ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەييارلىدى.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
1. تاڭ ئاتقاندا ـــ «اللَّهُمَّ بِكَ أَصْبَحْنَا وَبِكَ
أَمْسَيْنَا وَبِكَ نَحْيَا وَبِكَ نَمُوتُ وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ»
مەنىسى: ئى
ئاللاھ! سېنىڭ ئىزنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇزىمىز ۋە سېنىڭ ئىزنىڭ بىلەن كەچ قىلىمىز. سېنىڭ ئىزنىڭ بىلەن ياشايمىز
ۋە سسېنىڭ ئىزنىڭ بىلەن ئۆلىمىز. تىرىلىش سەن تەرەپكىدۇر.
[جامىئۇت تىرمىزى 3391 – ھەدىس].
كەچ
قىلغاندا ـــ «اللَّهُمَّ بِكَ أَمْسَيْنَا وَبِكَ
أَصْبَحْنَا وَبِكَ نَحْيَا وَبِكَ نَمُوتُ وَإِلَيْكَ النُّشُورُ»
مەنىسى: ئى
ئاللاھ! سېنىڭ ئىزنىڭ بىلەن كەچ قىلىمىز ۋە سېنىڭ ئىزنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇزىمىز. سېنىڭ ئىزنىڭ بىلەن ياشايمىز
ۋە سېنىڭ ئىزنىڭ بىلەن ئۆلىمىز. قايتىش سەن تەرەپكىدۇر. [جامىئۇت تىرمىزى 3391 – ھەدىس].
2. سەييىدۇل
ئىستىغفار ـــ ئىستىغفارلارنىڭ خوجىسى
«اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي، لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ، خَلَقْتَنِي
وَأَنَا عَبْدُكَ، وَأَنَا عَلَى عَهْدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ، أَعُوذُ
بِكَ مِنْ شَرِّ مَا صَنَعْتُ، أَبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَ عَلَىَّ وَأَبُوءُ لَكَ
بِذَنْبِي، فَاغْفِرْ لِي، فَإِنَّهُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ أَنْتَ»
مەنىسى: ئى
ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىم سەن. سەندىن بۆلەك ئىلاھ يوق. سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن
سېنىڭ بەندەڭمەن. ساڭا ئىمان ئېيتىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بەرگەن ۋەدەمدە
كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بەرقارارمەن. ساڭا سېغىنىپ يامان قىلمىشلىرىمدىن پاناھ تىلەيمەن.
سېنىڭ ماڭا بەرگەن نېمەتلىرىڭىنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھلىرىمنى ئىقرار قىلىمەن.
مېنى مەغفىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغفىرەت قىلىسەن
شەدداد
ئىبنى ئەۋس رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ دۇئا ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «كىمكى يۇقىرىقى دۇئانى (يەنى سەييىدۇل
ئىستىغفارنى) كۈندۈزى ئىخلاس بىلەن ئوقۇپ، ئاندىن كەچ كىرگۈچە ئۆلسە، ئۇ جەننەت
ئەھلىدىن بولىدۇ. كىمكى ئۇنى كېچىسى ئىخلاس بىلەن ئوقۇپ، ئاندىن تاڭ ئاتقۇچە
ئۆلسە، ئۇ جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ» [سەھىھۇل بۇخارى 6306 – ھەدىس].
3. «بِسْمِ اللَّهِ الَّذِي لَا يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ»
مەنىسى:
ئىسمى (نى زىكىر قىلىش) بىلەن زېمىندا ۋە ئاسماندا ھېچنەرسە زىيان
يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن). ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ
تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
بۇ زىكىر
ھەققىدە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى «بِسْمِ
اللَّهِ الَّذِي لَا يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ» دېگەن
زىكىرنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن دەيدىكەن، ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسە زىيان
يەتكۈزەلمەيدۇ» دەيتتى [جامىئۇت تىرمىزى 3388 – ھەدىس، سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 5088 –
ھەدىس، سەھىھ].
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.


