ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتتىڭىزمۇ؟

           الله سبحانه وتعالى شۇنداق دەيدۇ:

{فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا فِي أَنفُسِهِمْ حَرَجًا مِّمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيمًا}

بۇ ئايەت «تەپسىر مۇيەسسەر»دە شۇنداق تەپسىرلەنگەن:

بۇ ئايەتتە الله سبحانه وتعالى ئۆزىنىڭ شەرەپلىك زاتى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ: بۇلار ئۆز ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارغا سەن (ئى مۇھەممەد ) ھايات ۋاقىتتا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، سەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سېنىڭ سۈننىتىڭدىكى ھۆكۈملەرگە مۇراجىئەت قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە قارىتا دىللىرىدىكى ھەرقانداق غۇم يوقالمىغۇچە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سېنىڭ ھۆكمىڭگە تامامەن بويسۇنمىغۇچە، ھەقىقىي مەنىدە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە، رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن قۇرئان ۋە سۈننەت بويىچە ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ئۇنىڭغا رازى بولۇپ بويسۇنۇش ئىماننىڭ نەق ئۆزىدۇر.

«تەپسىر مۇيەسسەر» تۈركچە «غۇرابا نەشرىياتى» نەشرى، نىسا سۈرىسى 65 – ئايەتنىڭ تەپسىرى. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

 

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟