ئىنسان دىندا پىتنىگە چۈشۈپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىدۇ؟
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى
سۈننەت پەتىۋا تور بېتى ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 143946 – نومۇرلۇق
سوئال. مەزكۇر پەتىۋا شۇ توربەتنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
سوئال: ئىنسان
دىندا پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئۆزىنى قانداق قوغدايدۇ؟ ئەگەر پىتنىگە چۈشۈپ قالسا
بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى
سورايمەن.
جاۋاب:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت
سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: دۇنيادا ئىنساننىڭ دىنى توغرا بولسا، ئۇ
كىشى ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنىدۇ، بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ. دىن مۇسۇلماننىڭ
ئاساسلىق سەرمايىسى. دىنغا سەل قاراپ، پىتنىگە دۇچ كېلىدىكەن، زىيان تارتىپ
خارلىنىدۇ. مۇسۇلمان دىنىنى كۈچلەندۈرۈپ، تۈرلۈك پىتنىلەردىن ئۆزىنى ساقلايدىكەن، دۇنيا
ۋە ئاخىرەتتە نىجات تاپىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ئى ئاللاھ! ئىشىمنىڭ كاپالىتى بولغان دىنىمنى مەن ئۈچۈن تولۇقلاپ بەرگىن، تۇرمۇش
ئىشلىرىم بولغان دۇنيالىقىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان ئورنۇم
بولغان ئاخىرەتلىكىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، بارلىق ياخشىلىقلاردا مەن ئۈچۈن
ھاياتلىقنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، بارلىق يامانلىقتىن ئۆلۈمنى مەن ئۈچۈن راھەتلىك
قىلىپ بەرگىن، دېگەن دۇئانى كۆپ ئۇقۇيتتى. [مۇسلىم رىۋايىتى2720-ھەدىس].
ئىمام مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئى
ئاللاھ! ئىشىمنىڭ كاپالىتى بولغان دىنىمنى مەن ئۈچۈن تولۇقلاپ بەرگىن، دېگەنلىك
مېنىڭ ھەممە ئىشلىرىمنى ساقلىغۇچى بولغان دىنىمنى تولۇقلاپ بەرگىن دېمەكتۇر. چۈنكى
دىنى بۇزۇلغان كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بۇزۇلىدۇ، ئۇ كىشى دۇنيا-ئاخىرەتتە زېيان
تارتىدۇ، خار بولىدۇ». [«پەيزۇل قەدىر» 2-توم 173-بەت].
ئىككىنچى: مۇسۇلمان ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق
قىلىشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ يولىدا مېڭىش ئارقىلىق دىنىنى پىتنىدىن ساقلاشقا
قادىر بولالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشلار تەۋسىيە قىلىنىدۇ:
1-دىنى ۋە ئەخلاقى تەرەپتىن بۇلغانغان
مۇھىتتىن يىراق بولۇش. كاپىرلار دىيارىدا تۇرماسلىق؛ پاسىق-پاجىرلارغا ئارىلىشىپ
قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىش؛ بۇزۇقچىلىققا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش؛ ئاللاھ
تائالانىڭ ئىزنى بىلەن دىنىنى زايە بولۇپ كىتىشتىن مۇھاپىزەت قىلىش. مۇسۇلماننىڭ كۇفرى
مۇھىتتا غەيرى دىندىكىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشىشى ئۇنىڭغا بەلگىلىك تەسىر
كۆرسىتىدۇ. بىز دىن توغرىسىدا يۈرەكنى لەختە قىلىپ، ئىنسان ئۆزىنى تۇتالمايدىغان
دەرىجىدىكى ئىشلارنى كۆردۇق ۋە ئاڭلىدۇق، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ دىنىنى ئەرزىمەس
دۇنياغا ساتتى، بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ كۇفرى مۇھىتتا ياشىغانلىقى، غەيرى دىندىكىلەر
بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش جەريانىدا قەلبنىڭ ئۆلگەنلىكى سەۋەبىدىن بولغاندۇر.
مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن بۆلۈنۈش ۋە
ئىختىلاپلارغا ئارىلىشىپ قالماسلىق، بولۇپمۇ ئۆز ئارا بىر-بىرىنى ئۆچ كۆرىدىغان،
دىنىي قېرىنداشلىقنى ئۈزۈشكە ئىلىپ بارىدىغان ئىختىلاپقا ئارىلىشىپ قېلىشتىن
ساقلىنىش لازىم.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ
مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن پىتنىنى مۇلاھىزە قىلغاندا،
پىتنىگە ئارىلىشىپ قالغان كىشى ئۈچۈن دىن-دۇنيالىق تەرەپتىن ھاسىل بولغان زىياننى
كۆرگەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ بۇ پىتنىگە ئارىلىشىپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ
تائالاغا ھەمدۇ سانا ئېيتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق پىتنىگە ئارىلىشىش چەكلىنىدۇ،
ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈشكە بۇيرىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :«فَلْيَحْذَرِ
الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ
عَذَابٌ أَلِيمٌ» تەرجىمە مەنىسى: «پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە
خىلاپلىق قىلغۇچىلار دۇنيادا چوڭ بىر پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا ئاخىرەتتە قاتتىق بىر
ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن». [سۈرە نۇر 63-ئايەت]. "مىنھاج ئەسسۈننەتۇن
نەبەۋىيە" ناملىق ئەسەر 4-توم 410-بەت.
2-مۇسۇلماننىڭ دىنىنى ساقلاشقا ياردىمى بولىدىغان
ئىشلاردىن: ئىمانىنى كۈچلەندۈرۈش؛ مۇھىم بولغان تائەت-ئىبادەتلەرنى كۈچىنىڭ يېتىشچە
ئادا قىلىش؛ چەكلەنگەن ئىشلارنى تولۇق تەرك قىلىش؛ زۆرۈر بولغان تائەت-ئىبادەتلەرنىڭ
ئەڭ كاتتىسى ــ ناماز بولۇپ، مۇسۇلمان نامازنى پەرز، ۋاجىب، سۈننەتلىرى بىلەن خۇشۇئ
بىلەن ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَقِمِ
الصَّلَاةَ إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَىٰ عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنكَرِ تەرجىمە
مەنىسى:«نامازنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە
گۇناھلاردىن توسىدۇ». [سۈرە ئەنكەبۇت 45-ئايەت].
دىندا پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇيرۇغان تائەت-ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى
ئادا قىلىشقا، ئاياللار، مال-دۇنيا ۋە يۈز –ئابرۇي قاتارلىق دۇنيانىڭ پىتنىسىدىن
ھەزەر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدى. چۈنكى بۇ ئىشلار مۇسۇلماننىڭ دىنىنى سېتىۋېتىشىگە
سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. پەيغەمبەرسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئىنساننىڭ كەچتە
مۇسۇلمان بولۇپ، ئەتىگەندە كاپىر بولۇپ كېتىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئەتىگەندە مۇسۇلمان
بولۇپ كەچتە كاپىر بولۇپ كېتىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان
قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: قاراڭغۇ
كېچىنىڭ پارچىسىدەك پىتنىگە دۇچ كىلىشتىن ئىلگىرى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا
ئالدىراڭلار، بىر ئادەم مۇئمىن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ، كاپىر ھالەتتە كەچ قىلدۇ
ياكى مۇئمىن ھالەتتە كەچ قىلىپ، كاپىر ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئۆزىنىڭ دىنىنى
ئەرزىمەس دۇنياغا تېگىشىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى118-ھەدىس].
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمين
رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مۇھىم بولغان ئىش: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم بىزنى قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسىدەك، ئىنسان مۇئمىن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ
كاپىر ھالەتتە كەچ قىلىدىغان، بىر كۈندىلا ئىسلامدىن يېنىۋىلىپ مۇرتەد بولۇپ كېتىدىغان
پىتنىدىن ئاگاھلاندۇردى. ئاللاھ ھەممەيلەننى بۇنداق پىتنىدىن ساقلىسۇن. ئاللاھ تائالادىن
تىنچ-ئامانلىقنى سورايمىز. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنىنى
ئەرزىمەس دۇنياغا تېگىشىدۇ. ئەرزىمەس دۇنيا دېگەن پەقەت مال ئەمەس بەلكى
مال-دۇنيا، يۈز-ئابرۇي، ئەمەل-مەنسەپ، خانىم-قىزلار ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە
ئالىدۇ. دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ئەرزىمەس دۇنيا دېيىلىدۇ.
دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەرزىمەس نەرسىلەردۇر.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇئمىن ھالەتتە تاڭ
ئاتقۇزۇپ كاپىر ھالەتتە كەچ قېلىدىغان ياكى مۇئمىن ھالەتتە كەچ قىلىپ كاپىر
ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدىغان كىشىلەر بولسا ئۆزىنىڭ دىنىنى ئەرزىمەس دۇنياغا تېگىشكەن
كىشىلەردۇر.
ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە سىلەرنى پىتنىدىن
ساقلىشىنى سورايمىز ۋە پىتنىگە چۈشۈپ قېلىشتىن داۋاملىق پاناھلىق تىلەيمىز. [«ياخشى
كىشىلەر باغچىسىنىڭ شەرھىسى» -توم 20-بەت].
مۇئمىننىڭ ئىمانىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ بايانى
توغرىسىدا 34171- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
3- دۇئا قىلىش. ئاللاھ تائالا بىزگە دۇئا
قىلىشنى كۆرسەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دىنىنى پىتنىدىن
ساقلاشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەرگە مەنپەئەتى بولىدىغان دۇئالارنىڭ جۇغلانمىسىنى
تەلىم بەردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«اهْدِنَا
الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ تەرجىمە مەنىسى:«بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن».
[سۈرە فاتىھە 6-ئايەت].
بۇ دۇئانى ۋىتىر نامىزىدا ئوقۇيمىز: «اللَّهُمَّ
اهْدِنِي فِيمَنْ هَدَيْتَ، وَعَافِنِي فِيمَنْ عَافَيْتَ،وَتَوَلَّنِي فِيمَنْ تَوَلَّيْتَ،وَبَارِكْلِي
فِيمَا أَعْطَيْتَ،وَقِنِي شَرَّ مَا قَضَيْتَ» تەرجىمە مەنىسى:« ئى
ئاللاھ! مېنى سەن ھىدايەت قىلغانلار قاتارىدا ھىدايەتكە باشلىغىن، ماڭا سەن ساقلىق
ئاتا قىلغانلار قاتارىدا ساقلىق ئاتا قىلغىن، مېنى سەن ھىمايە قىلغانلار قاتارىدا
ھىمايە قىلغىن، بەرگەن نېمەتلىرىڭدە ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، سەن تەقدىر قىلغان
ئىشلارنىڭ شەررىدىن مېنى ساقلىغىن.... [تىرمىزى رىۋايىتى464-ھەدىس]. ئەبۇ داۋۇد
رىۋايىتى 1425-ھەدىس. بۇ دۇئانى مۇسۇلمان كىشى ۋىتىردا قۇنۇت ئوقۇغاندا ئوقۇيدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن دۇئالار بولۇپ، دۇئا قىلغۇچى دۇئاسى ئارقىلىق ئاللاھ
تائالادىن مۇكەممەل دىن، توغرا يولغا باشلاشنى، بۇ يولدا مۇستەھكەم قىلىشنى، شۇ
ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغان ئەڭ قىسقا، ياخشى يولغا باشلاپ
قويۇشنى سورايدۇ.
4-ناچار ھەمراھلاردىن يىراق بولۇش. ئەبۇ ھۇرەيرە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان ئۆزى ئارىلاشقان كىشىنىڭ دىنىدا بولىدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار
كىم بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىغا قارىسۇن». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4833 -ھەدىس. بۇ
ھەدىسنى تىرمىزى 2378- نومۇرلۇق ھەدىستە ھەسەن دەپ رىۋايەت قىلغان].
ئىمام خەتتابى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:«سەن
پەقەت دىنىدىن ۋە ئامانىتىدىن رازى بولىدىغان كىشىلەر بىلەن دوست بولغىن، سەن
ئۇنداق كىشىلەر بىلەن دوست بولغاندا، ئۇلار سېنى ئۆزىنىڭ دىنى ۋە ساغلام ئىدىيەگە
يېتەكلەيدۇ، سەن ئۆزۇڭنىڭ دىنىڭدىن مەغرۇرلىنىپ كەتمىگىن، دىنى ۋە پىكرى قارىشىدىن
رازى بولمايدىغان كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۆزۇڭنى خەتەرگە ئۇچراتمىغىن». [«ئەلئۇزلە»
ناملىق ئەسەر 141-بەت].
5-شەرئى ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە ئىشەنچىلىك
ئىلىم ئىگىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش.
مۇسۇلمان كىشى دىنىدا پىتنىگە ئۇچرىغاندا
ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىغان قورال شەرئىي ئىلىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن
بىلىمسىز كىشى دىندا پىتنىگە كۆپ ئۇچرايدۇ، سىز قەبرىلەر ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان،
ئۆلۈكلەردىن پايدا-زىيان كېلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ بېقىڭ،
ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئويلانسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن بىلىمسىز-جاھىللاردىن
ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. ئەمما ئىلىم-مەرىپەتلىك تۇرۇپ دىنىنى ئەرزىمەس دۇنياغا سېتىپ
يېگەن كىشى ئازغۇن ھېسابلىنىدۇ.
ئۈچىنچى: دىنىدا پىتنىگە چۈشۈپ قالغان كىشىلەر
بولسا:
1- ئاللاھ تائالاغا سەمىمى تەۋبە قىلىپ، سەل
قارىغان قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىشى، ئۇ ئىشقا قەتئى قايتماسلىق ئىرادىسى بىلەن
پىتنىدىن يىراق بولۇشقا بەل باغلاش ۋە پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۇنىڭدىن تارتىشى كېرەك.
2-ئۆزىنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىتىنى پاكىزە
مۇھىتقا ئۆزگەرتىش كېرەك.
3-پىتنىدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ئىخلاس ۋە
سەمىمىيلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشى كېرەك.
4-دۇئاغا ياخشى ئەمەللەرنى ئەگەشتۈرۈپ،
كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. بۇ توغرىدا ئاللاھ
تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَقِمِ الصَّلَاةَ طَرَفَيِ
النَّهَارِ وَزُلَفًا مِّنَ اللَّيْلِ إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِذَٰلِكَ
ذِكْرَىٰ لِلذَّاكِرِينَ،وَاصْبِرْ فَإِنَّ اللَّـهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ
الْمُحْسِنِينَ﴾ تەرجىمە مەنىسى:« كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە (يەنى
ئەتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا) ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز
ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ
چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەتتۇر. ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن يەتكەن
ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى
بىكار قىلىۋەتمەيدۇ». [سۈرە ھۇد 114-115-ئايەتلەر].
5- ئىنسان ئۆز ئىشىدا دەلىل-پاكىتلىق بولىشى،
ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى كۆرىدىغان، پىتنىنىڭ قايسى تەرەپتىن كىلىدىغانلىقىنى، شەيتاننىڭ
قانداق ئازدۇرىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولىشى كېرەك. ئەگەر پىتنە نەپسى شەھۋەت
تەرەپتىن بولسا، توي قىلىش ئارقىلىق ئۆز نەپسىنى ساقلاشقا تىرىشچانلىق قىلىشى
لازىم. ئەگەر توي قىلىشقا قۇربى يەتمىسە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
خەۋەر بەرگەندەك كۆپ روزا تۇتۇش ئارقىلىق نەپسىنى ساقلاش كېرەك.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:«كۆپ
روزا تۇتۇشتىن بولغان مەقسەت: نەپسى شەھۋىتىنى كېسىشتىن ئىبارەتتۇر».
ئەگەر پىتنە، شەك-شۈبھە ياكى شەھۋەتتىن باشقا
يوللاردىن بولغان بولسا، ئۇ ۋاقتىدا ئۇنىڭ قارشىسى بىلەن تاقابىل تۇرۇش كېرەك.
يۇقىرىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەۋەر بەرگەن ۋە ئاگاھلاندۇرغان
پىتنىدىن ساقلىنىشنىڭ سەۋەبلىرىنى قىلىش كېرەك.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.