ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرگە نەسىھەت

 

سوئال: نۇرغۇن ۋاقتى ئىنتېرنېتقا كېتىۋاتقان بەزى دىندار ياشلار ئۈچۈن قىممەتلىك نەسىھەتلىرىنى ئايىماسلىقىلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز. اللە سىلىگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلغاي!

 

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە، ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى ئىبنى ئۇسەيمىن (اللە ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي)، «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

 

جاۋاب:

مەلۇم بولغىنىدەك، ئىنتېرنېتتا پايدىلىق نەرسىلەر بىلەن بىللە ناچار نەرسىلەرمۇ بار. ئىنتېرنېتتا شەرئىي ئىلىملەر، تىل بىلىملىرى، ھۈنەر – كەسىپكە ئالاقىدار پايدىلىق ئۇچۇرلارنى ئىزدىگۈچى ئەلۋەتتە ئۇنى تاپالايدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنتېرنېتتا ئوچۇق - ئاشكارا ناچار ۋە رەزىل نەرسىلەرمۇ مەۋجۇت. ماڭا يېتىپ كەلگەن ئۇچۇرلارغا كۆرە، ئىنتېرنېتتىكى بۇ ناچار مەزمۇنلار تېلېۋىزوردىكىدىنمۇ ھەسسىلەپ قەبىھ ئىكەن.

مېنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرى خۇسۇسىدا قېرىنداشلىرىمغا قىلىدىغان نەسىھىتىم شۇكى، اللە تىن قورقۇڭلار ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن يارىتىلمىغانلىقىڭلارنى بىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇلۇغ اللە ئىنسانلارنى (ۋە جىنلارنى) ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتقان. ئىنسان ئارزۇلىرىنى، ھاۋايى – ھەۋەسلىرىنى ۋە شەھۋەتلىرىنى قاندۇرۇش كويىدىلا يۈرۈپ ھايۋانلارنىڭ دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالسا، ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ. بۇنداق ئاقىۋەتتىن اللە قا سېغىنىمىز. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم دىنىنى ۋە ۋاقتىنى قوغداپ، تولىمۇ قىممەتلىك بولغان بۇ ئۆمۈرنى زايى قىلماسلىقى كېرەك.

اللە بىلەن قەسەمكى، بىر دەقىقە مىڭ دىناردىن قىممەتلىكتۇر. سىلەردىن سوراپ باقاي، كىشىنىڭ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇنىڭغا: «پۈتۈن مال – دۇنيارىڭنى بەر، ئۆمرۈڭ بىر مىنۇت ئۇزارتىلسۇن» دېيىلسە، ئۇ كىشى بۇ تەكلىپكە «ماقۇل» دېمەسمۇ؟ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ اللە شۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى): {ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى، «رەببىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن (99) مەن قويۇپ كەلگەن مال - مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن». (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر، ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ (100)} [سۈرە مۇئمىنۇن].

ئۇلۇغ اللە تىن ھەممىمىزگە ياخشى ئاقىۋەت نېسىپ قىلىشىنى تىلەيمەن. بىر ھەدىستە شۇنداق دېيىلگەن: «ئۆلگەندە پۇشايمان قىلمايدىغان ئادەم يوق. ئەگەر ئۇ ياخشى بىرى بولسا، تېخىمۇ كۆپ (ياخشى ئەمەل) قىلىۋالمىغىنىغا پۇشايمان قىلىدۇ. ئەگەر ناچار بىرى بولسا، يامانلىقتىن قول ئۈزمىگىنىگە پۇشايمان قىلىدۇ».

ئى قېرىندىشىم! ئۆمرۈڭنىڭ قىممىتىنى بىل. اللە بىلەن قەسەمكى، ئۆمۈر ئالتۇندىنمۇ، كۈمۈشتىنمۇ قىممەتلىكتۇر. پۇلىنى خەجلىگەندە بىرەر دىنارنىمۇ زايە قىلماسلىققا تىرىشىدىغان ئىنسان، قانداقسىغا ئۆزىنىڭ ئەبەدىي بەختلىك ياكى بەختسىز بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان بۇ ھاياتنى زايە قىلالايدۇ؟

ئى اللە بىزنى بەختلىكلەردىن قىلسىلا! ئى اللە بىزنى بەختلىكلەردىن قىلسىلا! ئى اللە بىزنى بەختلىكلەردىن قىلسىلا!

پەتىۋانىڭ ئەسلى مەنبەسى:

(https://binothaimeen.net/content/1655)


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز. 

 

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟