ھاكاۋۇرلۇق (تەكەببۇرلۇق) قىلماستىن كىيىمنى ئوشۇقتىن ئۇزۇن كىيىشكە بولامدۇ؟
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن:
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن: «كىيىمنى ئوشۇقتىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ھەزەر قىل، چۈنكى (كىيىمنى) ئوشۇقتىن ئاشۇرۇۋېتىش ھاكاۋۇرلۇق (تەكەببۇرلۇق)تۇر».
[«مۇسنەد ئەھمەد» 20636 - ھەدىس؛ «سۇنەن ئەبۇداۋۇد» 4084 - ھەدىس؛
بۇخارى «سەھىھ ئەدەب مۇفرەد» 905- ھەدىس؛ «سەھىھ ئىبنى ئىببان» 511 - ھەدىس، سەھىھ].
ئىزاھات:
مانا بۇ ھەدىستىن، ھاكاۋۇرلۇق مەقسەت قىلىنمىسىمۇ،
كىيىم(ئىشتان)نى ئوشۇقىدىن ئاشۇرسىلا ھاكاۋۇرلۇق بولىدىغانلىقى، يەنى بۇ ھەقتىكى باشقا ھەدىسلەردە ئاگاھلاندۇرۇلغىنىدەك، دوزاخقا لايىق گۇناھ
سادىر قىلغان بولىدىغانلىقى مەلۇمدۇر.
- عَنْ جَابِرِ بْنِ سُلَيْمٍ، قَالَ
قَالَ رَسُولُ اللَّهِ - صلى الله عليه وسلم – إِيَّاكَ وَإِسْبَالَ الْإِزَارِ،
فَإِنَّ إِسْبَالَ الْإِزَارِ مِنَ الْمَخِيلَةِ
مسند احمد 20636 وسنن أبي داود 4084 صحيح
صحيح الأدب المفرد للبخاري 905 صحيح ابن حبان 511