ئىنسان سادىر قىلغان يامانلىقنىڭ تەقدىر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇھىم چۈشەنچە

 

ئىمام ئىبن قەييىم رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى بولسىمۇ، لېكىن ئاللاھ تائالا نىڭ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرى ھەرقانداق يامانلىق، زۇلۇم ياكى ئادالەتسىزلىكنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىلىشنى چەكلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ، ھەرىكەتلىرىنىڭ ۋە سۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. بىراۋ يىرگىنىچلىك ياكى چەكلەنگەن بىر ئىشنى قىلىش ئارقىلىق يامانلىق ياكى زۇلۇم قىلىدۇ، ئەمما ئۇنى شۇ ئىشنى قىلىشقا قادىر قىلغان زات ئاللاھ تائالا دۇر. ھالبۇكى، مەزكۇر «قادىر قىلىش» ئادىل، ھېكمەتلىك ۋە توغرا پېئىلدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھ تائالا نىڭ بىراۋنى (يامانلىق قىلىشقا) قادىر قىلىشى ياخشىلىقتۇر، ئەمما شۇ كىشىنىڭ قىلغىنى يامان ۋە يىرگىنچلىك ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا شۇ كىشىنى بۇنىڭغا قادىر قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ كاتتا ۋە مەدھىيەگە لايىق ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، بىر نەرسىنى تېگىشلىك ئورنىغا قويغان بولىدۇ. بۇ گەرچە شۇ ئىشنى قىلغۇچىدىن زۇلۇم، ئاجىزلىق ۋە يامانلىق شەكلىدە سادىر بولسىمۇ، ئەمما (ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن) ياخشىلىق، ھېكمەت ۋە مەنپەئەت ھېسابلىنىدۇ.

بۇ نۇقتىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ئۇستا بىناكار ئەگرى ياغاچنى، چېقىق تاشنى ياكى پارچە خىشنى تامدىكى دەل كېلىدىغان ئورۇنغا قويىدۇ – دە، گەرچە ئۇ ئىشلەتكەن ماتېرىياللارنىڭ ئەيىب – نۇقسانلىرى بار بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ ئىشى توغرا، ئۆلچەملىك، ماختاشقا لايىق ئىش ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، مەينەت نەرسىلەرنى (ئەخلەت ساندۇقى دېگەندەك) تېگىشلىك ئورنىغا قويۇش ئاقىللىق ۋە توغرىلىق ھېسابلانسا، ئۇنى نامۇۋاپىق يەرگە قويۇش ھاماقەتلىك ۋە زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ. ئاياغنى پۇتقا كىيىپ، ئەخلەتنى ئەخلەتخانىغا تاشلاش ئاياغقا ياكى ئەخلەتكە زۇلۇم قىلغانلىق بولماستىن، ئاقىلانىلىكتۇر. چۈنكى بۇلار (پۇت بىلەن ئەخلەتخانا) شۇلارنىڭ (ئاياغ بىلەن ئەخلەتنىڭ) تۇرۇشقا تېگىشلىك جايىدۇر» [«شىفائۇل ئەلىل» 512 – بەتلەر].

شەيخ مۇھەممەد مۇستافا ئەلجىبالىنىڭ «تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.  

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟