ئايال كىشى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىمەي تۇرۇپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلسا، شۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشەمدۇ؟
سوئال: ئايال كىشى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىمەي تۇرۇپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلسا، شۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشەمدۇ؟
دۇنياغا مەشھۇر ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 69960 – نومۇرلۇق پەتىۋادىن «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى»
تاللاپ تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ سانا
ئاللاھقا خاستۇر.
ئايال كىشىنىڭ ئۆي
ئىچىدە مېھىر – مۇھەببەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئىنتايىن مۇھىم.
بۇنىڭدىن سىرت، ئايال كىشى بالا تەربىيەلەش، ئېرىنىڭ خىزمىتىگە، دىنىي دەۋىتىگە ۋە
ئىلىم ئېلىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىشتە ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ.
بۇ جەھەتتە، ئايال
كىشىنىڭ قىلغان ئائىلە ئىشلىرى باشقا خىزمەتلەرگە ئوخشاشتۇر، شۇڭا ئايال كىشى بۇنى
ئىخلاس بىلەن، ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلىگەن ھالدا قىلمىغۇچە بۇ ئىشى ئۈچۈن ساۋابقا
ئېرىشەلمەيدۇ.
تۆۋەندە بۇ كۆز قاراشنى
قۇۋۋەتلەيدىغان بەزى دەلىللەرنى ۋە ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى شەرھلىرىنى بايان
قىلىمىز:
1. ئەبۇمەسئۇد ئەلبەدرى رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر
بىر مۇسۇلمان ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ، ئائىلىسىگە خىراجەت قىلسا، بۇ ئۇنىڭ
ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ» [سەھىھۇل بۇخارى (55)، سەھىھۇل مۇسلىم (1002)].
ئائىلىسى ئۈچۈن خىراجەت
قىلىش بىر ئادەمنىڭ شەرئىي مەجبۇرىيىتى، لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد
قىلىپ تۇرۇپ قىلمىسا، بۇ ئىشى ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشمەيدۇ.
ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس ھەققىدە شۇنداق دېگەن:
بۇ ھەدىستىن كۆرۈنۈپ
تۇرغىنى شۇكى، ئائىلىسى ئۈچۈن خىراجەت قىلغان كىشى پەقەت بۇ ئىشنى ئاللاھقا
يېقىنلىشىش (يەنى ئاللاھ رازىلىقى) ئۈچۈن قىلغاندىلا، ئاندىن ساۋابقا ئېرىشەلەيدۇ.
ئۇنىڭ قىلغىنى ئۆزى ئۈچۈن ۋاجىب ياكى نەپلە بولغان خىراجەت بولسۇن، ھۆكۈم ئوخشاش. شۇنداقلا،
بۇ (قىلغان خىراجىتى ئارقىلىق) ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى (ئاللاھ رازىلىقىنى)
كۆزلىمىگەن كىشىنىڭ شۇ ئىشى ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن
(ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلىمەي تۇرۇپ، ئۆزىگە يۈكلەنگەن ۋاجىب خىراجەتلەرنى ئادا
قىلغان كىشى) شۇ ۋاجىبنى ئادا قىلغان بولىدۇ [«فەتھۇل بارى»، (136/1)].
ھافىز ئىبنى ھەجەر
رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دەيدۇ:
بۇ ھەدىستىن شۇنى
چۈشىنىشكە بولىدۇكى، كىشى (شۇ ئەمەل ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى) نىيەت
قىلمىغان تەقدىردە، بىر ئەمەلنى قىلغانلىقى سەۋەبلىكلا ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ.
تەبەرى شۇنداق دېگەن:
بىراۋنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن خىراجەت قىلىشى ۋاجىب، ئۇ قىلغان خىراجەتلىرى ئۈچۈن
نىيىتىگە يارىشا ساۋابقا ئېرىشىدۇ. بۇنىڭ (ئائىلىسىگە خىراجەت قىلىشنىڭ) ۋاجىبلىقى
بىلەن «سەدىقە» دەپ ئاتىلىشى ئارىسىدا زىتلىق يوق. ئەكسىچە، (كىشىنىڭ ئائىلىسى
ئۈچۈن سەرپ قىلىشى كېرەك بولغان) بۇ ۋاجىب خىراجەت باشقا نەپلە سەدىقىلەردىن ئەۋزەلدۇر
[«فەتھۇل بارى»، (498/9)].
ئىمام نەۋەۋى
رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:
(يۇقىرىدىكى ھەدىستىكى)
«ساۋاب ئۈمىد قىلىپ» دېگەن ئىبارە «ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش» دېگەنلىكتۇر. بۇ
نىيەتسىزلا (يەنى ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلمايلا) قىلىنغان خىراجەتنى ئۆز ئىچىگە
ئالمايدۇ. ئەكسىچە، ساۋابقا ئېرىشىش پەقەت شۇنى نىيەت قىلغۇچىغىلا قارىتىلغان. ئائىلىسىگە
قىلىدىغان خىراجەت ئۈچۈن ساۋاب ئۈمىد قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ـــــ ئۆزىگە يۈكلەنگەن «ئائىلىسىگە
خىراجەت قىلىش» ۋە «ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئادا
قىلىشنى نىيەت قىلىشتۇر (يەنى «ئاللاھ تائالا ماڭا مۇشۇنداق بىر ۋەزىپىنى
يۈكلەپتۇ، مۇشۇ ۋەزىپەمنى ئادا قىلاي» دېگەن شەكىلدە نىيەت قىلىش
بىلەن بولىدۇ، ت) [«شەرھۇل مۇسلىم»، (88،89/7)]
2. سەئىد ئىبنى
ئەبۇۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن: «سەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىڭ كۆزلەپ قىلغان
ھەرقانداق خىراجىتىڭ ئۈچۈن چوقۇم ساۋابقا ئېرىشىسەن، ھەتتا ئۇ ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا
سالغان لوقما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ» [سەھىھۇل بۇخارى (56)، سەھىھۇل مۇسلىم (1628)].
ئىبنى ئەلھەج مالىكىي
رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس ھەققىدە شۇنداق دېگەن:
«ئەر كىشى ئايالىنىڭ
ئاغزىغا بىر – ئىككى لوقما بىر نەرسە سېلىپ قويۇشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. چۈنكى،
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: <ھەتتا ئۇ ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سالغان
لوقما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ> دېگەن. ئەر كىشى ئايالى بىلەن ئوينىشىپ ئۇنىڭ
ئاغزىغا بىرەر لوقما نەرسە سېلىپ قويسىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئەجىر ئالىدۇ. ئەمما،
بۇ ئىشىدا چوقۇم ساۋاب ئېلىشنى نىيەت قىلغان بولۇشى كېرەك» [«المدخل» (224/1)].
ھافىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ
بۇ ھەدىس ھەققىدە شۇنداق دېگەن:
«ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد
قىلىپ نېمىنىلا خىراجەت قىلساڭ، چوقۇم ساۋابقا ئېرىشىسەن. ساۋابقا ئېرىشىش
شۇنىڭغا، يەنى ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەشكە باغلىقتۇر، مۇھىمى مۇشۇ» [«فەتھۇل
بارى»، (367/5)].
خۇلاسە:
ئايال كىشى ئاللاھنىڭ
رازىلىقىنى ئۈمىد قىلغان ۋە شۇ نىيىتىدە سەمىمىي بولغانلا بولسا، قىلغان ئائىلە
ئىشلىرى ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشىدۇ.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى
بىلگۈچىدۇر.