ئاخىرەتنى مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىپ باققانمىدىڭىز؟
سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە
ئىبراھىم ئەتتەيمىنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۆزۈمنىڭ دوزاخقا
كىرگەن ھالىتىمنى تەسەۋۋۇر قىلدىم: ماڭا
دوزاخنىڭ بويۇنتۇرۇقى تاقالغانىدى، ئازاب چېكىۋاتاتتىم، زەققۇمدىن يەپ، دوزاخنىڭ
كىشىنى ئازابلايدىغان قايناق سۇدەك ئىچىملىكىدىن ئىچىۋاتاتتىم. (دوزاختىكى)
ئۆزۈمدىن: «بىرەر ئارزۇيۇڭ بارمۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «دەرھال دۇنياغا قايتىپ،
شۇنداق بىر ئەمەل – ئىبادەت قىلايكى، بۇ ئازابتىن قۇتۇلاي» دېدى.
ئاندىن ئۆزۈمنىڭ جەننەتكە كىرگەن ھالىتىمنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. ئەتراپىمدا ھۆر ئەيىنلەر، ئۇچامدا يىپەك كىيىملەر بار ئىدى. (جەننەتتىكى) ئۆزۈمدىن «بىرەر ئارزۇيۇڭ بارمۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «دۇنياغا قايتىپ، شۇنداق بىر ئەمەل – ئىبادەت قىلايكى، بۇ نېمەتلەر تېخىمۇ كۆپەيسۇن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە: «ئەي نەپسىم! شۇنداق بولغانىكەن، ھازىر سەن (قايتىشنى ئارزۇ قىلغان) ئاشۇ دۇنيادىسەن، ئارزۇ قىلغانلىرىڭنى (يەنى بار كۈچۈڭ بىلەن تائەت – ئىبادەت قىلىۋېلىش ئارزۇسىنى) ئىشقا ئاشۇر» دېدىم».
[ئىمام ئەھمەد، «كىتابۇز زۇھد» 2114 – نومۇر].