«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر، ماختانچاقنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى
ﷲ تائالانىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى
ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر،
ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ» [سۈرە نىسا 36 - ئايەت]
يەنى تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلار __ كىشىلەرگە ماختانغۇچىلار ۋە
ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ياخشى دەپ قارايدىغان ئادەمدۇر. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە كىبىر
بولىدۇ. بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا خارلانغۇچى ۋە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۆچ
كۆرۈلگۈچى كىشىلەردۇر. ئۇلار ئاللاھ تائالاغا شۈكرى قىلماي، (ئاللاھ تائالا
تەرىپىدىن) ئۆزىگە بېرىلگەن نېمەتلەرنى سانايدۇ. يەنى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا
بەرگەن نېمەتلىرىگە تولۇق شۈكرى قىلماستىن، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە ماختىنىدۇ.
ئىبنى جەرىر، ئابدۇللاھ ئىبنى ۋاقىد ئەبۇرىجا ھەرەۋىنىڭ: قۇللارنىڭ
خوجايىنىنىڭ ئەسكىسى تەكەببۇر ۋە ماختانچاق كېلىدۇ دەپ، ئاللاھ تائالانىڭ:«قول
ئاستىڭلاردىكى قۇل-چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر
ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ» ۋە (ئاتا -
ئانىسىغا) ئاسىيلىق قىلغۇچى ۋە چوڭلۇق قىلغۇچى كىشىلەر بەختسىز كېلىدۇ، دەپ ئاللاھ
تائالانىڭ: «مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى» دېگەن ئايىتىنى ئوقۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلدى.
بەلھۇجەيمىلىق بىر كىشىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر ﷺ گە: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا
نەسىھەت قىلغىن» دېدىم. پەيغەمبەر ﷺ: «ئىشتاننى ھوشۇقىڭدىن ئاشۇرۇپ ئۇزۇن
كىيىشتىن ساقلانغىن، ھەقىقەتەن ئىشتاننى ئۇزۇن كىيىش تەكەببۇرلۇق قىلىشتۇر، ئاللاھ
تائالا تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دېدى.
ئۇيغۇرچە «ئىبنى كەسىر تەپسىرى» سۈرە نىسا 36 - ئايەتنىڭ
تەپسىرىدىن ئېلىندى.
كەمتەرلىك ھەققىدىكى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىڭ:
كەمتەرلىكنىڭ پەزىلىتى
كەمتەرلىك ھەققىدىكى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىڭ:
كەمتەرلىكنىڭ پەزىلىتى