گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى


شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، ھارام ئىشلارنى شۇ ھامان تەرك ئېتىش ۋاجىب. گۇناھ ئۈستىگە ئىشلەنگەن گۇناھ قەلبنى قارىدىتىۋېتىدۇ.

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «
إِنَّ الْعَبْدَ إِذَا أَخْطَأَ خَطِيئَةً نُكِتَتْ فِي قَلْبِهِ نُكْتَةٌ سَوْدَاءُ ، فَإِذَا هُوَ نَزَعَ وَاسْتَغْفَرَ وَتَابَ سُقِلَ قَلْبُهُ ، وَإِنْ عَادَ زِيدَ فِيهَا حَتَّى تَعْلُوَ قَلْبَهُ ، وَهُوَ الرَّانُ الَّذِي ذَكَرَ اللَّهُ ( كَلا بَلْ رَانَ عَلَى قُلُوبِهِمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ)» «مۆمىن بىر گۇناھ ئىشلىگەندە، ئۇنىڭ قەلبىدە بىر قارا چېكىت پەيدا بولىدۇ. ئۇ گۇناھىغا تەۋبە قىلسا ۋە شۇ گۇناھنى قايتا قىلمىسا ھەمدە گۇناھى ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىسە، قەلبى (قايتىدىن) پارقىرايدۇ. لېكىن، گۇناھنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە (قەلبتە پەيدا بولغان قارا چېكىتمۇ) يوغىناۋېرىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھ تائالا كىتابىدا تىلغان ئالغان {ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن ــ سۈرە مۇتەففىفىن 14 - ئايەت} (دېگەن ئايەتتىكى) «الرَّانُ» (داغ، قارا چېكىت)تۇر».

بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى (3334) ۋە ئىمام ئىبنى ماجە (4244) رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇت تىرمىزى»دا ھەسەن دەپ باھالىغان.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟