رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟

دەۋرىمىزدە ناخشا - مۇزىكىنىڭ كىشىلەر ئارىسىغا كەڭ يېيىلغانلىقى، بولۇپمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن فېيسبوك، ۋاتسئەپ  ۋە باشقا ئومۇملاشقان تاراتقۇلاردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋىدىيولاردا، مەزمۇنى ساغلام دېيىلگەن پروگراممىلارنىڭ مۇقەددىمە - خاتىمىلىرىدە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى، ھەتتا خېلى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان  قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ناخشا - مۇزىكا ئاڭلاشقا ئادەتلىنىپ قالغانلىقى بەس - مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان رېئاللىقتۇر. ئۇنداقتا، بۇ ئىشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟

تۆۋەندىكىلىرى ناخشا - مۇزىكىنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى توغرىسىدىكى بىر قانچە ھەدىس:

1. ئەبۇ ئامىر ئەشئەرىي ۋە ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رضي الله عنهما  ئىككەيلەن رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: چوقۇمكى، ئۈممىتىمدىن زىنا- پاھىشە، يىپەك، ھاراق ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ھالال سانايدىغان بىر بۆلۈك ئادەملەر چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قىيامەتكىچە مايمۇن، چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىدۇ.- سەھىھ ئىبنى ھىببان 6719- ھەدىس؛ ئەبۇداۋۇد 4039- ھەدىس؛ سەھىھۇلبۇخارىي 5590- سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 91 - ھەدىس

2. ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: چوقۇمكى، ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك ئادەملەر ھاراقنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئىچىدۇ، باشلىرىدا نەغمە - مۇزىكىلار چېلىنىدۇ، ئايال ناخشىچىلار ناخشا ئېيتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى زېمىنغا يۇتقۇزىۋېتىدۇ، ئۇلاردىن بىر قىسمىنى مايمۇن، چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ (بۇخارىي تەئرىخ 967- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 6721- ھەدىس؛ ئىبنى ماجە 4020- سەھىھ ھەدىس)


3.ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: چوقۇمكى ئاللاھ ھاراقنى، قىمارنى، ناغرا - دۇمباقنى ھارام قىلدى (ئەھمەد 2476- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 5341- ھەدىس؛ مىشكات مەسابىھ 4503- ھەدىس؛ سەھىھ ھەدىس توپلىمى 1708 - ھەدىس. ئەسكەرتىش: ناغرا- دۇمباقنى ئېنىق بىلمەكچى بولسىڭىز: ‹‹الْكُوبَةُ››، ‹‹الطَّبْلُ›› نىڭ سۈرىتىنى google دىن ئىزدەپ بېقىڭ.

يۇقىرىقى ھەدىسلەرنى ئوقۇغانكەنمىز، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زىنا- پاھىشە قاتارىدا ھارام سانىغان ھارام مۇزىكىنى قەتئىي ئاڭلىمايلى ھەم تەشۋىق قىلمايلى!
ناخشا - مۇزىكىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى تېخىمۇ تەپسىلىي دەلىللەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى بەتلەرنى زىيارەت قىلىڭ:

(1) ناخشا - مۇزىكىنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى

(2) بىن باز: قۇرئان-سۈننەت ۋە ئۆلىمالارنىڭ يولى ئارقىلىق ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى دەلىللەش



مۇزىكا ھارام

مۇزىكا ھارام


ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ