاي!
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.