ئىمام ئىبنى جەۋزىنىڭ بالا تەربىيەلەش ھەققىدىكى نەسىھەتى
ئىمام ئىبنى جەۋزى رحمه الله شۇنداق دېگەن: «بالاڭغا بولغان مۇھەببىتىڭنىڭ بىر قىسمىنى يوشۇرغىنىڭ تېخىمۇ ياخشى. بولمىسا كېيىن بېشىڭغا بالا بولىدۇ. مېلىڭنى بۇزۇپ - چاچىدۇ. ئەركىلىكتە چېكىدىن ئاشىدۇ. ئىلىم ۋە ئەدەب ئۆگەنگىلى ئۇنىمايدىغان بولۇۋالىدۇ» [«ئەسسايۇل خاتىر» 117 - بەت].
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.