«يېرىم خورما بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار» ھەدىسىنىڭ شەرھى

 پەيغەمبەر شۇنداق دېگەن: «يېرىم خورما بىلەن، ئۇنىمۇ تاپالمىساڭلار، ياخشى سۆز بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار» [بۇخارى 6563 مۇسلىم 1016]

 

شەرھىسى:

سىلەر ئۆزۈڭلار بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىنى يېرىم خورما بىلەن، يەنى يېرىم خورمىنى سەدىقە قىلىش بىلەن بولسىمۇ مۇھاپىزەت قىلىڭلار.

ئەگەر ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇنى قوبۇل قىلسا، شۈبھىسزكى ئاشۇ سىلەرنى دوزاختىن ساقلايدۇ.

ئەگەر ئۇنىمۇ تاپالمىساڭلار، بىراۋغا «قانداقراق تۇرۇۋاتىسىز؟ ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟» دېگەندەك ياخشى سۆزلەرنى دېيىش بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار.

[ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئبىنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى»دىكى 698 - ھەدىسنىڭ شەرھى]

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟