كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.


رومانتىك كىنولارنى كۆرۈش ۋە مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى


ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 85232 – نومۇرلۇق پەتىۋا
(1) سوئال: ۋىدىيو – فىلىملەرنى كۆرۈشنىڭ ئومۇمىي ھۆكمى ۋە «ھۆججەتلىك فىلىم» دېيىلىدىغان فىلىملەرنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
كىنو كۆرۈش ــ باشقىلارنىڭ ئەۋرىتىگە قاراش، ئەخلاقسىز قىلمىشلارغا ئەگىشىپ قېلىش، مۇزىكا ۋە شەھۋانىي سۆھبەتلەرگە ئوخشاش ھارام نەرسىلەرنى تىڭشاپ قېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنى ئۈچۈن، شەكسىز ھارامدۇر.
ئەگەر فىلىملەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەردىن خالىي بولسا (مەسىلەن، توغرا ئەقىدىكى ئۇستازلارنىڭ دىنىي ئەھكاملارنى چۈشەندۈرگەن فىلىملىرى ۋە ئاسمان جىسىملىرىنى، ئاللاھنىڭ كائىناتنى نەقەدەر مۇكەممەل ياراتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان فىلىملەر دېگەندەك، ت) ئۇ ۋاقىتتا، ئاللاھنىڭ زىكرىدىن، پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىشتىن غەپلەتتە قالماسلىق شەرتى ئاستىدا بۇنداق ۋىدىيولارنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
بۇ جەھەتتە ھۆججەتلىك فىلىملەرنىڭ باشقا فىلىملەردىن پەرقى يوق.
كىنو كۆرۈشنىڭ شەخسكە ۋە ئۇممەتكە نۇرغۇنلىغان ناچار تەسىرلىرى بار، بۇلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. شەھۋەتنى قوزغايدۇ.
2. پەردازلاپ كۆرسىتىلگەن ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
3. (زىنا – پاھىشە، ھاراق – تاماكا، ناخشا – مۇزىكا قاتارلىق) جىنايەتلەرنى ئۆگىتىدۇ ھەم بۇلارنى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە توغرا قىلىپ كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا، بۇ مەينەت قىلىقلارنى قېرى – ياش ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق قىلىۋېتىدۇ.
4. نىكاھ تۇرمۇشىنى ھالاك قىلىدۇ، يەنى جورىسىنى ئېكراندىكى جەزبىدار ئەر – ئايال ئارتىسلارغا سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە، ئايال ئېرىگە، ئەر ئايالىغا سەت كۆرۈنىدىغان بولىدۇ.
5. «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى» ياكى «كەشپىياتچىلار يوقىتىش ۋە پەيدا قىلىش قۇدرىتىگە ئىگە» دېگەنگە ئوخشاش كۇفرى نەزەرىيەلەرنى؛ سېھىرگەرلىك، پالچىلىق، داخانلىق، غەيبنى بىلىش دەۋاسى قىلىش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان باتىل ئەقىدىلەرنى؛ شۇنداقلا ئىسلامنى ۋە بۇ دىننى چىڭ تۇتۇپ ماڭغان كىشىلەرنى مازاق قىلىدىغان مەزمۇنلارنى تارقىتىدۇ.
6. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدۇ، زېھىننى خورىتىدۇ، ئىنساننىڭ رېئاللىقتىن چەتنەپ خىياللار ئىچىدە ياشىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
بۇلاردىن سىرتمۇ كىنونىڭ نۇرغۇن ناچار ئاقىۋەتلىرى بار.

شەيخ ئىبن جىبرىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «تور، تېلېۋىزور، سۈنئىي ھەمراھ ۋە شۇ قاتاردىكى باشقا تاراتقۇلار، بولۇپمۇ (سەئۇدىغا نىسبەتەن) چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئارقىلىق تارقىلىۋاتقان، ياسانغان، يېرىم – يالىڭاچ ئاياللارنىڭ (شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ) كۆرۈنۈش – فىلىملىرى مىسلىسىز چوڭ پىتنىدۇر. بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگۈچى شۇ فىلىم - رەسىمدىكى ئەر – ئايال زىناخورلارنىڭ ياكى باشقا پاسىقلارنىڭ ۋە پاسىقلىق قىلىش يوللىرىنى ئۆگەتكۈچىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايمەن دېيەلمەيدۇ. بۇنداق فىلىم - رەسىملەرنى كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىنى مۇشۇ نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن توسقۇدەك ئىمانى بولمىغان ئەھۋالدا، بۇنداق فىلىم - رەسىملەرنى كۆرۈش سەۋەبلىك قوزغالغان شەھۋەت – ھېسسىياتىنى بېسىشقا قادىر بولالماسلىقى (شۇ سەۋەبلىك زىنا قىلىپ قويۇشى) ئېھتىمالغا يېقىن.
نۆۋەتتە، بۇ قەبىھ گۇناھلار ۋە ھارام نەرسىلەر ھەممە يەرگە يامراپ، كىشىلەرنى بۇزۇقچىلىققا، ئەخلاقسىزلىققا چاقىرماقتا.
بىر ئايال فىلىمدىكى نامەھرەم ئەرلەرنى كۆرگەندە، قەلبىنىڭ شۇلارغا ۋە ئەخلاقسىز ئىشلارنى قىلىشقا مايىل بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. شۇنداقلا بىر ئايال فىلىمدىكى ئەخلاقسىز، يېرىم – يالىڭاچ ھالدا پەردازلانغان ئاياللارنى كۆرگەندە، فىلىمدىكى شۇ پېرسوناژلارنى ئۆزىدىن ئەقىللىق ھەم قابىلىيەتلىك دەپ قاراپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇلارنى دوراشقا باشلايدۇ – دە، بۇ ئۇنىڭ تەقۋالىق لىباسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، يۈزىنى ئېچىشىغا، گۈزەللىكىنى ياتلارغا كۆرسىتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال باشقىلارغا نىسبەتەن مىسلىسىز بىر پىتنىگە ئايلىنىدۇ». (شەيخ ئىبن جىبرىننىڭ تور بېتىدىن ئېلىندى).
تېلېۋىزور ۋە فىلىم كۆرۈشنىڭ تېخىمۇ كۆپ خەتەرلىرىنى بىلىش ئۈچۈن، شەيخ مۇھەممەد ئەھمەد ئىسمائىلنىڭ «الإجهاز على التلفاز» دېگەن ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلىڭ.
تېلېۋىزور ۋە كىنو كۆرۈش ھەققىدە يەنە 3633-، 3324-، 1107-، 13003 – نومۇرلۇق پەتىۋالىرىمىزغا قارىسىڭىز بولىدۇ.


ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

******************************

ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 72204 – نومۇرلۇق پەتىۋا

(2) سوئال: مەن چەت ئەلنىڭ مۇھەببەت ھېكايە – رومانلىرىنى ئوقۇشقا قىزىقىمەن، گاھىدا بۇ خىل ئەسەرلەردە ئەر – ئايال پېرسوناژلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت مەنزىرىلىرى تەپسىلىيراق تەسىۋىرلىنىپ قالىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىشنى لايىق تاپتىمكى، مەن ناماز ئوقۇيدىغان، ھىجابلىنىدىغان ۋە ئاللاھتىن قورقىدىغان بىر مۇسلىمە، شۇنداقلا مەن ئوغۇللار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەتتە بولۇپ باقمىدىم. لېكىن، مەن بىر رومانتىك قىز، مەن مۇزىكا تىڭشاشنى ۋە رومانتىك كىنولارنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ خىل كىتاب ۋە كىنولاردىكى ھېكايىلەر مېنى بىئارام قىلمايدۇ. بۇنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئالدى بىلەن، مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئوقۇشنىڭ نۇرغۇن ناچار ئاقىۋەتلىرى بار، بولۇپمۇ ياش ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن. بۇ ناچار ئاقىۋەتلەر (1) شەھۋەتنىڭ قوزغىلىشى، (2) يامان خىياللارنىڭ كاللىغا كىرىۋېلىشى، (3) شۇ ھېكايىدىكى ئەر – ئاياللار پېرسوناژلارغا مەپتۇن بولۇپ قېلىش، (4) دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ھېچقانداق پايدىسى يوق، ئەكسىچە نۇرغۇن ۋاقىتتا ئىنساننىڭ دۇنيا – ئاخىرىتىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسلام ھارامغا يول ئاچىدىغان ھەرقانداق يولنى توسىدۇ. ئىسلام بىزنى (نامەھرەملەر قاتارلىق) بارلىق ھارام نەرسىلەرگە قارىماسلىققا، (مەھرەملىرىدىن باشقا) يات جىنىسلىقلار بىلەن خىلۋەتتە قالماسلىققا، ئۇلارغا ناز بىلەن گەپ قىلماسلىققا، شۇنداقلا شەھۋەت – ھېسسىياتنى قوزغايدىغان بارلىق ئەخلاقسىزلىقلاردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ھالبۇكى، مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئوقۇش دەل يۇقىرىقى بۇيرۇقنىڭ ئەكسىنى قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ھېكايىلەر كىشىلەرنىڭ يات جىنىستىكىلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش، ئۇلار بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئىستىكىنى غىدىقلايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇنىڭ ئىچىدە ئەخلاقسىز مۇھەببەت كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئۇچرىشىشلارمۇ بار. شەكسىزكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھارام.

ئىككىنچىدىن، مۇزىكا ئاڭلاش ھارام، بۇ ھەقتە بىز 5000 – ۋە 20406 – نومۇرلۇق پەتىۋالىرىمىزدا يېتەرلىك مىقداردا دەلىللەرنى كەلتۈرگەنىدۇق.

ئۈچىنچىدىن، مۇھەببەت ھېكايىسى ئوقۇش توغرىسىدىكى سۆزلىرىمىز رومانتىك كىنولارغىمۇ ماس كېلىدۇ. ئەمما، كىنو مەينەتلىك، چىركىنلىك، زىيانلىقلىق جەھەتتە تېخىمۇ خەتەرلىك. چۈنكى، كىنودا مەنە ھەرىكەتچان سۈرەت ۋە كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، كىنودا پېرسوناژلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ۋە ئەخلاقسىزلىق قىلىقلىرى شۇ پېتى كۆرسىتىلىدۇ، يەنە تېخى نۇرغۇن ۋاقىتتا بۇنىڭغا مۇزىكا يانداشتۇرۇلغان بولىدۇ. بۇلار ھەممىسى شەھۋەتنى قوزغاپ، ئەخلاقسىزلىقنى تەرغىب قىلىدۇ. بۇ نۇقتا ھەرقانداق ئەقىل ئىگىسىگە قۇياشتەك ئايدىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ ھېكايە – فىلىملەرنىڭ سىزنى بىئارام قىلماسلىقى ھەيران قالارلىق ئىش.
خۇلاسە: بۇلارنىڭ ھەممىسى ھارام، چۈنكى بۇلار ھارامغا ۋە گۇناھقا سەۋەب بولىدۇ. بۇ ئىشلارنى قىلغۇچى (يەنى مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئوقۇغۇچى، كىنو كۆرگۈچى، مۇزىكا تىڭشىغۇچى) پەۋقۇلئاددە خەتەرلىك ئەھۋالدىدۇر. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «إِنَّ اللَّهَ كَتَبَ عَلَى ابْنِ آدَمَ حَظَّهُ مِنْ الزِّنَا أَدْرَكَ ذَلِكَ لا مَحَالَةَ ، فَزِنَا الْعَيْنِ النَّظَرُ ، وَزِنَا اللِّسَانِ الْمَنْطِقُ ، وَالنَّفْسُ تَمَنَّى وَتَشْتَهِي ، وَالْفَرْجُ يُصَدِّقُ ذَلِكَ كُلَّهُ وَيُكَذِّبُهُ» «ئاللاھ ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن بولغان نېسىۋېسىنى پۈتۈۋەتكەن بولۇپ، ئادەم بۇلارنى قىلماي قالمايدۇ. كۆزنىڭ زىناسى قاراش، تىلنىڭ زىناسى سۆزلەش. قەلب ئۇنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەۋرەت ئۇنى تەستىقلايدۇ ياكى رەت قىلىدۇ» [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى (6243)، ئىمام مۇسلىم (2657) رىۋايەت قىلغان].
ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر نۇسخىسىدا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كُتِبَ عَلَى ابْنِ آدَمَ نَصِيبُهُ مِنْ الزِّنَا مُدْرِكٌ ذَلِكَ لا مَحَالَةَ ، فَالْعَيْنَانِ زِنَاهُمَا النَّظَرُ ، وَالأُذُنَانِ زِنَاهُمَا الاسْتِمَاعُ ، وَاللِّسَانُ زِنَاهُ الْكَلامُ ، وَالْيَدُ زِنَاهَا الْبَطْشُ ، وَالرِّجْلُ زِنَاهَا الْخُطَا ، وَالْقَلْبُ يَهْوَى وَيَتَمَنَّى ، وَيُصَدِّقُ ذَلِكَ الْفَرْجُ وَيُكَذِّبُهُ» «ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن بولغان نېسىۋېىسى پۈتۈۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ (نېسىۋە) ئۇنى تاپماي قالمايدۇ. كۆزنىڭ زىناسى قاراش، قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاش، تىلنىڭ زىناسى سۆزلەش، قولنىڭ زىناسى تۇتۇش، پۇتنىڭ زىناسى مېڭىش. قەلب ئارزۇ قىلىدۇ، ئەۋرەت ئۇنى تەستىقلايدۇ ياكى رەت قىلىدۇ».
بۇ مۇھىم ھەدىس ھەققىدە تەپەككۇر قىلىڭ ۋە سىز كۆرۈۋاتقان كىنولار توغرىسىدا ئويلىنىڭ. بۇ خىل فىلىملەرنى كۆرۈش كۆز زىناسىنى، قۇلاق زىناسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە قەلبمۇ شۇ سەۋەبلىك زىنانى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنى ھەق ئۈستىدە سابىت قىلغاي.
شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھارام ئىشلارنى شۇ ھامان تەرك ئېتىش ۋاجىب. گۇناھ ئۈستىگە ئىشلەنگەن گۇناھ قەلبنى قارىدىتىۋېتىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «إِنَّ الْعَبْدَ إِذَا أَخْطَأَ خَطِيئَةً نُكِتَتْ فِي قَلْبِهِ نُكْتَةٌ سَوْدَاءُ ، فَإِذَا هُوَ نَزَعَ وَاسْتَغْفَرَ وَتَابَ سُقِلَ قَلْبُهُ ، وَإِنْ عَادَ زِيدَ فِيهَا حَتَّى تَعْلُوَ قَلْبَهُ ، وَهُوَ الرَّانُ الَّذِي ذَكَرَ اللَّهُ ( كَلا بَلْ رَانَ عَلَى قُلُوبِهِمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ)» «بەندە بىر گۇناھ ئىشلىگەندە، ئۇنىڭ قەلبىدە بىر قارا چېكىت پەيدا بولىدۇ. ئۇ گۇناھىغا تەۋبە قىلسا ۋە شۇ گۇناھنى قايتا قىلمىسا ھەمدە گۇناھى ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىسە، قەلبى (قايتىدىن) پارقىرايدۇ. لېكىن، گۇناھنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە (قەلبتە پەيدا بولغان قارا چېكىتمۇ) يوغىناۋېرىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھ كىتابىدا تىلغان ئالغان {ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن ــ سۈرە مۇتەففىفىن 14 - ئايەت} (دېگەن ئايەتتىكى) «الرَّانُ» (داغ، قارا چېكىت)تۇر». بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى (3334) ۋە ئىمام ئىبنى ماجە (4244) رىۋايەت قىلغان، ئىمام ئەلبانى «سەھىھۇل تىرمىزى»دا ھەسەن دەپ باھالىغان.
سىز يەنە شۇنىمۇ ئېسىڭىزدە تۇتىشىڭىز كېرەككى، كىمكى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بىر نەرسىنى تەرك ئېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەمىمىي تەۋبە قىلىشقا ئالدىراڭ ۋە (سوئالدا تىلغا ئېلىنغان مۇھەببەت ھېكايىسى، مۇزىكا، كىنو دېگەندەك) ھارام نەرسىلەردىن دەرھال قول ئۈزۈڭ. ئۆزىڭىزگە دۇنيا – ئاخىرەتتە مەنپەئەت بېرىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇڭ. قۇرئاننى ۋە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ، يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولغاي) تەرجىمىھاللىرىنى كۆپ ئوقۇڭ. سىزگە ئاللاھنى ئەسلىتىدىغان ۋە سىزنى ئاخىرەتكە تەييارلىق قىلىشقا ئۈندەيدىغان، ھارام نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشىڭىزغا تۈرتكە بولىدىغان دىنىي دەرسلەرنى ئاڭلاڭ.
ئاللاھ سىزنى ۋە بىزنى ھىدايەت قىلغاي.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟