الله عز وجل نى زىكىر قىلىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە بىر ھەدىس
ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت
قىلىدۇ: «كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى خاتىرىلەيدىغان پەرىشتىلەردىن باشقا، ئاللاھ نىڭ
زېمىندا كېزىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلىرى بار. ئۇلار زىكىر ئەھلى (الله تعالى نى زىكىر قىلغۇچىلار)نى
ئىزدەپ يۈرىدۇ. شۇنداقلا، الله تعالى نى زىكىر قىلىۋاتقان كىشىلەرنى تاپقاندا، بىر –
بىرىگە «كېلىڭلار! ئىزدىگىنىڭلار مانا» دېيىشىدۇ. ئاندىن ئۇلارنى (زىكىر ئەھلىنى)
قاناتلىرى بىلەن دۇنيا ئاسمىنىغىچە ئورىۋالىدۇ.
الله ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇلار(پەرىشتىلەر)دىن
ياخشىراق بىلىدىغان تۇرۇقلۇق: «بەندىلىرىم نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر:
«سېنى بارچە – نۇقسانلاردىن پاك دەپ تەسبىھ ئېيتىۋاتىدۇ، سېنى ئۇلۇغلاۋاتىدۇ ۋە
ساڭا ھەمدۇ ئېيتىۋاتىدۇ، سېنى تەرىپلەۋاتىدۇ ۋە ساڭا يېلىنىۋاتىدۇ» دەيدۇ.
الله تعالى ئاندىن «ئۇلار مېنى
كۆرۈپتىمۇ؟» دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر: «ياق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. الله تعالى: «ئەگەر ئۇلار مېنى
كۆرسە قانداق بولۇپ كېتەر؟» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ئۇلار سېنى كۆرگەن بولسا، ساڭا
تېخىمۇ بەك ئىبادەت قىلغان، ھەمدۇ ئېيتقان، تېخىمۇ كۆپ تەسبىھ ئېيتقان ۋە سېنى
تېخىمۇ كۆپ ئۇلۇغلىغان بولاتتى» دەيدۇ.
ئاندىن الله تعالى: «ئۇلار نېمە
سوراۋاتىدۇ؟» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «جەننەتنى سوراۋاتىدۇ» دەيدۇ. الله تعالى: «ئۇلار جەننەتنى
كۆرگەنمۇ؟» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ياق» دەيدۇ. الله تعالى: «ئۇنى كۆرگەن بولسا
قانداق بولاتتى؟» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، ئۇنىڭغا بولغان
تەلپۈنۈشى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئۇنى (ڭغا كىرىشنى) تېخىمۇ بەك تەلەپ قىلغان بولاتتى»
دەيدۇ.
ئاندىن الله تعالى: «ئۇلار نېمىدىن پاناھ
تىلەۋاتىدۇ؟» دەيدۇ، پەرىشتىلەر: «دوزاختىن» دەيدۇ. الله تعالى: «ئۇلار ئۇنى
كۆرگەنمۇ؟» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ياق» دەيدۇ. الله تعالى: «ئۇلار ئۇنى كۆرگەن
بولسا قانداق بولاتتى؟» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ئەگەر ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا،
ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بەك قاچاتتى ۋە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بەك قورقاتتى» دەيدۇ.
ئاندىن الله تعالى: «ھەقىقەتەن مەن
سىلەرنى گۇۋاھچى قىلىمەنكى، مەن ئۇلارنى مەغفىرەت قىلىۋەتتىم» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ئۇلارنىڭ
ئارىسىدا پالانى گۇناھكارمۇ بار، ئۇ ئۇلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلمىغانىدى، پەقەتلا
بىر ھاجىتى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى» دەيدۇ. الله تعالى: «مەن ئۇنىمۇ مەغفىرەت
قىلدىم. ئۇلار (زىكىر ئەھلى) بىلەن ئولتۇرغانلار زىيان تارتمايدۇ» دەيدۇ [بۇ
ھەدىسنى ئىمام بۇخارى (6408) ۋە ئىمام مۇسلىم (2689) توپلىغان].
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.