ئەللامە شەيخ بىن باز: ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىشنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقى

ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىش سۆز، ئەمەل ۋە ئەقىدىدە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى قىلىشقا بۇيرۇغان بارلىق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ۋە ئاللاھ - ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھارام قىلغان بارلىق سۆز، ئەمەل ۋە ئەقىدىلەردىن ۋاز كېچىشتە ئۆزئارا ياردەملىشىشنى كۆرسىتىدۇ. پۈتۈن ئىنسانلار، ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت ۋە قۇتۇلۇشقا ئېرىشىپ، ھەر تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىق ۋە پىتنىدىن ئەمىن قېلىش ئۈچۈن بۇ ھەمكارلىققا موھتاج. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتىن ئالغان نېسىۋېسى (دىنغا بولغان) ئىخلاسى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشىنىڭ مىقدارىدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتىن مەھرۇم قېلىشىمۇ (دىندىكى) غەپلىتىنىڭ مىقدارىدا بولىدۇ.

ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە شەيخ بىن بازنىڭ پەتىۋالىرى توپلىمى 5 - جىلىد 88 - بەت


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟