«كىمكى ئاللاھ بەرگەن ئازغىنە رىزىققا رازى بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئازغىنە (سالىھ) ئەمەلىگە رازى بولىدۇ» دېگەن ھەدىس سەھىھ ئەمەس
سوئال: «مَن رضي من الله بالقليل من الرزق : رضي الله
منه بالقليل من العمل» «كىمكى ئاللاھ
بەرگەن ئازغىنە رىزىققا رازى بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئازغىنە (سالىھ) ئەمەلىگە رازى
بولىدۇ» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟
ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 12935 – نومۇرلۇق سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
بۇ ھەدىسنى ئىمام بەيھەقى «شۇئەب ئەلئىمان»دا (7/204) رىۋايەت
قىلغان.
بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى (رىۋايەت قىلغۇچىلار زەنجىرى)دە ئىسھاق
ئىبنى مۇھەممەد ئەلفەراۋى بار بولۇپ، ئۇنى نەسائىي، ئەبۇداۋۇد ۋە داراقۇتنى
قاتارلىق مۇھەددىسلەر «زەئىپ» دېگەن [«مىزان ئەلئىتىدال»، 1/351; «تەھسىب ئەلتەھرىب»،
1/217].
بۇ ھەدىسنى يەنە ئىمام ئىراقى «تەخرىج ئەلئىھيا» (4/434)دا «زەئىپ» دېگەن.