قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇشنىڭ ئەجرى
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى
سۈننەت پەتىۋا تور بېتى ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 2589 – نومۇرلۇق سوئال.
مەزكۇر پەتىۋا شۇ تور بەتنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ جۈمە كېچىلىرى ياسىن سۈرىسىنى توپ بولۇپ ئوقۇش ھەققىدىكى
2237 -سۇئالغا قارىتىلغان . ئەمەلىيەتتە، مەن سىز تىلغا ئالغان ھەدىسنى، يەنى پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن :
كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپنى ئوقۇسا، بىر ياخشىلىققا (مۇكاپاتقا) ئىگە
بولىدۇ ، ھەمدە ھەر بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىلىنىدۇ . مەن «ئەلىف لام مىم» نى بىر ھەرپ
دېمەيمەن، بەلكى ئەلف بىر ھەرپ ، لام بىر ھەرپ ، مىم بىر ھەرپ» نى دېمەكچىمەن . مەن
بىلمەكچىمەنكى، بۇ ھەدىس ئۆزىنىڭ ئوقۇۋاتقىنىنى ھەقىقىي چۈشىنىش ئۈچۈن باشقا بىر تىلدىكى
قۇرئاننى ( يەنى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى) ئوقۇغۇچىغىمۇ شۇنداقمۇ ؟ رەھمەت !
جاۋاب: مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىز ئاللاھتىن قىزىقىشىڭىزغا سىزنى مۇكاپاتلىشىنى
سورايمىز. سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك ، ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئەجىر قۇرئان مەنىلىرىنىڭ
باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىنى ئوقۇغۇچىغا ئەمەس ، پەقەت قۇرئاننى ئەرەب تىلى ھالىتىدە
ئوقۇغۇچىغىلا ئېيتىلغان . شۇنداقتىمۇ بىر ئادەم قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ھەمدە ئايەت
دەۋاتقان نەرسىلەردىن مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنە تەرجىمىسىنى ئوقۇسا ، ئۇنداقتا
ئۇمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىدۇ . چۈنكى مۇسۇلمان
يەشمىنى (تەفسىر)نى ئوقۇش بىلەن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ ، تەرجىمە - تەفسىردۇر . لېكىن تەرجىمىنى
ئوقۇغۇچى ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئەجىرگە ئېرىشىدۇ دەيدىغانغا دەلىل يوق . ئاللاھنىڭ
سېخىيلىقى( پەزلى) كاتتىدۇر .
ھەمدە ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىگۈچىدۇر.
ھەمدە ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىگۈچىدۇر.
ـــ پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد