ئىسلامدا ئاياللارنىڭ يۈز يېپىشىنىڭ ھۆكمى

ئىسلامدا ئاياللارنىڭ يۈز يېپىشىنىڭ ھۆكمى




ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «ھىجاب رىسالىسى»دىن پارچە
ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورىدىكى 11774 - نومۇرلۇق پەتىۋا
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

سوئال: ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشى ۋاجىبمۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىشمۇ؟


جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەككى، ئاللاھنىڭ كىتابى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى، ئەقلىي دەلىل ۋە قىياسلار ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ.

1. قۇرئاندىكى دەلىللەر:
(1) ئاللاھ تائالا شۇنداق دەيدۇ: «وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِەنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَەنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَەنَّ إِلَّا مَا ظَەرَ مِنْەا ۖوَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِەنَّ عَلَىٰ جُيُوبِەنَّ ۖ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَەنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِەنَّ أَوْ آبَائِەنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِەنَّ أَوْ أَبْنَائِەنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِەنَّ أَوْ إِخْوَانِەنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِەنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِەنَّ أَوْ نِسَائِەنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُەنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْەرُوا عَلَىٰ عَوْرَاتِ النِّسَاءِ ۖ وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِەنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِەنَّ ۚ وَتُوبُوا إِلَى اللَّـە جَمِيعًا أَيُّە الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ«

]مۆمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، كۆزلىرىنى تۆۋەن قىلسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (ھارام ئىشلاردىن) ساقلىسۇن. (يولنى كۆرۈشتە لازىم بولىدىغان كۆزى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا جىلبابى، پەلىيى قاتارلىق) ئاشكارا زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن. جۇيۇب (بەدىنى، يۈزى، بوينى، كۆكرىكى) لىرىنى ھىجابى بىلەن ياپسۇن. (ئاشكارا زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار اﷲ قا تەۋبە قىلىڭلار] (سۈرە نۇر 31 – ئايەت(

بۇ ئايەتتىكى ھىجابنىڭ ۋاجىبلىقىغا دەلىللەر تۆۋەندىكىچە:
(A) ئاللاھ تائالا مۆمىن ئاياللارنى ئىپپىتىنى قوغداشقا بۇيرۇدى. ئىپپىتىنى قوغداشقا بۇيرۇش ئۆز نۆۋىتىدە ئىپپىتىنى قوغداشتا زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىش بۇيرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەقلى جايىدا بىر ئىنسان يۈزنى يېپىشنىڭ مۇشۇ تەدبىرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىگە شەك قىلمايدۇ. چۈنكى، يۈزنى ئوچۇق قويۇش باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا قارىشىغا، ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن لەززەتلىنىشىگە، ۋە شۇ ۋەجىدىن خاتا ئالاقىلەرنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «العينان تزنيان وزناهما النظر ... والفرج يصدق ذلك أويكذبه» «كۆز زىنا قىلىدۇ، ئۇنىڭ زىناسى قاراشتۇر... ئەۋرەت يا ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ، يا ئۇنى رەت قىلىدۇ» دېگەن. (سەھىھۇل بۇخارى 6612 – ھەدىس، سەھىھۇل مۇسلىم 2657 – ھەدىس(.

ئەگەر يۈزنى يېپىش بىر ئايالنىڭ ئىپپىتىنى قوغداشتىكى تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولىدىكەن، ئۇنداقتا بۇ ۋاجىبتۇر. چۈنكى ۋاسىتە مۇددىئانىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. (يەنى بىر ئىش ۋاجىب بولسا، شۇ ئىشقا ئاپىرىدىغان ۋاسىتىلەرمۇ ۋاجىب. بىر ئىش ھارام بولسا، شۇ ئىشقا ئاپىرىدىغان ۋاسىتىلەرمۇ ھارام بولىدۇ، ت(.
(B) ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە: «وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِەنَّ عَلَىٰ جُيُوبِەنَّ» (جۇيۇب (بەدىنى، يۈزى، بوينى، كۆكرىكى) لىرىنى ھىجابى بىلەن ياپسۇن) دەيدۇ. جەيب (كۆپلۈك شەكلى جۇيۇب) كىيىمنىڭ ياقىسى ۋە ئاياللار بېشىنى ئورايدىغان خىمار (ھىجاب)نى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىر ئايال بوينىنىڭ كىيىمنىڭ ياقىسىدىن كۆرۈنۈپ قالغان يېرىنى ئوراشقا بۇيرۇلغان بولسا، ئۇ يۈزىنىمۇ يېپىشقا بۇيرۇلغان بولىدۇ. چۈنكى، بۇ يەردىكى ئىما ۋە قىياس شۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەگەر بويۇن ۋە كۆكرەكنى يېپىش ۋاجىب بولسا، تېخىمۇ گۈزەل بولغان، شۇنداقلا كىشىلەرنى تېخىمۇ بەك جەلب قىلىدىغان يۈزنى يېپىش تېخىمۇ بەك ۋاجىب بولىدۇ.
(C) ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە ئەڭ سىرتىغا كىيىلگەن كىيىم قاتارلىق يوشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان تاشقى زىننەتتىن باشقا زىننەتلەرنى كۆرسىتىشنى چەكلەپ، «إِلَّا مَا ظَەرَ مِنْەا» (ئاشكارا زىننەتلىرىدىن باشقا) دېدى. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە بۇ يەردە «ئۇلار كۆرسەتكەن زىننەتلىرىدىن باشقا» دېمىدى. ئىبن مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇ، ھەسەن ئەلبەسرى، ئىبن سىرىن (ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم قىلغاي) قاتارلىق سەلەف پېشۋالىرىدىن بەزىلىرى «إِلَّا مَا ظَەرَ مِنْەا» (ئاشكارا زىننەتلىرىدىن باشقا) دېگەن ئايەتنى «ئەڭ سىرتىغا كىيىلگەن كىيىم، ۋە شۇ كىيىملەرنىڭ ئاستىدىن كۆرۈنگەن باشقا كىيىملەرنىڭ پۇچقىقى» دەپ تەپسىرلىگەن. 
ئۇنىڭ ئارقىدىنلا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئايال كىشىنىڭ بەلگىلەنگەن مەھرەملىرىدىن باشقا كىشىلەرگە زىننەتلىرىنى كۆرسىتىشىنى چەكلىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئارقىدا تىلغا ئېلىنغىنى (يەنى مەھرەملەرگە كۆرسىتىشكە بولىدىغان زىننەت) باشتىكىدىن پەرقلىق زىننەتتۇر. باشتا تىلغا ئېلىنغان زىننەت (ئەڭ سىرتىغا كىيگەن جىلباب، پەلەي قاتارلىق) سىرتقى كۆرۈنۈشتە ئايان بولىدىغان، ھەممە ئادەم كۆرەلەيدىغان، يوشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئاشكارا زىننەتلەردۇر. ئارقىدىن تىلغا ئېلىنغان زىننەت بولسا (يۈزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) ئىچكى زىننەتلەردۇر. ئەگەر بۇ (ئىچكى) زىننەتلەرنى ھەممە ئادەم كۆرسە بولىدىغان بولسا ئىدى، باشتىكى بۇيرۇقتىن باشقا يەنە بىر خاس بۇيرۇق قىلىنمىغان بولاتتى.

(D) ئاللاھ جەللە ۋەئەلانىڭ ئاياللارنىڭ ئىچكى زىننەتلىرىنى «يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار)»غا ۋە «يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلار»غا كۆرسىتىشكە يول قويغانلىقى تۆۋەندىكىدەك ئىككى نۇقتىنى چۈشەندۈرىدۇ:
بىرىنچى، ئىچكى زىننەتلەرنى نامەھرەملەردىن پەقەت مۇشۇ ئىككى تۈردىكىلەرگىلا كۆرسىتىشكە بولىدۇ. 
ئىككىنچى، بۇ بۇيرۇقنىڭ قىلىنىشىدا، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا مەپتۇن بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنغان. شۇنىسى شەكسىزكى، يۈز گۈزەللىك ۋە جەزبىدارلىقنىڭ مەنبەسى. شۇ ۋەجىدىن ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ يۈزىگە قاراپ شەھۋەتلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، يۈزنى يېپىش ۋاجىب.

(E) ئاللاھ تائالانىڭ «وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِەنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِەنَّ» (زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن) دېگەن سۆزى پۇتقا سېلىنغان يوشۇرۇن زىننەت بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن دېگەنلىكتۇر. ئايال كىشى پۇتىنى يەرگە ئۇرۇپ، پۇت بىلەيزۈكىدىن چىققان ئاۋاز ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشتىن چەكلەنگەن تۇرسا، ئۇنداق يۈزنى ئوچۇق قويۇشقا نېمە دېيىش كېرەك؟
بۇ ئىككى ئىشتىن، يەنى (1) كىملىكى، ياش – قېرىلىقى، سەت – چىرايلىقلىقىنى بىلمىگەن بىر ئايالنىڭ پۇتىدىكى بىلەيزۈكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن (2) ياش، چىرايلىق، ئۆزىنى جەلب قىلغان بىر ئايالنىڭ يۈزىگە قاراشنىڭ، قايسىسىنىڭ پىتنىسى چوڭ؟؟؟
ئايال كىشىگە نىسبەتەن ھېسسىياتى بار ھەرقانداق ئەركەك بۇ ئىككى ئەزادىن قايسىنىڭ يوشۇرۇلۇشقا بەكرەك لايىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

(2) ئاللاھ تائالا شۇنداق دەيدۇ: «وَالْقَوَاعِدُ مِنَ النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا يَرْجُونَ نِكَاحًا فَلَيْسَ عَلَيْەنَّ جُنَاحٌ أَن يَضَعْنَ ثِيَابَەنَّ غَيْرَ مُتَبَرِّجَاتٍ بِزِينَةٍ ۖ وَأَن يَسْتَعْفِفْنَ خَيْرٌ لَّەنَّ ۗ وَاللَّـە سَمِيعٌ عَلِيمٌ» [ياتلىق بولۇشنى خالىمايدىغان ياشانغان ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا (رىدا، نىمچىغا ئوخشاش) تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە (ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئادەتتىكى كىيىملىرى بىلەن يۈرسە)، ھېچ گۇناھ يوقتۇر، لېكىن تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىشتىن ساقلانسا ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر. اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر] (سۈرە نۇر 60 – ئايەت(.
بۇ ئايەتتىكى پاكىت شۇكى، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، قېرىپ كەتكەنلىكتىن توي قىلىشتىن ئۈمىدى يوق ئاياللارنىڭ شاللاقلىقنى مەقسەت قىلمىغان شەرت ئاستىدا (رىدا، نىمچىغا ئوخشاش) تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ خىل رۇخسەتنىڭ ياشانغان ئاياللارغىلا قارىتىلىشى توي قىلىشتىن ئۈمىدى بار ياش ئاياللارغا قارىتا ھۆكۈمنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر تاشقا كىيىملەرنى سېلىۋەتسە بولىدىغانلىق رۇخسىتى ھەممىگە ئومۇمىي بولسا ئىدى، بۇ يەردە ياشانغان ئاياللارنى مەخسۇس تىلغا ئېلىشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى.
ئايەتتىكى «غَيْرَ مُتَبَرِّجَاتٍ بِزِينَةٍ» [زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا] دېگەن ئىبارىمۇ توي قىلىشتىن ئۈمىدى بار ياش ئاياللارغا يۈز يېپىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، نورمالدا ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئوچۇق قويۇشى تەبەررۇج قىلىش، گۈزەللىكىنى كۆرسىتىش، ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىش، ئۇلارنى مەپتۇن قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مەقسەتتە يۈزىنى ئوچۇق قويىدىغانلار كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا ھۆكۈم ئاز سانلىقلارنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا چىقىرىلمايدۇ.

(3) ئاللاھ تائالا شۇنداق دەيدۇ: «لَّا جُنَاحَ عَلَيْەنَّ فِي آبَائِەنَّ وَلَا أَبْنَائِەنَّ وَلَا إِخْوَانِەنَّ وَلَا أَبْنَاءِ إِخْوَانِەنَّ وَلَا أَبْنَاءِ أَخَوَاتِەنَّ وَلَا نِسَائِەنَّ وَلَا مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُەنَّ ۗوَاتَّقِينَ اللَّـە ۚ إِنَّ اللَّـە كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَەيدًا» [ئۇلارغا (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا) ئاتىلىرى بىلەن، ئوغۇللىرى بىلەن، قېرىنداشلىرى بىلەن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، مۆمىن ئاياللار بىلەن، قول ئاستىدىكى دېدەكلەر بىلەن كۆرۈشۈش ھېچ گۇناھ ئەمەس، (ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى!) اﷲ تىن قورقۇڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر] (سۈرە ئەھزاب 55 – ئايەت(.
ئىبن كەسر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا ئاياللارنى نامەھرەملەرنىڭ ئالدىدا ھىجابلىنىشقا بۇيرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ ئالدىدا ھىجابلانمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ خۇددى سۈرە نۇردىكى «(ئاشكارا زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن... باشقىلارغا كۆرسەتمىسۇن» دېگەن ئايەتتىكى ئامدىن خاسنى ئايرىۋېلىشقا ئوخشايدۇ«.

2. سۈننەتتىكى يۈز يېپىشنىڭ ۋاجىبلىقىغا دەلىللەر
(1) پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «إذا خطب أحدكم إمرأة فلا جناح عليە أن ينظر منەا إذا كان إنما ينظر إليەا لخطبة وإن كانت لاتعلم» (بىرىڭلار بىر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇنىڭغا قارىسا گۇناھ بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇ ئاشۇ ئايالغا توي تەكلىپى قويۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ھالدا، ئايال كىشى دىققەت قىلمىغاندا بولسىمۇ ئۇنى كۆرۈشى كېرەك). بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان بولۇپ، «مجمع الزوائد» نىڭ مۇئەللىپى ئەلىي ئىبن ئەبۇبەكىر ھەيسەمى «بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرى ئىشەنچىلىك كىشىلەردۇر» دېگەن.
بۇ ھەدىستىكى دەلىل شۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىراۋنىڭ توي قىلىش مەقستىدە، ئۆزى ئۆيلەنمەكچى بولغان ئايالغا قارىسا گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ بىراۋنىڭ ئۆزى توي قىلىش مەقسىتىدە بولمىغان نامەھرەم ئايالغا قارىسا گۇناھ بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا توي قىلىشنى نىيەت قىلغۇچىمۇ كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق باشقا ھەرقانداق مەقسەتتە قارىسا گۇناھكار بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئەگەر «بۇ ھەدىستە قەيەرگە قاراش ئېنىق قەيت قىلىنمىغان، قاراش ئوبيېكتى كۆكسى قاتارلىق جايلار بولىشىمۇ مۇمكىن» دېيىلسە، جاۋابىمىز شۇكى: ئۆيلىنىش نىيىتىدىكى بىر ئەر ئۆزى ئۆيلەنمەكچى بولغان ئايالنىڭ سەت – چىرايلىقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن يۈزىگە قارايدىغانلىقى مۇھەققەق.
(2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنى ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان نامازگاھ (مۇسەللا) قا چىقىشقا بۇيرۇغاندا، ئۇلار: «يا رەسۇلۇللاھ! بەزىلىرىمىزنىڭ جىلبابى يوق» دېيىشكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا: «لتلبسەا أُختەا من جلبابەا» «ھەمشىرىسى جىلبابىدىن بىرنى ئۇنىڭغا بەرسۇن» دېگەن. (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس(.
مەزكۇر ھەدىس رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدىكى ئاياللارنىڭ جىلبابسىز سىرتقان چىقمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. جىلباب كىيىش بۇيرۇقى ئەلۋەتتە تولۇق ئورۇنۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
(3) سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھانىڭ شۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بامدات نامىزىنى ئوقۇيتتى، مۆمىن ئاياللارمۇ ھىجابلىرىغا ئورانغان ھالدا كېلىپ نامازغا قاتنىشاتتى. ئۇلار نامازدىن قايتقاندا، قاراڭغۇلۇق تۈپەيلى ھېچكىم ئۇلارنى تونۇۋالالمايتتى. ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا ھەدىسنىڭ داۋامىدا شۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللاردىن بىز كۆرگەننى كۆرسە ئىدى، بەنى ئىسرائىل ئاياللىرىنىڭ مەسجىدكە كېلىشى چەكلەنگىنىدەك، ئۇلارنى مەسجىدكە كېلىشتىن چەكلىگەن بولاتتى«.
ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان.
بۇ ھەدىستە تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك دەلىل بار:
بىرىنچى: ھىجابلىنىش ۋە ئورىنىش بۇ ئۇممەتنىڭ ئەڭ ياخشى كىشىلىرى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ شەرەپلىك ساھابىلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئادىتى ئىدى. 
ئىككىنچى، پەۋقۇلئاددە ئىلمى، چوڭقۇر دىنىي چۈشەنچىسى بىلەن تونۇلغان مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا ۋە ساھابىلەرنىڭ ئەڭ ئىلىمدارلىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇ «ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللاردىن بىز كۆرگەننى كۆرسە ئىدى، ئۇلارنى مەسجىدكە كېلىشتىن چەكلىگەن بولاتتى» دېيىشكەن. بۇ ئەڭ ياخشى كىشىلەرنىڭ زامانىدا دېيىلگەن سۆز، ئۇنداقتا ھازىرقى ئەھۋالغا نېمە دېگۈلۈك؟

(4) ئىبن ئۇمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مَنْ جَرَّ ثَوْبَە خُيَلاءَ لَمْ يَنْظُرْ اللَّە إِلَيْە يَوْمَ الْقِيَامَةِ» «كىمكى تەكەببۇرلۇق يۈزىسىدىن كىيىمىنى سۆرىۋالىدىكەن، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا (رەھمەت نەزىرى بىلەن) قارىمايدۇ» دېگەندە، ئۇممۇ سەلەمە رەزىياللاھۇ ئەنھا: «(ئۇنداقتا) ئاياللار كىيىمىنىڭ ئاستىنى قانداق قىلىدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يُرْخِينَ شِبْرًا» «(پاچىقىدىن) بىر غېرىچ ساڭگىلاتسۇن» دېدى. ئۇممۇ سەلەمە رەزىياللاھۇ ئەنھا يەنە: «(ئۇنداقتا) پۇتى كۆرۈنۈپ قالسىچۇ؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «فَيُرْخِينَە ذِرَاعًا لا يَزِدْنَ عَلَيْە» «(پاچىقىدىن) بىر بىلەك (قەدىمىي ئۇزۇنلۇق بىرلىكى) ساڭگىلاتسۇن، ئۇنىڭدىن ئۇزۇن بولمىسۇن» دېدى. بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئەلبانى «صحيح الترمذي»دا سەھىھ دەپ باھالىغان. 
بۇ ھەدىس ئاياللارنىڭ پۇتىنى يېپىشىنىڭ ۋاجىبلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ساھابىلەرنىڭ ئاياللىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ئارىسىدا ھەممە بىلىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىسى شەكسىزكى، پۇتنىڭ پىتنىگە سەۋەب بولۇش نىسبىتى يۈز ۋە قولنىڭكىدىن تۆۋەن. شۇنداق بولغانىكەن، پىتنىسى نىسبەتەن تۆۋەن بىر ئىش ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۆز نۆۋىتىدە پىتنىسى ئۇنىڭدىن ئېغىر بولغان ئىش ھەققىدىكىمۇ ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. پىتنىسى نىسبەتەن تۆۋەن بىر ئەزانى يېپىپ، پىتنىسى ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان ئەزانى ئوچۇق قويۇشقا يول قويۇش شەرىئەتنىڭ ھېكمەت تەقەززاسىغا زىتتۇر. بۇ ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ۋە شەرىئىتىگە نىسبەت بېرىش مۇمكىن بولمايدىغان زىتلىقتۇر.

(5) ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە (ھەجدە) ئىھرامدا تۇرغىنىمىزدا ئاتلىق كىشىلەر يېنىمىزدىن ئۆتەتتى. ئۇلار بىزگە يېقىن كەلگەندە بىز جىلبابىمىزنى بېشىمىزدىن چۈشۈرۈپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق. ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق» ئەبۇداۋۇد 1562 – ھەدىس.

ھەدىستىكى «ئۇلار بىزگە يېقىن كەلگەندە بىز جىلبابىمىزنى بېشىمىزدىن چۈشۈرۈپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق» دېگەن جۈملە يۈز يېپىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، نورمال ئەھۋالدا، ئىھرامدىكى ھالەتتە يۈزگە نىقاب كىيىش چەكلىنىدۇ. ئەگەر بۇ چەكلىمىگە قارشى يول تۇتقۇدەك كۈچلۈك بىر سەۋەب بولمىغان بولسا، ياندىن ئاتلىق كىشىلەر ئۆتكەن تەقدىردىمۇ يۈزنى ئوچۇق قويۇش كېرەك بولغان بولاتتى. دېمەك، بىر ۋاجىب (ئىھرامدىكى ۋاقىتتا يۈزگە نىقاب تاقىماسلىق ۋاجىبى) نى پەقەت يەنە بىر ۋاجىب (نامەھرەم ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈز يېپىش ۋاجىبى)لا ئەمەلدىن قالدۇرالايدۇ.  ئەگەر نامەھرەملەرنىڭ ئالدىدا يۈز يېپىش ۋاجىب بولمىغان بولسا، (ئائىشە ئانىمىز) ئىھرامدىكى ھالەتتە يۈزىنى يېپىۋالمىغان بولاتتى. ئاياللارنىڭ ئىھرامدىكى ۋاقىتتا يۈزىگە نىقاب، قولىغا پەلەي كىيىشتىن چەكلەنگەنلىكى سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىملاردىكى ھەدىسلەر بىلەن سابىتتۇر. بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىڭ ___ http://uyislam.blogspot.com/2018/09/blog-post_27.html .
شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ (ئىھرامدا يۈزنى ياپماسلىق ۋە پەلەي كىيمەسلىك چەكلىمىسى) شۇ ۋاقىتتا نىقاب ۋە پەلەي كىيىشنىڭ ئاياللار ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئىش ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇلارنىڭ يۈزى ۋە قولىنى ياپىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ«.
يۇقىرىقىلار قۇرئان – سۈننەتتىكى دەلىللەردىن بەزىلىرى.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئەقلىي دەلىللەر تۆۋەندىكىچە:
ئەگەر بىز ئاياللارنىڭ يۈزىنى نامەھرەم ئەرلەرگە كۆرسىتىشى ھەققىدە ئويلىنىدىغان بولساق، بۇنىڭ نۇرغۇن ناچار ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بايقىيالايمىز. 
ھەتتا ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئوچۇق قويۇشىدا بەزى مەنپەئەتلەر بار دېگەن تەقدىردىمۇ، بۇ مەنپەئەتلەر ئۇنىڭ زىيىنىغا سېلىشتۇرغاندا يوقنىڭ ئورنىدىدۇر. بۇ خىل ناچار ئاقىۋەتلەرنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. پىتنە. بىر ئايال يۈزىنى ئېچىۋەتكەندىن كېيىن، يۈزىنى تېخىمۇ گۈزەل كۆرسىتىشنىڭ كويىدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ شەر ۋە پىتنە - پاساتنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەلىرىدىن بىرىدۇر.

2. ئاياللاردىن ھايانىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى. ھايا ئاياللارنىڭ ئىمانى ۋە فىترىتى (تۇغما تەبىئىتى)نىڭ بىر قىسمىدۇر. ئاياللار شەرمىي – ھايانىڭ ئۆرنەكلىرىدۇر. شۇڭا كىشىلەر ھايالىق كىشىنى «يۈزى ئېچىلمىغان قىزلاردەك ئۇياتچان» دەپ سۈپەتلىشىدۇ. ئاياللاردىن ھايانىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۇنىڭدىكى ئىمان ۋە فىترەتنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

]تەرجىماندىن ئىلاۋە: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ھايا بىلەن ئىمان كۆتىكى تۇتاش ئىككى مۈڭگۈزدۇر، ئۇلاردىن بىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، يەنە بىرىمۇ كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، ھاكىم، بەيھەقى توپلىغان، سەھىھۇلجامى 1063 – ھەدىس.]

3. ئەرلەرنىڭ نامەھرەم ئاياللارغا مەپتۇن بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ ئايال چىرايلىق بولسا ۋە يۈزىنى ياپمىغان نۇرغۇن ئاياللارنىڭ قىلغىنىدەك، ئەركىلەپ، كۈلۈپ، چاقچاق قىلىپ يۈرسە. شەيتان ئادەم بالىلىرىنىڭ تېنىدە خۇددى قاندەك ئايلىنىپ يۈرىدۇ.

4. ئەر – ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ يۈرۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئەگەر بىر ئايال يۈزىنى ياپماسلىق ۋە شۇ ھالەتتە كوچىلاردا مېڭىپ يۈرۈشتە ئۆزىنى ئەرلەر بىلەن باراۋەر دەپ قارىسا، ئۇنىڭ ھايالىق بولالىشى ۋە كوچا – كويلاردا ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈشتىن ئۇيۇلۇشى بەسى مۈشكۈل. ھالبۇكى، بۇ خىل ئارىلىشىپ يۈرۈش زور پىتنە – پاساتقا سەۋەب بولىدۇ. ئىمام تىرمىزىي رەھىمەھۇللاھ (5272 – ھەدىس) ھەمزە ئىبن ئەبى ئۇسەيدتىن، ئۇ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدتىن چىقىپ، كوچىدا ئەر – ئاياللارنىڭ ئارىلاش مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاياللارغا: « اسْتَأْخِرْنَ فَإِنَّهُ لَيْسَ لَكُنَّ أَنْ تَحْقُقْنَ الطَّرِيقَ ، عَلَيْكُنَّ بِحَافَّاتِ الطَّرِيقِ» «ئارقىڭلارغا يېنىڭلار، سىلەر يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭساڭلار بولمايدۇ، سىلەر يولنىڭ چېتىدا مېڭىڭلار» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاياللار (يولنىڭ چېتىدە) تامغا شۇ قەدەر يېقىن ماڭىدىغان بولغانىدىكى، ھەتتا ئۇلارنىڭ كىيىملىرى تامغا ئىلىشىپ قالاتتى». 
ئىمام ئەلبانى سەھىھۇل جامىدا ھەسەن دەپ باھالىغان.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەرجىماندىن ئىلاۋە: ئەممار ئىبن ياسر رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ثلاثة لا يدخلون الجنة أبدا: الديوث والرجلة من النساء ومدمن الخمر» «ئۈچ تۈرلۈك كىشى مەڭگۈ جەننەتكە كىرمەيدۇ: (ئۇلار): (1) (خوتۇن - قىزلىرىنى، ئاچا - سىڭىللىرىنى كۈنلىمەيدىغان) دەيۈز (2) ئەركەكزەدەك ئايال (3) (تەۋبە قىلمايدىغان) دائىم ھاراق ئىچكۈچى زابوي». سەھىھۇل جامى 3062 - ھەدىس، سەھىھ.

رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خوتۇن - قىز، ئاچا - سىڭىللىرىنى كۈنلىمىگۈچىنى «لا يدخلون الجنة أبدا» «مەڭگۈ جەننەتكە كىرمەيدۇ» دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان. ئەقلى - ھوشى، ئىمان - ئەقىدىسى جايىدا ھەرقانداق ئادەم بۇ ئىشقا زىيادە سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، خوتۇن - قىزلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى باشقىلارنىڭ تاماشا قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ياپقۇزۇشى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ھەم ئەھلىنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇشى كېرەك.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئەڭ توغرىسىنى تۇتۇپ مېڭىشقا نېسىپ قىلغاي!

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟