ياخشىلىق يوللىرىنىڭ كۆپلۈكى

ئەبۇ زەر رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، كىشىلەر (رەسۇلۇللاھ نىڭ ساھابىلىرى) رەسۇلۇللاھ دىن: «ئى رەسۇلۇللاھ! بايلار ساۋابتا بىزدىن ئۆتۈپ كەتتى. بىز ئوقۇغان نامازنى ئۇلارمۇ ئۇقۇسا، بىز تۇتقان روزىنى ئۇلارمۇ تۇتسا، يەنە ئۆزلىرىنىڭ شۇنچە ماللىرىنى سەدىقە بەرسە (بىز بېرەلمەيدىغان تۇرساق)» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ : «اللە سىلەرگىمۇ سەدىقە قىلىدىغان نەرسە ئاتا قىلمىدىمۇ؟ ھەر بىر تەسبىھ (سبحان الله) سەدىقىدۇر، ھەر بىر تەكبىر (الله اكبر) سەدىقىدۇر. ھەر بىر ھەمدۇ (الحمد لله) سەدىقىدۇر، ھەر بىر تەھلىل (لا اله الا الله) سەدىقىدۇر، ياخشىلىققا بۇيرۇش سەدىقىدۇر، يامانلىقتىن توسۇش سەدىقىدۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايالىڭلار بىلەن بىرگە بولۇشىمۇ سەدىقىدۇر» دېدى. كىشىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! بىزنىڭ بىرەرىمىز ئۆزىنىڭ شەھۋىتىنى قاندۇرسىمۇ ساۋاب بېرىلەمدۇ؟» دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ : «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر ئۇ شەھۋىتىنى ھارام يول بىلەن قاندۇرسا، ئۇنىڭغا گۇناھ بولمامدۇ؟ (ئەلۋەتتە بولىدۇ) شۇنىڭغا ئوخشاش شەھۋىتىنى ھالال يول بىلەن قاندۇرسا، ئۇنىڭغا ساۋاب بېرىلىدۇ» دېدى [سەھىھۇل مۇسلىم]

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز. 

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟