نامازدا كۆزنى يۇمۇۋېلىشنىڭ ھۆكمى

 

 

ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 22174 – نومۇرلۇق پەتىۋا. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: نامازدا كۆزنى يۇمۇۋېلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

 

جاۋاب: ئالىملار ئۆزرىسىز ئەھۋالدا نامازدا كۆزنى يۇمۇۋېلىشنىڭ مەكرۇھلىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن. «ئەلراۋىد»نىڭ مۇئەللىپى «بۇنىڭ مەكرۇھ بولۇشىدا، يەھۇدىيلار شۇنداق قىلاتتى» دېگەن. (ئەلراۋد ئەلمۇرەببا، 95/1) .

«ئەلئىقنا»نىڭ مۇئەللىپى ئەلفاز ئەبۇ شۇجە «ئەگەر نامازدا قارىماسلىققا تېگىشلىك نەرسىلەرگە، مەسىلەن ئايالىغا، ياكى باشقا ناماھرەم ئاياللارغا، يېرىم – يالىڭاچلارغا قاراپ قېلىش خەۋپى بولمىسىلا، نامازدا كۆزنى يۇمۇۋېلىش مەكرۇھ» دېگەن. 

«ئەلمۇغنى»نىڭ مۇئەللىپى ئىبن قۇدامە رەھىمەھۇللاھمۇ ئوخشاش كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەلقەسسانى بۇ ھەقتە: «بۇنداق قىلىش كۆزنى سەجدە قىلىدىغان جايغا توغرىلاش سۈننىتىگە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن مەكرۇھدۇر، بۇنىڭدىن سىرت، ئادەمنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى ئىبادەت جەريانىدا تېگىشلىك رولىنى ئادا قىلىدۇ، كۆزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە» دېگەن.

«ماراقى ئەلفالاھ»نىڭ مۇئەللىپى «بۇ مەقسەتسىز قىلىنسا مەكرۇھ. ئەمما بەزى ئەھۋاللاردا كۆزنى يۇمۇۋېلىش ئېچىشتىن ياخشى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

ئىمام ئەلئىز ئابدۇسالام ئۆز پەتىۋاسىدا «ئەگەر كۆزنى يۇمۇۋېلىش زۆرۈر بولسا، ناماز ئوقۇغۇچى شۇنداق قىلغاندا دىققىتىنى تېخىمۇ بەك يىغالىسا، بۇنداق قىلىش جائىز» دېگەن.

ئەللامە ئىبن قەييۇم رەھىمەھۇللاھ «زادەلمەئاد»تا: «بۇ ھەقتىكى توغرا قاراش شۇكى، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ نامازدا كۆزىنى ئېچىپ تۇرۇشى ئۇنىڭ خۇشۇسىغا تەسىر يەتكۈزمىسە، ئۇنىڭ كۆزىنى ئېچىپ تۇرۇشى ئەۋزەل. ئەگەر ئەتراپتا بېزەك ياكى باشقا دىققەت چاچىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، بىراۋ نامازدا كۆزىنى ئېچىپ تۇرسا، خۇشۇسىغا تەسىر يېتىدىغان بولسا، بۇ خىل ئەھۋالدا كۆزنى يۇمۇۋېلىش مەكرۇھ ئەمەس، بەلكى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، بۇ شەرىئەتنىڭ نىشان – پىرىنسىپلىرىغا تېخىمۇ ئۇيغۇندۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر». (زادەلمەئاد 1/293).

 

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

 

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟