«ئاللاھنىڭ ئەرشى سەئىد ئىبنى مۇئازنىڭ ئۆلۈمىدىن تەۋرەپ كەتتى» دېگەن ھەدىسنىڭ شەرھى

سوئال: «سەھىھۇل بۇخارى»دىكى 3803 نومۇرلۇق ھەدىستە «ئاللاھنىڭ ئەرشى (بەزى رىۋايەتلەردە «رەھماننىڭ ئەرشى» دەپ كېلىدۇ) سەئىد ئىبنى مۇئاز (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ ئۆلۈمىدىن تەۋرەپ كەتتى» دېيىلگەنىكەن. بۇ يەردىكى «ئاللاھنىڭ ئەرشىنىڭ تەۋرەپ كېتىشى»نىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويالارلىمۇ؟ ئەرش دېگەن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالغان نەرسە تۇرسا، ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان بۇ ئەرش قانداقسىگە ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدىن بىرىنىڭ (يەنى سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ) ئۆلۈمى سەۋەبلىك تەۋرەپ كېتىدۇ؟ بۇ بىرەر نۇقساننىڭ ئىپادىسىمۇ ياكى؟ نەئۇزۇبىللاھ! مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا.

مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى ئىسلام سوئال  جاۋابلىرى تورى (islamqa.info) دىكى 197531  نومۇرلۇق پەتىۋا. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

جاۋاب: 
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئالدى بىلەن، ئىمام بۇخارى (3803) ۋە ئىمام مۇسلىم (2466) جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئەرش سەئىد ئىبنى مۇئازنىڭ ئۆلۈمىدىن تەۋرەپ كەتتى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
ئىمام زەھەبىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ مۇتەۋاتىر ھەدىستۇر. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇ سۆزنى ئېيتقانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن» [ « العلو للعليالغفار » 89  بەت].
«فوائده» دا بۇ ھەدىسنىڭ تولۇق نۇسخىسىمۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: ئەبۇسەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئەرش رەببى ئەززە ۋەجەللەنىڭ خۇشاللىقى سەۋەبلىك، سەئىد ئىبنى مۇئازنىڭ ئۆلۈمىدىن تەۋرەپ كەتتى» [شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ «ئەسسەھىھە» 1288  نومۇردا بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىنى «جەييىد» دەپ باھالىغان.

ئىككىنچى:
بىز ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنى ۋە غەيىبكە ئالاقىدار ھەدىسلەرنى چوقۇم قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. شەيخ ئاجۇررى «شەرىئەت» (3/1146)تە ۋەلىد ئىبنى مۇسلىمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مەن ئەۋزائىيدىن، (سۇفيان) ئەسسەۋرىدىن، مالىك ئىبنى ئەنەستىن ۋە لەيس ئىبنى سەئىدتىن ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىگە ئالاقىدار ھەدىسلەر (نى قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكى) توغرۇلۇق سورىدىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى <ئۇ ھەدىسلەرنى تەپسىر قىلماي، ئۆز پېتى قوبۇل قىل> دېيىشتى. يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە، ئۇلار <ئۇ ھەدىسلەرنى <قانداق؟> دەپ سوئال قويماستىن، ئۆز پېتى قوبۇل قىل» دېيىلگەن.[ئىمام بەيھەقى «ئەلئېتىقاد» 118  بەتتە رىۋايەت قىلغان].
138920  ۋە 178915  نومۇرلۇق سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىمىزدا، بىز ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدىكى ئېتىقادىنى چۈشەندۈرۈپ، «ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسى بويىچە، (قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق بىزگە يېتىپ كەلگەن) ئاللاھنىڭ ئىسىم  سۈپەتلىرىنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئۇلارنى شۇ سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىگە بىنائەن ئۆز پېتى قوبۇل قىلىمىز. ئاللاھنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىنىڭ كەيپىياتى ۋە ماھىيىتى ھەققىدىكى ئىلىمنى ئاللاھقا قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاللاھنىڭ ئىسىم  سۈپەتلىرىنىڭ كەيپىياتى ۋە ماھىيىتىنى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ھەرقانداق بىرىنىڭ سۈپىتىگە قىياسلاپ تۇرۇپ چۈشەنگىلى بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەنىدۇق.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز رەھمان تەئالانىڭ ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالغانلىقىغا ئىمان ئېيتىمىز، شۇنداقلا بىز يەنە ئەرشنىڭ سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك (مەجازىي مەنىدە ئەمەس) ھەقىقىي تەۋرىگەنلىكىگە ئىمان ئېيتىمىز. يۇقىرىدا نەقىل قىلغىنىمىزدەك، بەزى ھەدىسلەردە، <ئەرشنىڭ سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلۈمىدىن تەۋرىشى ئاللاھنىڭ خۇشاللىقى سەۋەبلىك بولغان> دېيىلگەن. لېكىن، بىز «رەھمان تەئالا ئەرش ئۈستىدە زادى قانداق شەكىلدە قارار ئالدى؟» دەپ سوئال قويالمىغىنىمىزدەك، «ئەرش سەئىد ئىبنى مۇئازنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك قانداق تەۋرىگەن؟» دەپمۇ سوئال قويالمايمىز. ئەكسىچە، بىز بۇ ئىشنىڭ كەيپىياتىنى چۈشەندۈرۈشكە، ئەرشنىڭ تەۋرىشىنى باشقا نەرسىنىڭ تەۋرىشىگە ئوخشىتىشقا ئۇرۇنماستىن، بۇ ھەدىسنى ئۆز پېتى قوبۇل قىلىمىز.
ئىمام زەھەبىي رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دەيدۇ:
«ئەرش ئاللاھ ياراتقان مەخلۇق بولۇپ، ئۇ ئاللاھقا بويسۇنىدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئەرشنىڭ تەۋرىشىنى ئىرادە قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن تەۋرەيدۇ. ئاللاھ ئوھۇد تېغىغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرگۈزگەنگە ئوخشاش، ئەرشكىمۇ سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ياخشى كۆرگۈزگەن...» ["سير أعلام النبلاء" (3/ 183-184)].
ئىمام بەغاۋى رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دەيدۇ:
«بىز بۇ ھەدىسلەرنى ئۆز پېتى قوبۇل قىلىشىمىزكېرەك. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئوھۇد تېغى بىزنى ياخشى كۆرىدۇ، بىزمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمىز» دېگەن. جانسىز نەرسىلەرنىڭ پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالار (ئاللاھنىڭ دوستلىرى)سەۋەبلىك تەۋرىشى ئىنكار قىلىنمايدۇ. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئەبۇ بەكر، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم ئوھۇد تېغىنىڭ ئۈستىدە تۇرغان ۋاقتىدا، ئوھۇد تېغى تەۋرەپ كەتكەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (يېڭى ياسالغان مۇنبەردە خۇتبە سۆزلەشكە باشلىغاندا)، رەسۇلۇللاھ ئەسلىدە خۇتبە سۆزلىگەندە يۆلىنىدىغان خورما كۆتىكى (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قىيالماي) ئازابلىنىپ تىترەپ، ئىڭراپ كەتكەن» [«شرح السنة» (14/180-181)].
شەيخۇل ئىسلام ئىبن تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«(ئەرشنىڭ سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك تەۋرىگەنلىكىگە ئالاقىدار ھەدىسلەرنى) ھەدىستىكى ئىبارىلەرگە زىت ھالدا، «ئەرش ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنىڭ خۇشاللىقى سەۋەبلىك تەۋرىگەن» دەپ خاتا شەرھلىگۈچىلەر ئۆز سۆزىگە دەلىل كەلتۈرۈشى كېرەك» [«مجموع الفتاوى» (6/554)].

ئۈچىنچى:
ئەرشنىڭ مەخلۇقلاردىن بىرىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك تىترىشى ھەرگىزمۇ ئاللاھ تەئالادا ھەرقانداق بىر نۇقسان بارلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ (ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ھەرقانداق كەمچىلىك  نۇقسانلاردىن پاكتۇر). بىز بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە بۇ ھەدىسنى «ئەرش سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ روھىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خۇشاللىنىپ تەۋرىگەن» دەپ چۈشەنسەك؛ ياكى «كىمكى ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرسە، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. كىمكى ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۆچ كۆرسە، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۆچ كۆرىدۇ» [«سەھىھۇل بۇخارى» 6507  نومۇر، «سەھىھۇل مۇسلىم» 2583 - نومۇر] دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن، «ئەرش ئاللاھ تەئالانىڭ سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇچرىشىشتىن خۇشال بولغانلىقى سەۋەبلىك تەۋرىگەن» دەپ چۈشەنسەك، بۇ ھەدىسنىڭ ئاتالمىش «نۇقسان» بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟؟؟ 
بۇ سەۋەبلىك (يەنى ئەرشنىڭ تەۋرىگەنلىكى سەۋەبلىك) قانداقمۇ ئەرشتە نۇقسان بار ياكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالادا نۇقسان بار (نەئۇزۇبىللاھ، بۇنداق قەبىھ سۆزلەردىن ئاللاھقا سېغىنىمىز) دېگىلى بولىدۇ؟؟؟
ئاساسىي پىرىنسىپ شۇكى، بىز سۆزلىرىمىزدە ھەدىسلەرنىڭ سەھىھلىكىنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك. ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەرشنىڭ سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك تەۋرىگەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس ھەرقانداق شەك  شۈبھىدىن خالىي، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەن مۇتەۋاتىر ھەدىستۇر. 
ئەرشنىڭ تەۋرىشى، ئاسماننىڭ غىچىرلىشى قاتارلىقلار ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانىڭ سۈپەتلىرى ئەمەس. ئەكسىچە، ئەرشنىڭ تەۋرىشى پەقەتلا ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدىن بىرى بولغان ئەرشنىڭ سۈپىتىدۇر.
ئىمام زەھەبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«ئاسماننىڭ غىچىرلىشىنىڭ ئاللاھنىڭ سۈپىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ئەكسىچە، ئۇ ئەرشنىڭ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك تەۋرىشىگە ۋە قىيامەت كۈنى ئاسماننىڭ پارچە پارچە يېرىلىشىغا ئوخشاشتۇر (يەنى مەخلۇقنىڭ سۈپىتىدۇر)» [انتهى من "العلو" (107)]
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ئۈچۈن، 128724  نومۇرلۇق سوئالغا بېرىلگەن جاۋابقا قاراڭ.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟