ھەر كۈندە يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى
سۈننەت پەتىۋا تور بېتى ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 300983 – نومۇرلۇق
سوئال. مەزكۇر پەتىۋا شۇ تور بەتنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
سوئال: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن
بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: سىلەرنىڭ بىرىڭلار
ھەر كۈنىدە مىڭ ياخشىلىق قىلىشتىن ئاجىز كېلەمدۇ؟ دېگەندە ساھابىلاردىن بىرى: بىزلەردىن
بىرىمىز بىر كۈندە مىڭ ياخشىلىقنى قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرسەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم:«يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتسا، ئۇ كىشىگە مىڭ ياخشىلىق يېزىلىدۇ ياكى
ئۇ كىشىدىن مىڭ خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ» دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە:«مىڭ ياخشىلىق يېزىلىدۇ
ۋە مىڭ خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ» دېيىلگەن.
ئەگەر
ئىنسان ھەر كۈنى بۇنىڭدىن ئارتۇق دېسە، يەنى مىڭ قېتىم دېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئون مىڭ ياخشىلىق
يېزىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاب: بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى
بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمگە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا
ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
يۇقىرىدا
بايان قىلىنغان ھەدىس سەھىھ بولۇپ، بۇ ھەدىسنى مۇسئەب ئىبنى سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس
رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: دادام ماڭا ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: بىز پەيغەمبەرسەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئىدۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: سىلەرنىڭ
بىرىڭلار ھەر كۈنىدە مىڭ ياخشىلىق قىلىشتىن ئاجىز كېلەمدۇ؟ دېگەندە، ئولتۇرغان ساھابىلاردىن
بىرى: بىزلەردىن بىرىمىز بىر كۈندە مىڭ ياخشىلىقنى قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرسەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم: يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتسا، ئۇ كىشىگە مىڭ ياخشىلىق يېزىلىدۇ ياكى
ئۇ كىشىدىن مىڭ خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ، دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 2698-ھەدىس].
ئىمام
نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ «ئەلئەزكار» 53-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:« ئىمام ھاپىز ئەبۇ ئابدۇللاھ
ھۇمەيدى مۇنداق دەيدۇ: مۇسلىمنىڭ كىتابىدا بايان قىلىنغان رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە
ياكى مىڭ خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ» دەپ بايان قىلىنغان، بۇرقانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:«
شۆئبىنىڭ رىۋايىتىدە، ئەبۇ ئۇۋانە ۋە يەھيا ئەلقەتتان مۇسلىم رىۋايەت قىلغان مۇسا تەرىپىدىن
قىنلىنغان رىۋايەتتە مىڭ دېگەن سۆز زىكىر قىلىنماستىن پەقەت خاتالىقلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ»
دەپ بايان قىلىنغان.
ئابدۇللاھ
ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دەيدۇ، دادام مۇنداق دېگەن:«ئىبنى نۇمەيرمۇ مۇنداق
دەيدۇ: ياكى خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ، يەئلامۇ مۇنداق دەيدۇ: ياكى خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ».
[مۇسنەد ئەھمەد 3-توم 133-بەت]، ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ 3463-ھەدىستە «خاتالىق
ئۆچۈرۈلىدۇ» دېگەن لەپزى بىلەن رىۋايەت قىلىپ، ھەسەن سەھىھ دېگەن.
موللا
ئەلى قارى: «مىرقاتىل مەپاتىھ» 4-توم 1594-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى بىر ياخشىلىق
ئۆزىنىڭ ئون باراۋىرىدە بولىدۇ، بۇ قۇرئان كەرىمدە ۋەدە قىلىنغان كۆپەيتىلىدىغان ياخشىلىقنىڭ
ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىدۇر، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ؛«مَنْ
جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِهَا تەرجىمە مەنىسى: «بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون
ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ». [سۈرە ئەنئام 160-ئايەت]. ئاللاھ تائالا مۇنداق
دەيدۇ:«وَاللَّهُ يُضَاعِفُ
لِمَنْ يَشَاءُ» تەرجىمە مەنىسى:«
ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ». [سۈرە بەقەرە 261-ئايەت].
يەنە
ھەرەمدە قىلىنغان بىر ياخشىلىق باشقا جايدا قىلىنغان يۈز مىڭ ياخشىلىققا باراۋەر بولىدۇ،
(ياكى مىڭ خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ) يەنى: ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك
بولسۇن مىڭ خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ.
شۇنىڭغا
ئاساسەن: كىمكى يۈز قېتىمدىن ئارتۇق تەسبىھ ئېيتسا، ئارتۇق ئېيتقىنىغىمۇ ئوخشاشلا ھەسسىلەپ
ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، چۈنكى ھەر بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋىرىدە بولىدۇ، كىمكى بىر
كۈندە مىڭ قېتىم تەسبىھ ئېيتسا، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى ئون مىڭ ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ، ئاللاھنىڭ
پەزلى، رەھمىتى مۇشۇنداق كەڭرىدۇر.
تۆۋەندە
بايان قىلىنغان ھەدىسمۇ مۇشۇ مەنىگە يېقىندۇر، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: كىمكى بىر كۈندە:«لاَ
إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ المُلْكُ وَلَهُ الحَمْدُ،
وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ» دەپ يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن
ئون قۇل ئازاد قىلغاننىڭ باراۋېرىدە ئەجىر بېرىلىدۇ، ئۇنىڭغا يەنە يۈز ياخشىلىق يىزىلىدۇ،
يۈز خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ، شۇ كۈنى كەچ كىرگىچە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىدۇ، ئۇ
كىشىدىن ئارتۇق ئەمەل قىلغان كىشىدىن باشقىلار ئۇ كىشىدەك ياخشىلىقلارغا ئېرىشەلمەيدۇ.
[بۇخارى رىۋايىتى 3293-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2691-ھەدىس].
بۇ
ھەدىسمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسكە يېقىندۇر، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: كىمكى ئەتىگەندە
ۋە كەچتە «سُبْحَانَ
اللهِ وَبِحَمْدِهِ » دەپ يۈز قېتىم تەسبىھ
ئېيتسا، شۇنىڭغا ئوخشاش دېگەن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك دېگەن كىشىدىن باشقا كىشى ئۇ كىشىدەك
ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2692-ھەدىس].
بۇ ھەدىستە؛ ئۇ كىشىدىن ئارتۇق دېگەن ۋە ئۇنىڭدىن
ئارتۇق ئەمەل قىلغان دەپ بايان قىلىنغان، يەنى يۈز قېتىم دېگەن كىشىدىن ئارتۇق دېگەن
كىشى دېمەكچى، يەنى: ئىككى يۈز، ئۈچ يۈز ياكى ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ دېگەن بولسا
كۆپ ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ياخشىلىق كۆپتۇر ۋە ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭرىدۇر.
بۇ
ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 220345-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ھەممىدىن
توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.