رەسىملىك ــــ ئاخىرقى تەشەھھۇدتا توغرا ئولتۇرۇش شەكلى

ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھتىن: «ناماز ئوقۇغۇچى نامىزىدىكى قايسى ۋاقىتتا ۋە قايسى نامازلاردا تەۋەررۇك ئولتۇرۇشى (يەنى تۆۋەندىكى رەسىملەردە كۆرسىتىلگەندەك، سول پۇتىنى ئوڭ پۇتىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرۇش) كېرەك؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ شۇنداق جاۋاب بەرگەن:


«پېشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەنگە ئوخشاش ئىككى تەشەھھۇدلۇق نامازلارنىڭ ئاخىرقى رەكئىتىدە تەۋەررۇك ئولتۇرۇش كېرەك. بامدات نامىزىغا ۋە ئادەتتىكى سۈننەت نامازلارغا ئوخشاش ئىككى رەكئەتلىك نامازلاردا تەۋەررۇك ئولتۇرمايمىز. يەنى تەۋەررۇك ئولتۇرۇش پەقەت ئىككى تەشەھھۇدلۇق نامازلارنىڭ ئاخىرقى رەكئىتىدە بولىدۇ» [مەنبە: «لقاء الباب المفتوح»، ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 103886 – نومۇرلۇق پەتىۋانىڭ بىر قىسمى].




* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.



ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟