الله سبحانه وتعالى كۈلەمدۇ؟
ئەبۇ رۇزەين رضي الله عنه ئېيتىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ يېنىغا كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ ﷺ ئۇنىڭغا نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ئۆگىتىپ قويغان ۋە «رەببىمىز ئەززە ۋەجەللە بەندىسىنىڭ ئاسانچىلىق يېقىنلىشىپ قالغاندا ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەنلىكىدىن كۈلىدۇ» دېگەن. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ رۇزەين رضي الله عنه: «رەببىمىز كۈلەمدۇ؟» دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ ﷺ: «شۇنداق» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ رۇزەين رضي الله عنه: «ئۇنداقتا كۈلىدىغان رەبتىن بىزگە كېلىدىغان ياخشى ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ» دېگەن [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ماجە ۋە باشقىلار توپلىغان. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ باھالىغان].
شەيخ مۇھەممەد مۇستافا ئەلجىبالى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ شۇنداق دېگەن: «الله سبحانه وتعالى ئۆزىنىڭ كاتتىلىقىغا ۋە ئۇلۇغلۇقىغا لايىق شەكىلدە، (مەجازىي ئەمەس) ھەقىقىي رەۋىشتە كۈلىدۇ. ئىسلامغا يېڭىلا كىرگەن بۇ ساھابىنىڭ شەيئىلەرنى تېزلا ئاڭقىرىۋېلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ساپ فىترىتى (تەبىئىتى) بار ئىدى. ئۇ ئاللاھنىڭ كۈلۈشىنىڭ ئاللاھنىڭ سېخىيلىقى ۋە ئەپۇچانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدى. بىزمۇ بۇنى ئەنە شۇنداق چۈشىنىشىمىز كېرەك»
شەيخ مۇھەممەد مۇستافا ئەلجىبالىنىڭ «ئاسانلاشتۇرۇلغان ئىمان چۈشەنچىسى» يۈرۈشلۈك ئوقۇشلۇقلىرىنىڭ 1- قىسمى «ئاللاھنى تونۇش» كىتابىدىن ئېلىندى.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.