دۇنيا سىناق ۋە ئىمتىھان ماكانىدۇر
سوئال: دۇنيا زادى قانداق جاي؟ ئۇنىڭ ماھىيىتى نېمە؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشلىرىنى سورايمەن.
ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 13205 – نومۇرلۇق سوئال. مەزكۇر توربەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
جاۋاب:
بارچە گۈزەل مەدھىيىلەر
ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر.
دۇنيا ئەمەل - ئىبادەتنىڭ،
ئاخىرەت بولسا جازا - مۇكاپاتنىڭ ئورنىدۇر؛ جەننەت مۆمىنلەرنىڭ، دوزاخ كاپىرلارنىڭ
جايىدۇر. جەننەت پاك ۋە گۈزەل ئورۇندۇر. جەننەتكە پەقەت مەنىۋىيىتى پاك، ياخشى ئەمەللەرنى
قىلغان كىشىلەرلا كىرىدۇ. ئاللاھ تائالا پاك ۋە گۈزەلدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا
ئەمەلنىڭمۇ پاك ۋە گۈزەل بولغانلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بەندىلەرنى تۈرلۈك
بالا - مۇسىبەتلەر بىلەن سىناش ۋە ئىمتىھان قىلىشى بولسا، مۆمىنلەرنى كاپىرلاردىن،
سەمىمىي راستچىل كىشىلەرنى يالغانچىلاردىن ئايرىشى ئۈچۈندۇر.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا
مۇنداق دەيدۇ: أَحَسِبَ
ٱلنَّاسُ أَن يُتۡرَكُوٓاْ أَن يَقُولُوٓاْ ءَامَنَّا وَهُمۡ لَا يُفۡتَنُونَ ٢
وَلَقَدۡ فَتَنَّا ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۖ فَلَيَعۡلَمَنَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ
صَدَقُواْ وَلَيَعۡلَمَنَّ ٱلۡكَٰذِبِينَمَّا «ئىنسانلار <ئىمان ئېيتتۇق>
دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى
بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئاللاھ (ئىمانىدا) راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، (ئىمانىدا)
يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ» [سۈرە ئەنكەبۇت 2-3- ئايەتلەر].
ئىمتىھان ۋە سىناق نەتىجىسىدە
پاك كىشىلەر بىلەن ناپاك كىشىلەر ئايرىلغاندىن، مۆمىن بىلەن كاپىر پەرقلەندۈرۈلگەندىن
كېيىن، ئۇتۇق ۋە غەلبە قولغا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كَانَ ٱللَّهُ لِيَذَرَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
عَلَىٰ مَآ أَنتُمۡ عَلَيۡهِ حَتَّىٰ يَمِيزَ ٱلۡخَبِيثَ مِنَ ٱلطَّيِّبِۗ وَمَا
كَانَ ٱللَّهُ لِيُطۡلِعَكُمۡ عَلَى ٱلۡغَيۡبِ «ئاللاھ ياماننى (يەنى مۇناپىقنى)
ياخشىدىن (يەنى مۆمىندىن) ئايرىمىغۇچە مۆمىنلەرنى (يەنى سىلەرنى) ھازىرقى پېتىڭلارچە
قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى غەيبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ» [سۈرە ئال- ئىمران 179-
ئايەتنىڭ بىرقىسم].
ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى
كاپىرلاردىن ئايرىش ئۈچۈن بەندىلىرىنى سىنايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: وَلَنَبۡلُوَنَّكُم
بِشَيۡءٖ مِّنَ ٱلۡخَوۡفِ وَٱلۡجُوعِ وَنَقۡصٖ مِّنَ ٱلۡأَمۡوَٰلِ وَٱلۡأَنفُسِ وَٱلثَّمَرَٰتِۗ
وَبَشِّرِ ٱلصَّٰبِرِينَ ١٥٥ ٱلَّذِينَ
إِذَآ أَصَٰبَتۡهُم مُّصِيبَةٞ قَالُوٓاْ إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّآ إِلَيۡهِ
رَٰجِعُونَ ١٥٦ أُوْلَٰٓئِكَ عَلَيۡهِمۡ
صَلَوَٰتٞ مِّن رَّبِّهِمۡ وَرَحۡمَةٞۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُهۡتَدُونَ «بىز سىلەرنى بىرئاز
قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا،
بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا
كەلگەن مۇسىبەت، زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر
بەرگىن. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ
ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا
قايتىمىز دەيدۇ. ئەنە شۇلار رەببىنىڭ مەغفىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە
شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» [سۈرە بەقەرە 155-156-157- ئايەتلەر].
ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى
سىنايدۇ، سەبىر قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇلارغا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ.
ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى
جىھاد قىلىشقا بۇيرۇش ئارقىلىقمۇ سىنايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
أَمۡ حَسِبۡتُمۡ أَن تَدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ وَلَمَّا يَعۡلَمِ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ
جَٰهَدُواْ مِنكُمۡ وَيَعۡلَمَ ٱلصَّٰبِرِينَ «ئى مۆمىنلەر جامائەسى! ئاللاھ سىلەردىن
ھەقىقىي جىھاد قىلغانلارنى ۋە جىھادنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتلىرىگە چىدىغۇچىلارنى
ئايرىماي تۇرۇپ، (پەقەت ئاغزىڭلاردا ئىمان ئېيتتۇق دېيىش بىلەنلا) جەننەتكە
كىرىشنى ئويلامسىلەر؟» [سۈرە ئال-ئىمران 142-ئايەت].
مال-دۇنيا ۋە پەرزەنت
ئىمتىھاندۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىدىن بۇ نېمەتلەرگە شۈكرى ۋە رەھمەت ئېيتقۇچىلار
بىلەن، مال - دۇنيا ۋە ئەۋلاد بىلەن بولۇپ كېتىپ، رەببىنى ئۇنتۇغۇچىلارنىڭ
ئارىسىنى ئايرىشتىكى ھېكمىتى ئىمتىھان قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە
مۇنداق دەيدۇ: وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَآ أَمۡوَٰلُكُمۡ
وَأَوۡلَٰدُكُمۡ فِتۡنَةٞ وَأَنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥٓ أَجۡرٌ عَظِيمٞ «بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ
ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا
چوڭ ساۋاب باردۇر» [سۈرە ئەنپال 28-ئايەت].
ئاللاھ تائالا بەندىلەردىن
شۈكۈر قىلغۇچىلار بىلەن ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىلارنى، ئىتائەت قىلغۇچىلار بىلەن
ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئايرىش نەتىجىسىدە، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش
ئۈچۈن، بەندىلەرگە بەزى بالايى ئاپەت ۋە ھەرتۈلۈك نېمەتلەر ئارقىلىق سىنايدۇ.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: وَنَبۡلُوكُم
بِٱلشَّرِّ وَٱلۡخَيۡرِ فِتۡنَةٗۖ وَإِلَيۡنَا تُرۡجَعُونَ
«سىلەرنى
بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز. سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا
قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازا ۋە مۇكاپات بېرىمىز)» [سۈرە ئەنبىيا 35-ئايەت].
بەندىلەرگە قىلىنىدىغان
سىناق ئۇلارنىڭ ئىمانىغا قارىتا بولىدۇ، ئىنسانلار ئىچىدە پەيغەمبەرلەرگە
قىلىنىدىغان سىناق ئەڭ ئېغىر بولىدۇ. ئاندىن ئىماندا ئۇلارغا يېقىن بولغانلارغا
دۇچ كېلىدىغان سىناق ئەڭ ئېغىر بولىدۇ. يەنى كىشىلەر ئىمانىنىڭ مۇستەھكەم ياكى
ئاجىزلىقى بويىچە سىنىلىدۇ. سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەردىن
ئىككى كىشى بەرداشلىق بەرگەنگە بەرداشلىق بېرىمەن، يەنى ئىككى كىشىنىڭ قىززىتمىسىدەك
قىزىۋاتىمەن». [بۇخارى رىۋايىتى 5648- ھەدىس].
ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى
تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۆمىنلەردىن كاپىرلارنى،
ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى، رەھمەت ئېيتقۇچىلاردىن تۇزكورلۇق
قىلغۇچىلارنى ئايرىش ئۈچۈن، ئۇلارنى بەزىدە نېمەتلەر ئارقىلىق سىنىسا، بەزىدە ئۇلارنى
قاتتىق مۇسىبەتلەر بىلەن سىنايدۇ.
بەندە بەزىدە ئاللاھقا
ئاسىيلىق قىلغاندا، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىشى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇنى مۇسىبەتلەر
بىلەن ئەدەبلەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: وَمَآ
أَصَٰبَكُم مِّن مُّصِيبَةٖ فَبِمَا كَسَبَتۡ أَيۡدِيكُمۡ وَيَعۡفُواْ عَن كَثِيرٖ «سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار
ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن
كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا،
بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار)» [سۈرە شۇرا 30-ئايەت].
ئاللاھ تائالا يەنەمۇنداق
دەيدۇ: وَلَقَدۡ
أَخَذۡنَٰهُم بِٱلۡعَذَابِ فَمَا ٱسۡتَكَانُواْ لِرَبِّهِمۡ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ «ئۇلارنى بىز ھەقىقەتەن
ئازاب (يەنى قەھەتچىلىك) بىلەن جازالىدۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا بويسۇنمىدى،
ئىلتىجا قىلىپ دۇئامۇ قىلمىدى» [سۈرە مۆمىنۇن 76-ئايەت].
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە
ناھايىتى مېھرىباندۇر. بەندىلەرنىڭ ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن چەكلىنىپ، ئۆز دەرگاھىغا
پاك قايتىشى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى تەكرار سىنايدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَوَلَا
يَرَوْنَ أَنَّهُمْ يُفْتَنُونَ فِي كُلِّ عَامٍ مَّرَّةً أَوْ مَرَّتَيْنِ ثُمَّ
لَا يَتُوبُونَ وَلَا هُمْ يَذَّكَّرُونَ «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم
ياكى ئىككى قېتىم سىنىلىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئاندىن ئۇلار تەۋبە قىلمايدۇ، ئىبرەتمۇ
ئالمايدۇ» [سۈرە تەۋبە 126- ئايەت].
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە
رەھمەت قىلىپ، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى پاك ھالەتتە ئۆز دەرگاھىغا
قايتىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى بەزى مۇسىبەتلەر بىلەن جازالايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا
مۇنداق دەيدۇ: وَلَنُذِيقَنَّهُم مِّنَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَدۡنَىٰ
دُونَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَكۡبَرِ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ «ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى
ئۈچۈن بىز ئۇلارغا چوقۇم ئەڭ چوڭ ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئىلگىرى ئەڭ يېقىنقى
ئازاب (يەنى دۇنيا ئازابى) نى تېتىتىمىز»
[سۈرە سەجدە 21-ئايەت].
ئاللاھ تائالا بەزى ۋاقىتتا
بەندىلەرنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈم قىلىپ، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى تۈرلۈك
مۇسىبەتلەر بىلەن سىنايدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق
دەيدۇ: «مۇسۇلمانلارغا ئېغىرچىلىق، كېسەل، غەم - قايغۇ، ئەرزىيەت ياكى قايغۇ - ھەسرەت،
ھەتتا تىكەن سانجىلغانغا قەدەر ئەرزىيەت يېتىپلا قالسا، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ
تائالا ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ» [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان.
بۇخارىي رىۋايىتى 5641- ھەدىس].
ئاللاھ ئەڭ ياخشى
بىلگۈچىدۇر.