قەلبىم ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتمىسۇن دېسىڭىز...

ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە شەيىخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «ياخشىلار باغچىسى»غا قىلغان شەرھىدە شۇنداق دەيدۇ:

شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، قەلىبنىڭ ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشىگە ئىنسان ئۆزى سەۋەبچى بولىدۇ. ئىنسان يامان ئىشلارنى ئارزۇلايدىغان، ياخشى ئىشلارنى خالىمايدىغان بىرى بولسا ئۇنىڭ قەلبى ھەقتىن بۇرۇلىدۇ. بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ شۇ ئايەتلىرى دەلىلدۇر:

(1) {فَلَمَّا زَاغُوا أَزَاغَ اللَّـهُ قُلُوبَهُمْ} {ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى} [سۈرە ساف 5 – ئايەتنىڭ تەرجىمە مەنىسى].

(2) {يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُل لِّمَن فِي أَيْدِيكُم مِّنَ الْأَسْرَىٰ إِن يَعْلَمِ اللَّـهُ فِي قُلُوبِكُمْ خَيْرًا يُؤْتِكُمْ خَيْرًا مِّمَّا أُخِذَ مِنكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۗ وَاللَّـهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ} {ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى، ئەگەر ئاللاھ دىلىڭلاردا ئىمان بارلىقىنى بىلسە (يەنى دىلىڭلاردا ئىمان بولسا، ئاللاھ ئۇنى بىلىدۇ)، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان فىدىيىدىن ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ، (ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭلارنى) مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر [سۈرە ئەنفال 70 – ئايەت].

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟