ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ
ۋىتىر نامىزىنى
شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ
ئىسلام سوئال
– جاۋابلىرى تورىدىكى 38230 – نومۇرلۇق پەتىۋا
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
بارچە ھەمدۇ
- سانا ئاللاھقا خاستۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ۋىتىر نامىزىنى ھەرخىل شەكىلدە ئوقۇغان. ئۇ ۋىتىرنى بەزىدە بىر رەكەت، بەزىدە ئۈچ،
بەزىدە يەتتە، بەزىدە توققۇز رەكەت ئوقۇيتتى.
شۇنداقلا ئۇ
ئۈچ رەكەتلىك ۋىتىرنى ئىككى خىل شەكىلدە ئوقۇيتتى:
بىرىنچى خىلى:
ئۈچ رەكەت نامازنى بىر تەشەھھۇد بىلەنلا تۈگىتەتتى (يەنى ئىككىنچى رەكەتتە سەجدە قىلىپ
بولغاندىن كېيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرمايلا ئۈچىنچى رەكەتكە تۇرۇپ كېتەتتى، ت).
ئىككىنچى خىل
شەكىلدە، ئىككىنچى رەكەتتىن كېيىن سالام بېرىپ نامازدىن چىقىپ، ئارقىدىن يەنە ئايرىم
بىر رەكەت ئوقۇيتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئىككى تەشەھھۇد - بىر سالام بىلەن ئوقۇمايتتى،
ئەكسىچە ئۇ بۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ: «لَا تُوتِرُوا بِثَلَاثٍ تُشَبِّهُوا
بِالْمَغْرِبِ»
«ۋىتىرنى شام نامىزىنىڭ ئۈچ رەكئىتىدەك ئوقۇماڭلار» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ھاكىم، بەيھەقى،
داراقۇتنى (ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم قىلغاي) قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان. ھافىز ئىبن ھەجەر
رەھىمەھۇللاھ «فەتھۇلبارى» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنەدى ئىككى شەيخ
(ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم)نىڭ شەرتىگە چۈشىدۇ، دېگەن.
ئەللامە ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ۋىتىر نامىزىنى ئۈچ، بەش، يەتتە ياكى توققۇز رەكەت ئوقۇشقا
بولىدۇ، ئەگەر بىر ئادەم ۋىتىر نامىزىنى ئۈچ رەكەت ئوقۇماقچى بولسا، ئۇنى تۆۋەندىكىدەك
ئىككى خىل شەكىلدە ئوقۇشقا بولىدۇ:
بىرىنچىسى: ئۈچ
رەكەتنى بىر تەشەھھۇد بىلەنلا تۈگىتىش.
ئىككىنچىسى:
ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن سالام بېرىپ نامازدىن چىقىپ، ئاندىن يەنە ئايرىم بىر رەكەت
ئوقۇش.
يۇقىرىقى ئىككىلا
خىل شەكىل سۈننەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، بەزىدە بىر خىل يەنە بەزىدە بىر خىل ئوقۇش ياخشى.
ۋىتىرنى بىر
سالام بىلەنلا تۈگىتىشكە بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭدا چوقۇم بىرلا قېتىم (ئاخىرقى رەكەتتە)
تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش، ئىككى قېتىم ئولتۇرماسلىق كېرەك. چۈنكى ئىككى قېتىم تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا بۇ شام نامىزىغا ئوخشاپ
قالىدۇ. ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشتىن چەكلىگەن.
__ شەرھۇل مۇمتى 4/14-16
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.