الله سبحانه وتعالى ياراتقان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ چوڭلىرى قايسىلار؟

      ئەبۇزەر ئەلغىفارى رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ بىر قېتىم مەسجىدكە كىرىپ، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ يالغۇز ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، «يا رەسۇلۇللاھ! نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى قايسى؟» دەپ سورىغان، رەسۇلۇللاھ  جاۋابەن: «ئايەتۇل كۇرسى» دېگەن ۋە «يەتتە ئاسمان كۇرسنىڭ ئىچىدە خۇددى چۆل - باياۋانغا تاشلانغان ئۈزۈكتەك (كىچىك)تۇر. شۇنداقلا، ئەرش كۇرسقا نىسبەتەن، ئاشۇ چۆل - باياۋان ئاشۇ ئۈزۈكتىن چوڭ بولغاندەك (يەنى شۇ دەرىجىدە) چوڭدۇر» دېگەن [بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئەبى شەيبە، ھاكىم ۋە باشقىلار توپلىغان. شەيخ ئەلبانى «ئەسسەھىھە» 109 – نومۇردا سەھىھ دەپ باھالىغان].

  * ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.  

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟