«ئىمتىھان ئايىتى»نىڭ تەپسىرى ـــ تەپسىر مۇيەسسەر
الله سبحانه وتعالى شۇنداق دەيدۇ:
{قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّـهَ فَاتَّبِعُونِي
يُحْبِبْكُمُ اللَّـهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّـهُ غَفُورٌ
رَّحِيمٌ}
بۇ ئايەت «تەپسىر
مۇيەسسەر»دە شۇنداق تەپسىرلەنگەن:
ئى رەسۇل!
ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر الله
نى ھەقىقىي ياخشى كۆرسەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار،
شۇنداقلا ئاشكارا – يوشۇرۇن جەھەتلەردە بىردەك ماڭا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، بۇنىڭ
شاراپىتىدە الله مۇ سىلەرنى ياخشى كۆرسۇن ۋە گۇناھلىرىڭلارنى ئەپۇ
قىلسۇن. چۈنكى، الله مۇئمىن بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى دائىم مەغفىرەت قىلغۇچى
ۋە ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغۇچى زاتتۇر.
بۇ ئايەتتە الله سبحانه وتعالى نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ تۇرۇپ، الله سبحانه وتعالى نىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ﷺ گە ھەقىقىي مەنىدە ئەگەشمىگەن، ئۇنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلمىغان كىشىلەرگە قارشى ھۆكۈم ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
چۈنكى،
بۇنداق قىلغۇچى (يەنى الله
سبحانه وتعالى نى ياخشى كۆرىمەن دەپ تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھ
ﷺ نىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلمىغۇچى) رەسۇلۇللاھ ﷺ غا ھەقىقىي
مەنىدە ئەگەشمىگۈچە، دەۋاسىدا يالغانچىدۇر.
«تەپسىر مۇيەسسەر» تۈركچە «غۇرابا نەشرىياتى» نەشرى، ئال ئىمران سۈرىسى 31 – ئايەتنىڭ تەپسىرى. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.