اللە نىڭ ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟

 سوئال:

اللە تائالانىڭ ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟ اللە نىڭ ياردىمىنىڭ كېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى. شۇ توربەتتىكى 104119 – نومۇرلۇق سوئال. 

  * ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.  

جاۋابنىڭ تېكىستى:

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى اللە تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە اللەنىڭ رەھمەت - سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: اللەنىڭ مۇسۇلمانلارغا دىن ۋە ئىسلام ئەھلىگە ئۇرۇش ئاچقان دىن دۈشمەنلىرى ۋە مۇلھىدلار ئۈستىدىن نۇسرەت بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسى ھەقدۇر. اللە تائالا مۆمىنلەرگە نۇسرەتنى ۋەدە قىلغان ۋە غەلبىنىڭ يېقىندا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. ئەمما اللە تائالانىڭ بۇ غەلىبىنى كېچىكتۈرۈشى ئۇلۇغ بىر ھېكمەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئىمانى مۇستەھكەم، ئىشەنچىسى كۈچلۈك كىشى اللە تائالا خەۋەر بەرگەن ئۇ ئىشنىڭ يېقىندا بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُم مَّثَلُ الَّذِينَ خَلَوْا مِن قَبْلِكُم ۖ مَّسَّتْهُمُ الْبَأْسَاءُ وَالضَّرَّاءُ وَزُلْزِلُوا حَتَّىٰ يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ مَتَىٰ نَصْرُ اللَّـهِ ۗ أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّـهِ قَرِيبٌ تەرجىمىسى: سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۆمىنلەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: اللە نىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟ دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، اللە نىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر. [سۈرە بەقەرە 214-ئايەت].

ئىمام ئىبنى جەرىر تەبەرى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئايەتنىڭ مەنىسى: ئى اللە قا ۋە اللە نىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتقان مۆمىنلەر! سىلەر تېخى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇچرىغان ئېغىر كۈلپەت، قىيىنچىلىقلار ۋە سىناقلارغا ئۇچرىماي جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ ئۇلار ئېغىر قىيىنچىلىق، قاتتىق سىناقلار، تۈرلۈك كېسەللىكلەر بىلەن سىنالغان، ئۇلار ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەر سەۋەبلىك قىلچە تەۋرەپ قالمىغان، دۈشمەنلىرىدىن قورقۇپ قالمىغان، ھەتتا اللە تەرەپتىن ئۇلارغا كېلىدىغان ياردەم كېچىككەندە، ئۇلار: اللە بىزگە قاچان نۇسرەت بېرىدۇ؟ دېگەن. اللە تائالا ئۇلارغا يېقىندا ياردەم بېرىدىغانلىقى، دۈشمەنلەرگە قارشى ئۇلار بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقى، ئۇلارغا مەدەت بېرىدىغانلىقى، ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىدىغانلىقى، كاپىرلارنىڭ ئۇرۇش ئوتىنى ئۆچۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى." [تەپسىرى تەبەرىي 4-توم 288].

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتتىن ئېلىنغان بەزى پايدىلارنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

1.   ئىنسان غەلىبە ۋە نۇسرەتنى ياردەم بېرىشكە قادىر زاتتىن سورىشى لازىم، ئۇ بولسىمۇ اللە تائالادۇر. بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَتَىٰ نَصْرُ اللَّـهِ﴾ تەرجىمىسى: اللە نىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟.

2.   پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەرنىڭ پرىنسىپى پەيغەمبەرلەرنىڭ پىرىنسىپىدۇر، ئۇلار پەيغەمبەر دېگەن سۆزنى دەيدۇ، بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿حَتَّىٰ يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ مَتَىٰ نَصْرُ اللَّـهِ﴾ تەرجىمىسى: ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: اللە نىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟ دېگەن ئىدى. غەلبىگە ئالدىرىغانلىقىدىن ھەممىسى بۇ سۆزنى دېيىشەتتى.

3. اللە تائالانىڭ كامالى قۇدرەت ئىگىسى ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى اللە تائالانىڭ: ﴿أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّـهِ قَرِيبٌ تەرجىمىسى: بىلىڭلاركى، اللەنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر دېگەن سۆزىدۇر.

4.   نۇسرەتنىڭ يېقىن بولىشى بىلەن بىرگە، مەلۇم ۋاقىت ئۇلاردىن ياردەمنى چەكلەپ قويۇشمۇ اللە تائالانىڭ ھېكمىتىدىندۇر.

5. اللە يولىدا ئۇچرىغان بالا-مۇسىبەتلەرگە سەبىر قىلىش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. چۈنكى ئايەتنىڭ مەنىسى: "جەننەتكە كىرگۈچە سەبىر قىلىڭلار" دېگەن بولىدۇ.

6.   مۆمىنلەرنى غەلىبە بىلەن خۇرسەن قىلىپ، دۈشمەن بىلەن بولغان جىھادنى داۋاملاشتۇرۇشتا باتۇرلۇق كۆرسىتىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا اللە نىڭ ياردىمى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش. [بەقەرە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى 3/42].

 

ئىككىنچى: اللە تائالانىڭ بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان ياردىمى، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئويلىغان ۋە مۆمىن دەپ جار سالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە نېسىپ بولۇۋەرمەستىن، بەلكى بۇ ياردەم قەلبىگە ئىمان مۇستەھكەم ئورۇنلاشقان، ئەمەلىيىتىدە ئىسلام پرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان ۋە ئىماننىڭ تەقەززاسى بويىچە ياشىغان كىشىلەرگە نېسىپ بولىدۇ.

بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَعَدَ اللَّـهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَىٰ لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّن بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْنًا ۚ يَعْبُدُونَنِي لَا يُشْرِكُونَ بِي شَيْئًا ۚ وَمَن كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ . وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ  تەرجىمىسى: اللە ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار اللە نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر. اللە نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار [سۈرە نۇر 55-56-ئايەت].

ئىمام ھافىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "اللە تائالا پەيغەمبەر غا: ئۇنىڭ ئۈممىتىنى زېمىنغا ھۆكۈمران قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلدى، يەنى ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ يېتەكچىسى، ئىشلىرىغا ئىگە بولغۇچى قىلىشنى، ئۇلار ئارقىلىق دۆلەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تۈزەشنى، بەندىلەرنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بېرىشنى، ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ھەقىقەتەن اللە تائالا شۇنداق قىلدى. اللە تائالاغا كۆپ مەدھىيىلەر بولسۇن! پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا مەككە شەھىرىنى، خەيبەرنى، بەھرەيننى، ئەرەب يىرىم ئارىلىنىڭ قالغان تەرەپلىرىنى، يەممەننىڭ ھەممە قىسمىنى اللە ئۆزىىڭ ياردىمى بىلەن پەتھى قىلىپ بەردى، ھەجەر مەجۇسىلىرى ۋە شامنىڭ بەزى تەرەپلىرىدىكى مەجۇسىلاردىن جىزيە ئالدى، رۇم پادىشاھى ھىرەقلى، مىسىر ۋە ئىسكەندىريەنىڭ ۋالىيسى مىقەۋقەس، ئۇمماننىڭ پادىشاھى، ھەبەشىستاننىڭ ئەسھەمەدىن كېيىنكى پادىشاھى نەجاشىي قاتارلىقلارنى دىنغا دەۋەت قىلىپ مەكتۇپ ئەۋەتتى. اللە تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئىززەت-ھۆرمەت، شان-شەرەپكە تاللاپ، ۋاپات تاپقۇزغاندىن كېيىن، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىز باسار خەلىپە بولۇپ پەيغەمبەر نىڭ يولىنى داۋاملاشتۇردى". [تەپسىر ئىبنى كەسىر 6-توم 77-بەت].

شەيخ ئابدۇرەھمان سەئىدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغىنى اللە تائالا تەرىپىدىن بولغان ئەڭ سەمىمىي، راست ۋەدە بولۇپ، قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇنلىغان ئايەتلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. اللە تائالا بۇ ئۈممەت ئىچىدە ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان سالىھ كىشىلەرنى زېمىنغا ئىزباسار قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلدى. ئۇلار زېمىندا ئىزباسار-خەلىپە بولىدۇ، زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، اللە تائالا بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلغان، ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ئۆزى رازى بولۇپ تاللىغان ئىسلام دىنىنى زېمىندا مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئىسلام دىنى بۇ ئۈممەتنىڭ پەزلى، شان-شەرىپى، شۇنداقلا ئۇلارغا اللە تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن كاتتا نېمەتتۇر. ئۇلار اللە تائالانىڭ دىنىنى مۇستەھكەملەپ ماددىي - مەنىۋى تەرەپتىن ئۆزىدە ۋە باشقىلار ئارىسىدا شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۇرغۇزىدۇ. ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى باشقا دىنىدىكىلەر،يەنى كاپىرلار خارلىق-ئازغۇنلۇقتىدۇر. اللە تائالا ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بەردى، دەسلەپتە ئۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارا قىلىشقا پېتىنالمايتتى، مۇشرىكلارنىڭ كۆپلەپ ئازار-كۈلپەتلىرىگە ئۇچراپ تۇراتتى. مۇسۇلمانلار گۇرۇھى زېمىندىكى باشقا گۇرۇھلارغا نىسبەتەن بەك ئاز ئىدى. بارچە گۇرۇھلار بىردەك ئۇلارغا قارشى تۇرغان ئىدى.

ئايەت نازىل بولغان ۋاقىتتا اللە تائالا ئۇلارغا يەنى مۇسۇلمانلارغا يۇقىرىقى ئىشلارنى ۋەدە قىلدى، گەرچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش، دىننى مۇستەھكەم قىلىش، تولۇق ئامانلىق بەرپا قىلىش، اللە تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن پەقەت بىر اللەقا ئىبادەت قىلىش ۋە اللە تائالادىن باشقا ھېچ بىر مەخلۇقتىن قورقماسلىق قاتارلىق ئىشلارنى تولۇق كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈممەتنىڭ ئەۋۋىلىدىكى كىشىلەر اللە قا چىن ئىشىنىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى تولۇق بەرپا قىلىش ئارقىلىق پەزىلەتتە باشقىلاردىن ئىلگىرىلەپ كەتتى. ئۇلار زېمىندا ھۆكۈمرانلىق قىلدى، دۇنيانىڭ شەرق - غەرب تەرەپلىرىدىن نۇرغۇن جاينى پەتھى قىلدى، دىن مۇستەھكەملەندى، تولۇق ئامانلىق بەرپا بولدى. مانا بۇ اللە تائالانىڭ ئايەتلىرىدە بايان قىلىنغان ئاجايىپ مۆجىزىلەردىندۇر. مۇسۇلمانلار ھەر قاچان اللە تائالاغا بولغان تولۇق ئىشەنچ - ئىمان بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، قىيامەتكىچە زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. اللە تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان ۋەدىلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرىدۇ. ئەمما بەزى دۆلەت-رايونلاردا كاپىرلار - مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ۋە زۇلۇم قىلىشى، مۇسۇلمانلاردىكى ئىماننىڭ ئاجىزلىقى ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ تولۇق بەرپا بولماسلىقى سەۋەبىدىندۇر". تۈگىدى. [تەپسىر سەئدىي 573-بەت].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن شەيخ شەنقىيتىنىڭ "ئەدۋائۇل بايان 6-توم 36-بەتكە، ئىمام شەۋكانىينىڭ "فەتھۇل قەدىر" 4-توم 69-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

 

ئۈچىنچى: ئۆز رەببىگە بولغان ئىماندا راستچىل بولغان كىشىلەر اللە تائالانىڭ شەرىئىتىنى تۇرغۇزغۇچى كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوچۇق دالالەت قىلىدۇ. اللە تائالا ئۇلارنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلىدۇ، ئۇلار غەلىبە-نۇسرەت بېرىش ۋەدە قىلىنغان كىشىلەردۇر.

بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ : الَّذِينَ إِن مَّكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ أَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ وَأَمَرُوا بِالْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا عَنِ الْمُنكَرِ ۗ وَلِلَّـهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ تەرجىمىسى: اللە نىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ (يەنى بارچە ئىشلارنى اللە نىڭ شەرىئىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، اللە نىڭ شەرىئىتىنى يۈرگۈزىدۇ) ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى اللە قا مەنسۇپتۇر. يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە اللە قا قايتىدۇ [سۈرە ھەج 41-ئايەت].

شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ اللە تائالانىڭ مۆمىنلەرگە ئاتا قىلىدىغان ياردىمى توغرىسىدىكى ئايەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  الَّذِينَ إِن مَّكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ أَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ وَأَمَرُوا بِالْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا عَنِ الْمُنكَرِ ۗ وَلِلَّـهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ تەرجىمىسى: اللە نىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ (يەنى بارچە ئىشلارنى اللە نىڭ شەرىئىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، اللە نىڭ شەرىئىتىنى يۈرگۈزىدۇ) ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى اللە قا مەنسۇپتۇر. يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە اللە قا قايتىدۇ [سۈرە ھەج 41-ئايەت]. بۇ ئايەت اللە تائالانىڭ مۆمىنلەرگە ۋەدە قىلغان ياردىمىنىڭ، ئۇلار نامازنى بەرپا قىلغاندا، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بەرگەندە، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش ئارقىلىق اللە تائالانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغاندا ھاسىل بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

ئەمما ھازىر كىشىلەرنىڭ نامازنى بەرپا قىلماي، پۇل-مېلىنىڭ زاكىتىنى بەرمەي، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىمەي (يەنى اللە نىڭ شەرىئىتى بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەي) زېمىندا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى، ئۆزلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشى قاتارلىقلار گەرچە ئۇلار ھاكىمىيەت ئۈستىدە بولسىمۇ، ئۇلارغا اللە تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن ياردەم ئەمەس. اللە تائالا ئۇ تۈردىكى كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلمىدى. چۈنكى ئۇلار اللە تائالانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغان گۇرۇھلاردىن ئەمەس، شۇنداقلا ئۇلار اللە تائالا ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلغان اللە نىڭ يېقىن كىشىلىرىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلار شەيتاننىڭ دوستلىرى ۋە يېقىنلىرىدۇر. ئەگەر ئۇلار شۇ ھالىتى بىلەن اللە تائالادىن نۇسرەت سورىسا، بۇ خۇددى مەلۇم خىزمەتنى ئادا قىلىشنى دېيىشىپ، خىزمەتنى ئورۇنلىماستىن ھەق تەلەپ قىلغان كىشىگە ئوخشاپ قالغانلىقتۇر. بۇ ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ئىشى ئەمەس.

يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئالدىدىكى ئايەتتە اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ إِنَّ اللَّـهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ تەرجىمىسى : شۈبھىسىزكى، اللە ئەلۋەتتە ئەڭ كۈچلۈكتۇر، مۇتلەق غالىبتۇر. ئايەتتىكى : عَزِيزٌ دېگەن سۈپەتتىن؛ اللە تائالا مۇتلەق غالىبتۇر، اللە تائالاغا غالىب كېلىشتە تەڭداشسىز دېمەكتۇر. بۇنىڭ ئەرەب تىلىدىكى شاھىتلىرىنى تەكرار بايان قىلدۇق.

بۇ ئايەت ئىزباسار خەلىپىلەرنىڭ خىلاپىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. اللە تائالا ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇلارغا ياردەم بەردى، ئۇلارمۇ اللە نىڭ دىنىغا ياردەم بەردى، نامازنى بەرپا قىلدى، زاكاتنى ئادا قىلدى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىدى (يەنى، اللە نىڭ شەرىئىتىنى تولۇق يۈرگۈزدى)، مانا بۇ سەۋەبلىك اللە ئۇلارنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلىپ، ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق دىننى تۇرغۇزدى. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇوَعَدَ اللَّـهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَىٰ لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّن بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْنًا تەرجىمىسى:  اللە ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى. [سۈرە نۇر 55-ئايەت]. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتلەر پەيغەمبەر نىڭ ساھابىلىرىنى ۋە قىيامەتكىچە اللە نىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. توغرىسىنى اللە تائالا ئۆزى بىلگۈچىدۇر". تۈگىدى. [ئەدۋائۇل بايان 5-توم 272-بەت].

تۆتىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەردىن باشقا يەنە اللە نىڭ ياردىمى كېلىشنىڭ سەۋەبلىرىنىمۇ بىلىش زۆرۈر بولىدۇ. نۇسرەتنىڭ كېلىشى ئۈچۈن سەۋەب قىلماستىنلا تەلەپ قىلىش بولسا، شەرىئەتكە ۋە ئەقىلگە زىت كېلىدۇ.

شەيخ سەئىيد ئىبنى ئەلى ئىبنى ۋەھەب ئەلقەھتانىي مۇنداق دەيدۇ: "ئىشەنچ بىلەن ئېيتىمىزكى، ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرى بولۇپ، مۇسۇلمانلار مۇشۇ سەۋەبلەرنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرگەندە اللە تائالانىڭ ئىزنى بىلەن دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. بۇ سەۋەبلەرنىڭ مۇھىملىرى تۆۋەندىكىچە:

1.           ئىماندا سەمىمىي بولۇش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش. بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَعَدَ اللَّـهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَىٰ لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّن بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْنًا ۚ يَعْبُدُونَنِي لَا يُشْرِكُونَ بِي شَيْئًا ۚ وَمَن كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ . وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ  تەرجىمىسى: اللە ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار اللە نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر. اللە نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار [سۈرە نۇر 55-56-ئايەت].2-

2.        اللە تائالانىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش. غەلىبە قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى: مۇسۇلمان ئۆز ئېتىقادى، سۆزى ۋە ئىش- ھەرىكىتى ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشىدا شەرىئەتنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق اللە تائالانىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش،كىشىلەرنى ئىسلام دىنغا دەۋەت قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِن تَنصُرُوا اللَّـهَ يَنصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ. وَالَّذِينَ كَفَرُوا فَتَعْسًا لَّهُمْ وَأَضَلَّ أَعْمَالَهُمْ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر اللە قا (يەنى اللەنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، اللە سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى( ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ. اللە كاپىرلارنى ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ [سۈرە مۇھەممەد 7-8-ئايەتلەر].

3.    اللە تائالاغا تەۋەككۈل قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى قىلىش. كۈچ-قۇۋۋەت تەييارلاش بىلەن بىرلىكتە اللە تائالاغا تەۋەككۇل قىلىش بولسا، اللە نىڭ ياردىمىنىڭ كېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّـهِ ۚ إِنَّ اللَّـهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ تەرجىمىسى: بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، اللەقا تەۋەككۈل قىلغىن. اللە ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ [سۈرە ئال-ئىمران 159-ئايەت].

اللە تائالا غا تەۋەككۈل قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنىمۇ قىلىش زۆرۈردۇر، چۈنكى تەۋەككۈل قىلىش ئىككى چوڭ ئاساسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ:

بىرىنچى: اللە تائالاغا تايىنىش، اللە تائالانىڭ غەلىبە-نۇسرەت بېرىشتىن ئىبارەت ۋەدىسىگە تولۇق ئىشەنچ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىككىنچى: شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان سەۋەبلەرنى قىلىش. بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇوَأَعِدُّوا لَهُم مَّا اسْتَطَعْتُم مِّن قُوَّةٍ وَمِن رِّبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّـهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِن دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ اللَّـهُ يَعْلَمُهُمْ ۚ وَمَا تُنفِقُوا مِن شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللَّـهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ تەرجىمىسى: دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، اللە نىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر، ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر، اللە تونۇيدۇ، سىلەرنىڭ اللە يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ) [سۈرە ئەنفال 60-ئايەت].

4.    ئىسلام قوشۇنى تەشكىللەش ئۈچۈن رەھبەرلەر ئۆزئارا مەسلىھەت قىلىش. پەيغەمبەر ئەقىل-پاراسەتلىك، توغرا كۆز قاراش ساھىبى تۇرۇپمۇ اللە تائالانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ساھابىلىرىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مەسلىھەت قىلىپ ئىش ئېلىپ باراتتى. بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ : وَأَمْرُهُمْ شُورَىٰ بَيْنَهُمْ تەرجىمىسى: ئۇلار ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلاردۇر [سۈرە شۇرا 38-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]

5.    دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتتا تەۋرەنمەي مۇستەھكەم تۇرۇش. غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى: دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندا تەۋرەنمەسلىك، سەپنى بۇزۇپ قېچىپ كەتمەسلىكتۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر دىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر مۇنداق دېگەن: ئى ئىنسانلار! دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلماڭلار، اللە تائالادىن ئافىيەت (خاتىرجەملىك ۋە سالامەتچىلىك) سوراڭلار، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندا سەۋىرچان بولۇڭلار، بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن جەننەت قىلىچلارنىڭ سايىسى ئاستىدىدۇر [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

6.    جەڭگىۋارلىق ۋە شىجائەت بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق. غەلىبىنىڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىقتۇر. شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى، جىھاد قىلىش ئۆلۈمنى كېچىكتۈرمەيدۇ ياكى ئىلگىرى قىلمايدۇ (يەنى ئىنساننىڭ ئەجىلى توشقاندا قەيەردە بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ۋاپات بولىدۇ). بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:أَيْنَمَا تَكُونُوا يُدْرِككُّمُ الْمَوْتُ وَلَوْ كُنتُمْ فِي بُرُوجٍ مُّشَيَّدَةٍ تەرجىمىسى: قەيەردە بولماڭلار، سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ [سۈرە نىسا 78-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

7.    دۇئا قىلىش ۋە اللە تائالانى كۆپ ياد ئېتىش. غەلىبە قىلىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە كاتتا مەنىۋىي ئامىللىرىنىڭ بىرى: اللە تائالادىن ئۈزۈلدۈرمەي ياردەم سوراش، اللە تائالانى كۆپ زىكىر قىلىشتۇر. چۈنكى اللە تائالا كۈچ-قۇدرەتتە چەكسىزدۇر، ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرىگە ياردەم بېرىپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇب قىلىشقا قادىردۇر. بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ ۖ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ ۖ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ﴾تەرجىمىسى: مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىماننىڭ تەقەززاسى بىلەن ياشىسۇن) [سۈرە بەقەرە 186-ئايەت].

8.    اللە تائالاغا ۋە اللەنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش (بۇ پۈتۈن ئىشنىڭ بېشىدۇر، م). اللە تائالاغا ۋە اللە نىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش بولسا، ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇوَمَن يُطِعِ اللَّـهَ وَرَسُولَهُ وَيَخْشَ اللَّـهَ وَيَتَّقْهِ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْفَائِزُونَ تەرجىمىسى: اللە قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، اللە تىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر [سۈرە نۇر 52-ئايەت].

9.    بىرلىك تۇرغۇزۇش ۋە ئىختىلاپ قىلىشماسلىق. غەلىبە-نۇسرەتنىڭ ئامىللىرىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن مۇجاھىدلارنىڭ بىرلىشىشى، بارچە ئىشلاردا ھەرۋاقىت اللە تائالاغا تايىنىپ، ئىختىلاپ ۋە بۆلۈنۈشكە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن قەتئىي يىراق تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَأَطِيعُوا اللَّـهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَنَازَعُوا فَتَفْشَلُوا وَتَذْهَبَ رِيحُكُمْ ۖ وَاصْبِرُوا ۚ إِنَّ اللَّـهَ مَعَ الصَّابِرِينَ تەرجىمىسى: پۈتۈن سۆز - ھەرىكەتلىرىڭلاردا اللە قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ - قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ، سەۋر قىلىڭلار، اللە ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر [سۈرە ئەنفال 46-ئايەت].

10.         سەبىر قىلىش ۋە سەۋىرچان بولۇش. ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە سەبىر قىلىش مۇھىمدۇر. بولۇپمۇ اللە ۋە اللە نىڭ رەسۇلىنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇشلاردا دۈشمەندىن غالىب كەلگۈچە سەۋىرچان بولۇش بەك مۇھىمدۇر. بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ : يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا وَرَابِطُوا وَاتَّقُوا اللَّـهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! تائەت- ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن اللە تىن قورقۇڭلار يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار [سۈرە ئال ئىمران 200-ئايەت].

11.         اللە قا سەمىمىي بولۇش. ئۇرۇشقا قاتناشقۇچى ياكى قايتقۇچىدا سەمىمىي ئىخلاس بولمايدىكەن، ئۇلار اللە يولىدا جىھاد قىلغان بولمايدۇ. بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ خَرَجُوا مِن دِيَارِهِم بَطَرًا وَرِئَاءَ النَّاسِ تەرجىمىسى: يۇرتلىرىدىن چوڭچىلىق ۋە رىيا بىلەن چىققان كىشىلەر (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرى) گە ئوخشاش بولماڭلار [سۈرە ئەنفال 47-ئايەت].

12.         اللە تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى ئەجىر-ساۋابقا رىغبەتلىنىش. دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان سەۋەبلەردىن يەنە بىرى، ئۇ بولسىمۇ، اللە تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتىنى ۋە دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

13.         قوماندانلىقنى ئىمانلىق، سالىھ كىشىلەرگە تاپشۇرۇش. غەلبىنىڭ سەۋەبلىرىدىن: چوڭ-كىچىك قوشۇنلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوماندانلىقىغا ئىمانى كامىل، ياخشى ئەمەللەر بىلەن تونۇلغان پەزىلەتلىك كىشىلەرنى بېكىتىش، ئاندىن قالسا مۇجاھىدلار ئىچىدىكى ياخشى سۈپەتلىك كىشىلەرنى تاللاش كېرەك. بۇ توغرىدا اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّـهِ أَتْقَاكُمْ ۚ إِنَّ اللَّـهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ تەرجىمىسى: ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اللە نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، اللە ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر [سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت].

14.         اللە نىڭ ئازابىنىڭ چۈشۈشى، مەغلۇبىيەت، ھالاكەتتىن قۇتۇلىدىغان مۇستەھكەم قورغانلار بىلەن مۇداپىئەلىنىش كېرەك. بۇ ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە نۇقتىغا ئىخچاملاپ بايان قىلىمىز:

بىرىنچى: چوڭ-كىچىك بارلىق گۇناھ-خاتالىقلاردىن تەۋبە قىلىپ، ئىستىغفار ئېيتىش كېرەك. چۈنكى اللە تائالا تۆۋەندىكى شەرتلەر تولۇق بولمىغان تەۋبىنى قوبۇل قىلمايدۇ: (1) گۇناھ-مەئسىيەتتىن قول ئۈزۈش، (2) ئۇ گۇناھنى ئىككىنچى تەكرارلىماسلىققا بەل باغلاش، (3) ئىلگىرى قىلغان خاتالىقلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر گۇناھ-خاتالىق كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئالاقىدار بولسا، يۇقىرىقى ئۈچ شەرتتىن باشقا تۆتىنچى شەرت، ھەق ئىگىسىنى رازى قىلىپ، مۇمكىن بولسا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراش كېرەك.

ئىككىنچى: اللە تائالاغا ئەڭ ساغلام رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىش. تەقۋادارلىق بولسا بەندە بىلەن رەب ئارىسىدىكى قالقان بولۇپ، بەندە اللە تائالاغا بولغان تەقۋادارلىقى ئارقىلىق، ئۆزىنى اللە تائالانىڭ ئازابى ۋە غەزىپىدىن قوغدىيالايدۇ.

ئۈچىنچى: بارلىق پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە نەپلە ئەمەللەرنىمۇ تولۇق ئادا قىلىش.

تۆتىنچى: ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش.

بەشىنچى: ئېتىقاد، سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەر نى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش.

ئالتىنچى: اللە تائالاغا دۇئا قىلىش ۋە ھاجەتلىرىنى ئۇنىڭدىن يېلىنىپ تۇرۇپ سوراش. تۈگىدى.

شەيخ سەئىيد ئىبنى ئەلى ئىبنى ۋەھەب ئەلقەھتانىينىڭ: "اللە يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ پەزىلىتى، مەرتىۋىسى، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى" ناملىق ئەسەرنىڭ (21-30) بەتلىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى اللە تائالادۇر.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟