كىشىلەرگە نەسىھەت قىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم؟

 سوئال: نەسىھەت قايسى شەكىلدە قىلىنسا توغرا بولىدۇ؟ ئادەم يوق يالغۇز جايدا قىلىنامدۇ ياكى جامائەت سورۇنىدا قىلىنسىمۇ بولامدۇ؟ قانداق كىشى نەسىھەت قىلىشقا لايىق بولىدۇ؟

ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 225160 – نومۇرلۇق سوئال. مەزكۇر توربەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.

بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر.

سەمىمىي نەسىھەت ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ بەلگىسى، ئىماننىڭ مۇكەممەللىكى، ئېھساننىڭ تامامىدۇر. چۈنكى مۇسۇلمان ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈن ياخشى كۆرمىگىچە، ئۆزى ياقتۇرمىغان نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ئۆچ كۆرمىگۈچە، ئۇنىڭ ئىمانى كامىل بولمايدۇ، مانا بۇ نەسىھەتنىڭ تۈرتكىسىدۇر.

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىگە سەمىمىي بولۇشقا (سەمىمىي نەسىھەت قىلىشقا) بەيئەت قىلدىم. [بۇخارى رىۋايىتى 57 - ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 56-ھەدىس].

تەمىم ئىبنى ئەۋىس دارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دىن دېگەن سەمىمىيەتتۇر» دېدى. بىز: كىمگە؟ دەپ سورىۋېدۇق، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقلىرىغا ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 55-ھەدىس].

ئىبنى ئەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بارلىق مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولۇش دېگەنلىك، ئۇلارنى مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارغا يېتەكلەش دېمەكتۇر» [ئەننىھايە 5 - توم 142-بەت].

سەمىمىي نەسىھەتنىڭ ئومۇمى ئەدەب - قائىدىلىرى بار بولۇپ، سەمىمىي نەسىھەت قىلغۇچىدا تۆۋەندىكى بۇ ئەدەب - ئەخلاقلارنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم:

1. سەمىمىي نەسىھەتكە تۈرتكە بولىدىغان ئامىل ئۆزىنىڭ «ئىسلامىي قېرىندىشىنىڭ ياخشىلىققا ئېرىشىشىنى ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭغا يامانلىق يېتىپ قېلىشىنى ياقتۇرماسلىق» بولۇشى كېرەك.

ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بارلىق مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولۇش دېگەنلىك: ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرۈش، ئۆزى ياقتۇرمىغان نەرسىلەرنى ئۇلار ئۈچۈنمۇ ياقتۇرماسلىق؛ ئۇلارغا مېھرى - شەپقەت قىلىش، كىچىكلەرگە مېھرىبانلىق قىلىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنىڭ قايغۇسىغا ئېچىنىش، خۇشاللىقىغا خۇرسەن بولۇش، ئۆزىنىڭ دۇنيالىق مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىسىمۇ، ئۆزىنىڭ تىجارەتتىكى پايدىسى ئازلاپ كەتسىمۇ، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك؛ شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلارغا زىيان بولىدىغان بارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىش، ئۇلارغا مەنپەئەتلىك بولغان ۋە ئۇلارنى بىرلەشتۈرىدىغان، ئۇلارنىڭ باياشاتلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىش، دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇلارغا ياردەم بېرىش، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارغا يېتىدىغان بارلىق ئازار - كۈلپەتلەرنى مۇداپىئە قىلىشتۇر».

ئەبۇ ئۆمەر ئىبنى سەلاھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «سەمىمىي نەسىھەت دېگەن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى مېغىزلىق سۆز بولۇپ، نەسىھەت قىلغۇچى ۋە قىلىنغۇچى ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ يوللىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە شۇ ئىشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ». [جامىئۇل ئۇلۇم ۋەلھىكەم 80-بەت]

2. نەسىھەت قىلغۇچى سەمىمىي بولۇشى، قىلغان ئىشى ئارقىلىق قېرىندىشىغا چوڭچىلىق قىلىش ۋە ئۈستۈن بولۇشنى مەقسەت قىلماستىن، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن بولۇشى كېرەك.

3. نەسىھەت ئالدامچىلىق ۋە خىيانەتتىن ئىبارەت مەلۇم شەخسىي غەرەزدىن خالىي بولۇشى كېرەك. شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «سەمىمىي نەسىھەت دېگەن: نەسىھەت قىلماقچى بولغان ئىشىغا ئىخلاس قىلىش، ئۇنىڭدا ئالدامچىلىق ۋە خىيانەت قىلماسلىقتۇر. مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشىغا ئىگە بولۇشى ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر، ئۇ ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا سەمىمىي بولىدۇ، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلمايدۇ ۋە ئالدىمايدۇ، ئۇنى پايدىلىق - مەنپەئەتلىك ئىشلارغا يېتەكلەيدۇ». [پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 5-توم 90-بەت].

4 . نەسىھەت دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق روھى بىلەن بولۇشى كېرەك. يەنى بىھۇدە قوپاللىق ۋە قاتتىقلىق قىلماسلىق لازىم. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ادْعُ إِلَىٰ سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ ۖ وَجَادِلْهُم بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ «رەببىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز- نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن» [سۈرە نەھل 125-ئايەت].

5. نەسىھەت قىلغۇچى ئىلىم - مەرىپەتلىك بولۇشى كېرەك. ئىمام سەئىدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «دەۋەت ئىلىم بىلەن قىلىنسا، دەۋەت قىلىش جەريانىدا مۇلايىم ۋە مېھرىبانلىق بىلەن چۈشىنىش ئاسان بولغان، دەۋەت قىلىنغۇچىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان ئەمەلدىن باشلانسا، قارشى تەرەپنىڭ قوبۇل قىلىشى مۇكەممەل بولىدۇ. چۈنكى بۇمۇ ھېكمەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇنداقلا دەۋەت قىلىنغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا دەۋەت قىلغۇچى تەرىپىدىن دىئاگنوز قويۇلغاندىن كىيىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مەلۇم ئورتاقلىق تۇرغۇزۇلىدۇ، مانا بۇ ۋاقىتتا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش پرىنسىپىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، دەۋەت قىلىنغۇچىنى ساۋابقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك. ئەگەر دەۋەت قىلىنغۇچى ھەقىقەت بىلەن ياكى باتىل بىلەن بولسۇن دەۋەت قىلغۇچى بىلەن مۇنازىرىلەشسە، ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق مۇنازىرىلىشىش لازىم. مانا بۇ ئەقلى ۋە نەقلى جەھەتتىن دەۋەتنى قوبۇل قىلدۇرۇشنىڭ ساغلام يولىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەۋەت قىلىنغۇچىنىڭ ئېتىقادىغا دەلىل - ھۆججەتلەر كەلتۈرۈلۈپ ھەقىقەت يارقىن يورۇتۇپ بېرىلسە، بۇ مەقسەتنىڭ ھاسىل بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر. ئەگەر مۇنازىرىلىشىدىغان ئىش بولسا، ئەسلى مەقسەتنى يوق قىلىۋېتىدىغان ئورۇنسىز جېدەل - ماجرا، تالاش - تارتىشقا سەۋەب بولماسلىقى كېرەك. بۇنداق بولغاندا كۆزلىگەن مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ، چۈنكى دەۋەتتىن بولغان مەقسەت كىشىلەرنى ئۈركىتىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ھەقكە يېتەكلەشتۇر». [تەپسىر سەئدىي 452-بەت].

6. نەسىھەتنى ئاشكارا قىلىش پايدىلىق دەپ قارالسا، ئاشكارا قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن: ئېتىقاد مەسىلىسىدە خاتالاشقان ئادەمگە كىشىلەر ئارىسىدا خاتالىقىنى بايان قىلىپ بەرسە بولىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قارىشىدىن مەغرۇرلىنىپ دائىم باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئىزدەش توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك جازانىنى توغرا دەپ قارىغان ياكى بىدئەتنى تارقاتقان ياكى كىشىلەر ئارىسىدا ئاشكارا فىسق - فۇجۇر قىلغان كىشىلەرگە نەسىھەتنى ئاشكارا قىلىش يوللۇق، ھەتتا زۆرۈردۇر. چۈنكى، بۇ ئارقىلىق شەرئىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرگىلى، بۇزۇقچىلىقنى توسقىلى بولىدۇ.

ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى پەقەت ھەقىقەتنى بايان قىلىش بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ توغرا مەقسىتى بىلەن ساۋابقا ئېرىشىدۇ. شۇنداقلا مەزكۇر ئىشى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن، مۇسۇلمان يول باشچىلار ئۈچۈن ۋە ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سەمىمىيەت كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ» [ «نەسىھەت بىلەن ئەيىبلەشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق» ناملىق ئەسەر7-بەت].

7. نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ نەسىھەت جەريانىدا گۈزەل ئىبارىلەرنى قوللىنىشى، گەپ - سۆزدە مۇلايىم بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

8. نەسىھەت قىلغۇچى باشقىلارغا نەسىھەت قىلىش جەريانىدا، نەسىھىتى سەۋەبلىك ئۆزىگە يەتكەن ئازار - كۈلپەتلەرگە سەبىر قىلىشى كېرەك.

9. باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى يوشۇرۇش، مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى يېپىش، باشقىلارنىڭ يۈز - ئابرۇيىنى چۈشۈرمەسلىك، نەسىھەت قىلغۇچى سەۋرلىك، مۇلايىم، ياخشىلىقنى دوست تۇتىدىغان، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ياپىدىغان بولۇشى كېرەك.

10. نەسىھەت قىلغۇچى گۇمان بىلەن نەسىھەت قىلىپ باشقىلارنى يوق ئىشلار بىلەن ئەيىبلەپ سالماسلىقى ئۈچۈن، نەسىھەت قىلىشتىن ئىلگىرى مەسىلىنى ئېنىق بىلىشى لازىم.


11. نەسىھەت قىلغۇچى كىشىلەرنى بۇيرىغان ئىشتا ئالدى بىلەن ئۆزى ئەمەل قىلىشى لازىم. كىشىلەرنى توسقان ئىشتىن ئالدى بىلەن ئۆزى چەكلىنىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى بىر-بىرىگە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: أَتَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبِرِّ وَتَنسَوْنَ أَنفُسَكُمْ وَأَنتُمْ تَتْلُونَ الْكِتَابَ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ «كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتابنى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، چۈشەنمەمسىلەر؟» [سۈرە بەقەرە 44 - ئايەت]. كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۆزى قىلمىغان، يامانلىقتىن چەكلەپ ئۆزى قىلغان كىشىنىڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 202136 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.


ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟