ئىنسان ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشى كېرەك؟

ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبن سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ پۈتۈن ئۈممەتكە قىلغان نەسىھىتى. شەيخنىڭ «ياخشىلار باغچىسى»غا قىلغان شەرھىدىن ئېلىندى.

ئىنسان ئۆمرىنى سالىھ ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. چۈنكى، كىشى بېشىغا ئۆلۈم كەلگەندە، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئىشلەتمىگەن ھەربىر دەقىقىسى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ. ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئىشلەتمىگەن ھەربىر سائەت ۋە ھەربىر دەقىقە سەن ئۈچۈن زىياندۇر ۋە پۇشايمىنىڭنىڭ سەۋەبىدۇر. چۈنكى، (ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن) پايدىلانماي ئۆتكۈزۈۋەتكەن شۇ ۋاقىتلىرىڭ سېنىڭ زىيىنىڭغا ھۆججەت بولىدۇ. پۇرسەتنىڭ (ۋاقىتنىڭ، ھاياتنىڭ) قەدرىنى بىل ۋە ۋاقتىڭنى ناماز، قۇرئان، زىكىر ۋە سېنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزگىن. قەلبىڭنى ئاللاھنىڭ يولىغا يۈزلەندۈر، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنى قولدىن بەرمە ۋە ئاللاھنى (قەلىب، تىل ۋە ئەمەللەر ئارقىلىق) زىكىر قىلىشتىن غەپلەتتە قالما. قەلبىڭ ئاللاھقا باغلانسۇن، ئەزالىرىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسۇن، ئەمەللىرىڭدە ئۇنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگىن!
دۇنيانىڭ پانى ئىكەنلىكىنى ۋە ھېچكىمگە باقىۋەندە بولمىغىنىدەك، ساڭىمۇ باقىۋەندە بولمايدىغانلىقىنى ئۇنۇتما! ئۆزۈڭدىن ئىلگىرى بۇ دۇنياغا كېلىپ – كەتكەن يىراق – يېقىن ئۆتمۈشتىكى قەۋملەرگە نەزەر سال! تېخى تۈنۈگۈنلا سەن بىلەن بىللە يەپ – ئىچىپ، ئويناپ – كۈلۈپ يۈرگەن، ئەمما تۇيۇقسىزلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغانلارغا قارا! ھامان بىر كۈنى ئۆلۈم نۆۋىتى ساڭىمۇ كېلىدۇ! ئاللاھ تائالانىڭ «ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن رەببىڭگە قارىتا سەئيى – ئىجتىھات قىلىسەن ۋە ئاندىن ئۇنى (يەنى ئەمەللىرىڭنىڭ نەتىجىسىنى) كۆرىسەن» [سۈرە ئىنشىقاق 6 – ئايەتنىڭ تەرجىمە مەنىسى] دېگەن ھۆكمى ھامان بىر كۈنى سېنىڭ بېشىڭغىمۇ كېلىدۇ.

ئى قېرىندىشىم، شۇنداق بولغانىكەن، پۇرسەتلەرنى غەنىيمەت بىلگىن! چۈنكى، قىيامەت كۈنى نە جۈپتىڭنىڭ، نە بالا – چاقاڭنىڭ، نە مال – بىساتىڭنىڭ ساڭا پايدىسى بولمايدۇ. پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا شېرىكتىن يىراق، ساغلام بىر قەلىب بىلەن بېرىشلا ساڭا پايدا بېرىدۇ. ئاللاھ ھەم مېنى، ھەم سىلەرنى ئىمان ۋە تەۋھىد ئۈستىدە ئۆلۈپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ساغلام بىر قەلب بىلەن بېرىشقا نېسىپ قىلغاي! شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟