مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ ۋەقەسى

 

ئىلگىرىكى زامانلاردا، ئۆلۈم پەرىشتىسى بەزىدە كىشىلەرنىڭ يېنىغا ئىنسان سۈرىتىدە كېلەتتى. ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر مۇسا عليه السلام نىڭ ۋەقەسىدىمۇ ئەنە شۇنداق بولغان. ئۆلۈم پەرىشتىسى مۇسا عليه السلام نىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندە، مۇسا ئەلەيھىسسالام دەسلەپتە ئۇنى تونۇمىغان ۋە پەرىشتە ئۇنىڭغا: «ئۆلۈمگە ھازىرلان!» دېگەندە، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان ناچار بىرى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، كۆزىگە بىر مۇشت قويغان. 

ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه رەسۇلۇللاھ  نىڭ بۇ ھەقتە شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:

«ئىلگىرى ئۆلۈم پەرىشتىسى كىشىلەرنىڭ يېنىغا كۆرۈنىدىغان ھالەتتە (ئىنسان سۈرىتىدە) كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇسا ئىبنى ئىمراننىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: <رەببىڭگە جاۋاب قايتۇر (يەنى جېنىڭنى تاپشۇر)> دېگەن ۋە مۇسا ئۇنىڭ كۆزىگە بىر مۇشت قويۇپ، كۆزىنى قۇيۇۋەتكەن.

ئاندىن پەرىشتە اللە نىڭ يېنىغا قايتىپ، <ئى رەببىم! ھەقىقەتەن سەن مېنى ئۆلۈشنى خالىمايدىغان بەندەڭنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپسەن. ھەقىقەتەن ئۇ مېنىڭ كۆزۈمنى قۇيۇۋەتتى. ئەگەر ئۇ سېنىڭ نەزىرىڭدە ھۆرمەتلىك بولمىسا ئىدى، ئۇنىڭغا چوقۇم قوپال مۇئامىلە قىلغان بولاتتىم> دېگەن.

شۇنىڭ بىلەن، اللە ئۇنىڭ كۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭغا شۇنداق دېگەن: <بەندەم (مۇسا عليه السلام) نىڭ يېنىغا قايتا بېرىپ <داۋاملىق ياشاشنى خالامسەن؟ ئەگەر داۋاملىق ياشاشنى خالىساڭ، قولۇڭنى كالىنىڭ دۈمبىسىگە قويغىن. قولۇڭغا قانچىلىك تۈك ئۇرۇلسا، يەنە شۇنچە يىل ياشايسەن، دېگىن>.

(پەرىشتە مۇسا عليه السلام غا بۇلارنى دېگەندىن كېيىن) مۇسا عليه السلام: <ئى رەببىم! ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟> دېگەن، اللە <ئاندىن ئۆلۈم (كېلىدۇ)> دېگەن. مۇسا عليه السلام <ئۇنداقتا، ھازىر ئۆلەي. ئى رەببىم! مۇقەددەس زېمىن (قۇددۇس)غا بىر تاش ئېتىم مىقدارى كېلىدىغان يەردە جېنىمنى ئالغىن!> دېگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۆلۈم پەرىشتىسى بىر پۇراش بىلەنلا ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ يېنىغا (ئۇلارنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن) كۆرۈنمەيدىغان ھالەتتە كېلىدىغان بولغان».

ئاندىن رەسۇلۇللاھ  شۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن شۇ يەردە بولغان بولسام، قىزىل تۆپىلىكنىڭ ئاستىدىكى يولنىڭ يېنىدىكى قەبرىنى سىلەرگە كۆرسىتىپ قويغان بولاتتىم» [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى (3407)، ئىمام مۇسلىم (2372)، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلار توپلىغان. «ئەسسەھىھە» 3279 – نومۇرغا قاراڭ].


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.  

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟