مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن قەلبىدە ئىمان ئېيتىپ قويسىلا بولامدۇ؟
سوئال: ئىنسان ناماز،
روزا ۋە زاكاتتىن ئىبارەت ئەمەللەرنى ئادا قىلمىسىمۇ قەلبىدىكى ئىمانى ئۇنىڭ مۇسۇلمان
ئىكەنلىكىگە كۇپايە قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 133036 – نومۇرلۇق سوئال. مەزكۇر توربەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
جاۋاب: بارلىق گۈزەل مەدھىيە
ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر.
ئىنساننىڭ ناماز ۋە
باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلماستىن، ئاللاھ تائالاغا پەقەت قەلبىدىلا ئىشىنىشى كۇپايە
قىلمايدۇ. بەلكى ئۇ كىشى چىن قەلبىدىن ئاللاھنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوق يەككە - يېگانە،
ھەممىنى ياراتقۇچى ۋە تەربىيە قىلغۇچى زات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش بىلەن بىرگە،
بارلىق ئىبادەتلەرنى ئاللاھ ئۈچۈن ئادا قىلىشى، مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسان ۋە جىنلارغا ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەر
ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى، دىندا ئىمان ئېيتىش زۆرۈر بولغان ئاساسلاردىندۇر.
شۇنداقلا مۇسۇلمان
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى خەۋەر بەرگەن جەننەت، دوزاخ، پىلسىرات، تارازا
قاتارلىق قۇرئان - ھەدىستە بايان قىلىنغان غەيبىي ئىشلارغا ئىمان ئېيتىشى لازىم. «بىر
ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، مۇھەممەد سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دېگەن شاھادەت سۆزىنى ئېيتىش زۆرۈر بولغاندەك،
ناماز ئوقۇش ۋە دىندا بېكىتىلگەن باشقا پەرز ئەمەل(ئىبادەت)لەرنى ئادا قىلىشمۇ زۆرۈردۇر.
بىر كىشى زاكات، روزا، ھەج
قاتارلىق باشقا پەرز ئىبادەتلەرنى زۆرۈر دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ - يۇ ئەمما ئۇنى ئادا
قىلىشقا سەل قارايدۇ، بۇ ھالەتتە مەزكۇر كىشى كاپىر دەپ قارالماستىن، بەلكى گۇناھكار
پاسىق ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئىمانى تولۇق ئەمەس ياكى ئاجىز دېيىلىدۇ، چۈنكى ئىمان زىيادە
بولىدۇ ۋە كېمىيىدۇ. ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئېتىقادىدا، «ئىمان دېگەن قەلبتە
تەستىق قىلىش، تىلدا ئىقرار قىلىش ۋە بەدەن ئارقىلىق ئەمەل قىلىش بولۇپ، ئۇ ياخشى
ئەمەل ۋە تائەت - ئىبادەت ئارقىلىق كۈچىيىدۇ، گۇناھ - مەسىيەت سەۋەبلىك ئاجىزلايدۇ».
ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى
ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.