كەمتەرلىكنىڭ پەزىلىتى
سوئال: مەن
ئۆزەمدە كىبىر، باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق خاھىشى باردەك ھېس قىلىمەن. شۇنداقلا،
مەن بىر كەمتەر ئادەم بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ماڭا كەمتەرلىكنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ
تۈرلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھتىن قەلبىمنى ئېچىۋېتىشىنى
تىلەيمەن.
ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 30864 – نومۇرلۇق پەتىۋانىڭ بىر قىسمى
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
جاۋاب: بارچە
ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئۇستازىمىز،
پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇراھمان ئىبن سەئىدى «تەپسىر سەئىدى»دە شۇنداق دەيدۇ: «كەمتەرلىك
ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نېئمەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئال
ئىمران سۈرىسىنىڭ 159 - ئايىتىدە شۇنداق دەيدۇ: «فَبِمَا
رَحْمَةٍ مِّنَ اللَّـهِ لِنتَ لَهُمْ ۖ وَلَوْ
كُنتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لَانفَضُّوا مِنْ حَوْلِكَ» ئاللاھنىڭ رەھمىتى
بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار
چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى]. ئاللاھ تائالا يەنە قەلەم سۈرىسىنىڭ تۆتىنچى ئايىتىدە
مۇنداق دەيدۇ: «وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٍ» [سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك
ئەخلاققا ئىگىسەن]. كەمتەرلىك پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھنى
ئۇلۇغلاشتىكى كۆپ خىل شەكىللىرىنىڭ بىرى ئىدى. كەمتەرلىكنىڭ جەۋھىرى ئاللاھقا
بولغان ساداقەت، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بولغان ھېسداشلىقتۇر. كەمتەرلىك
رەسۇلۇللاھنىڭ خىسلەتلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئەخلاقى ئارىسىدا ھېچقانداق شەكىلدىكى
كىبىر يوق ئىدى».
«تەپسىر
سەئىدى» (5/442,443).
كەمتەرلىكنىڭ
ئېلېمېنتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مۇشۇ ئېلېمېنتلارنى ھازىرلىغاندا ئاندىن كەمتەر
بولغىلى بولىدۇ. بۇ خۇسۇستا، ئىمام، ئەللامە ئىبن قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق
دەيدۇ:
«كەمتەرلىك
ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ كاتتا ئىسىم – سۈپەتلىرىگە بولغان تونۇشتىن، ئاللاھقا بولغان
چەكسىز ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتتىن شەكىللىنىدۇ؛ ئۆزىنى چۈشىنىش ۋە تەھلىل قىلىش، ئۆز
ئىشلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بايقاش قاتارلىق ئىدىيە پائالىيەتلىرى جەريانىدا بىر
خىل پەزىلەت، يەنى «كەمتەرلىك» پەيدا بولىدۇ. كەمتەرلىك __ ئاللاھقا بولغان
قۇللۇق، ئىنسانلارغا بولغان تەۋازۇ ۋە ھېسداشلىقتۇر. كەمتەرلىك ساھىبى ئۆزىنى باشقا
مۇسۇلمانلاردىن ئەزىز ھېسابلىمايدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئۇلارغا كۆرە ئالاھىدە
ئىمتىيازلىق دەپمۇ قارىمايدۇ. ئەكسىچە، باشقا مۇسۇلمانلارنى ئۆزىدىن كۈچلۈك دەپ
قارايدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ھەقلىرى باردەك ھېس قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ
خىل ئېسىل پەزىلەتنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن، بەخىتكە ئېرىشكەن، ئۆزىگە يېقىن
بەندىلىرىگە نېسىپ قىلىدۇ.
«روھ كىتابى»
233 – بەت.
كەمتەرلىكنىڭ
ساۋابى تولىمۇ كاتتا، مەسىلەن:
ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن: «سەدىقە مالنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ. ئاللاھ باشقىلارنى
ئەپۇ قىلغۇچىنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەرلىك قىلغۇچىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈستۈن
قىلىدۇ.» [ئىمام مۇسلىم (2588) رىۋايەت قىلغان].
ئىمام
نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ «سەھىھۇل مۇسلىم شەرھى»دا بۇ ھەدىس بار بابقا «كەمتەرلىك ۋە
كەڭ قورساقلىقنىڭ پەزىلىتى» دەپ ئىسىم قويغان.
ئىمام
نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر
سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئاللاھ ئۆزى ئۈچۈن كەمتەرلىك قىلغۇچىنىڭ
دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ» دېگەن سۆزى ئىككى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
بىرىنچى: بۇ
دۇنيادا ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ. يەنى كەمتەرلىك سەۋەبلىك، ئۇنىڭ
ئىنسانلار قەلبىدىكى ئوبرازىنى يۈكسەك، ماقامىنى ئۈستۈن قىلىدۇ.
ئىككىنچى: كەمتەرلىكى
سەۋەبلىك، ئۇنى ئاخىرەتتە مۇكاپاتلاندۇرىدۇ، بۇ دۇنيادا ماقامىنى ئۈستۈن قىلىدۇ.
ئالىملار
ئېيتىشىدۇكى: بۇ ھەدىس ئىككى جەھەتنى تەڭلا ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. يەنى ئاللاھ
ئۆزى ئۈچۈن كەمتەرلىك قىلغۇچىلارغا دۇنيا – ئاخىرەتتە بىردەك ئۈستۈن ماقام، كاتتا مۇكاپات
ئاتا قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
ئىمام
نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھنىڭ «سەھىھۇل مۇسلىم شەرھى» (16/142)
كەمتەرلىكنىڭ
ئىپادىلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش.
ئىمام ئىبن
قەييۇم بۇ خۇسۇستا مۇنداق دەيدۇ:
«ئىنسان نەپسى
خاھىشىغا ئەگىشىپ، راھەت – پاراغەت قوغلىشىپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەھمىيەت
بەرمىسە، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەر ھەققىدە ئىككىلەنسە (يەنى چەكلىمىلەردىن
دەرھال يانمىسا،ت)، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بەندىلىك ئورنىنى رەت قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن
قاچقانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا تولۇق بويسۇنۇپ،
چەكلىمىلىرىدىن تولۇق يانسا، ئۇ ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى رەب - قۇللۇق
مۇناسىۋىتىگە كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولىدۇ» « روھ كىتابى» 233 – بەت.
2. ئاللاھنىڭ
كاتتىلىقى، ئۇلۇغلىقىغا نىسبەتەن كەمتەرلىكنى ئىپادىلەش.
بۇ خۇسۇستا
ئىمام ئىبن قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«كەمتەر
ئىنسانلار ھەر قېتىم ئۆزىنىڭ ناھايىتى كىچىك، ئەرزىمەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا،
ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ئۇلۇغلۇقنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا خاس ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ
بۇ سۈپەتتە ئۆزى بىلەن بەسلەشكەنلەرگە قاتتىق غەزەپ قىلىدىغانلىقىنى يادىغا
ئالىدۇ؛ ئۇ ھەر قېتىم بۇلارنى يادىغا ئالغىنىدا، قەلبى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا
قارىتا كەمتەرلىككە تولۇپ، خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ، ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە
تەسلىم بولىدۇ. بۇ كەمتەرلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى. بۇ بىرىنچى تۈردىكى كەمتەرلىك
بىلەن، يەنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىلىرىگە كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش
بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. بەزىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىلىرىگە كەمتەرلىك بىلەن
مۇئامىلە قىلالايدۇ – يۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا قارىتا كەمتەر بولالماي قالىدۇ».
ھەقىقىي
كەمتەرلىك بۇ ئىككىلا تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياردەم پەقەت ئاللاھتىندۇر.
«روھ كىتابى»
233 – بەت.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.