زىبۇ - زىننەت، گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئاياللار سىرتقا چىققاندا باشقا يات ئادەملەرنىڭ كۆرۈشى ۋە پۇرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەتىر، زىبۇ-زىننەت، گۈزەللەشتۇرۇش بۇيۇملىرى ۋە (ئەۋرەتلەرنى تولۇق ياپمايدىغان، كالتە - كۆسەي) كىيىم - كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشلىرىنى سورايمەن.

ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى  67745 – نومۇرلۇق سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ ئالىملىرىدىن: ‫«(تۈركىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى دېگەندەك، ت) بەزى دۆلەتلەردە ئومۇملىشىپ كەتكىنىدەك، زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغان ئاياللارنىڭ بۇ نەرسىلەرنى كوچىلاردا يات ئادەملەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن قوللىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، زىننەت ۋە گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟» دەپ سورالغاندا، ئۇلار بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ئەگەر تىجارەت قىلغان ئادەم خېرىدارلارنىڭ بۇ نەرسىلەرنى ئاللاھ چەكلىگەن يوللاردا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنى سېتىش دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش گۇناھ - مەئسىيەتكە ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ. ئەمما، ئەگەر زىبۇ – زىننەتلەرنى سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۇنى ئۆزىنىڭ ئېرى ئۈچۈنلا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلسە ۋە ياكى ئۇنىڭ قايسى ھالەتتە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمىسە، بۇ ھالەتتە مەزكۇر نەرسىلەرنى سېتىش دۇرۇس بولىدۇ [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى (13/ 67)].
(*ئەسكەرتىش: مەزكۇر پەتىۋادىكى «ئۇنىڭ قايسى ھالەتتە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمىسە» دېگەن گەپ، جەمئىيەتتە تەبەررۇج (ئاياللارنىڭ ياسىنىپ – تارىنىپ، ئۆزىنى سىرتلاردا خەققە كۆرسىتىپ يۈرۈشى) ئومۇملاشمىغان، خانىم – قىزلىرى ئىسلامغا لايىق ھىجابلىنىپ يۈرىدىغان ماكانلارغا قارىتىلغان. خوتۇن – قىزلار ئومۇمىيۈزلۈك يېرىم – يالىڭاچ يۈرۈيدىغان زېمىنلاردا زىبۇ – زىننەت ياكى ئەتىر دېگەندەك نەرسىلەرنى شۇ خىل ئاياللارغا سېتىۋېرىپ، «مەن بۇ ئايالنىڭ بۇ نەرسىلەرنى قانداق ۋاقىتتا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن ئەمەسمۇ؟!» دېيىش نەپسى خاھىشىغا، ھاۋايى ھەۋەسكە ئەگەشكەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس»

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.


ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟