تاڭ سۈزۈلگەندىن كېيىن بىر نەرسە يېمىگەن كىشىنىڭ كۈندۈزى نىيەت قىلىپ نەپلە روزا تۇتۇشنى باشلىسا بولىدىغانلىقى ۋە نەپلە روزىنى بۇزۇشقا بولىدىغانلىقى

مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى، رەسۇلۇللاھ  يېنىمغا كىرىپ، <يېنىڭلاردا يېگۈدەك بىرەر نەرسە بارمۇ؟> دېدى. بىز <يوق> دېدۇق. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ : <ئۇنداقتا مەن (نەپلە) روزا تۇتتۇم> دېدى.

ئاندىن رەسۇلۇللاھ  باشقا بىر كۈنى يېنىمىزغا كەلدى. بىز ئۇنىڭغا <يا رەسۇلۇللاھ! بىزگە ئازراق ھەيس (بىر خىل تاماق) ھەدىيە قىلىنغانىدى> دېدۇق. رەسۇلۇللاھ : <ئۇنى ماڭا كۆرسىتىڭلار، مەن بۈگۈن (نەپلە) روزا تۇتۇۋالغانىدىم» دېدى ۋە (روزىسىنى بۇزۇپ) ئۇنىڭدىن يېدى.

[سەھىھۇل مۇسلىم، 1154 – نومۇرلۇق ھەدىس]. 


روى مسلم (1154) عَنْ عَائِشَةَ أُمِّ الْمُؤْمِنِينَ قَالَتْ دَخَلَ عَلَيَّ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ذَاتَ يَوْمٍ فَقَالَ هَلْ عِنْدَكُمْ شَيْءٌ فَقُلْنَا لا قَالَ فَإِنِّي إِذَنْ صَائِمٌ ثُمَّ أَتَانَا يَوْمًا آخَرَ فَقُلْنَا يَا رَسُولَ اللَّهِ أُهْدِيَ لَنَا حَيْسٌ فَقَالَ أَرِينِيهِ فَلَقَدْ أَصْبَحْتُ صَائِمًا فَأَكَلَ


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟