مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان ھېسابسىز نېمەتلىرىگە قانداق شۈكۈر قىلىدۇ؟
سوئال: ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان چەكسىز نېئمەتلىرى
ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئادا قىلىشى كېرەك بولغان ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى قايسى؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى
ئۈمىد قىلىمەن.
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 125984 – نومۇرلۇق سوئال. مەزكۇر پەتىۋا شۇ توربەتنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
جاۋاب:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار
ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ
رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى:
شۈكۈر ئېيتىش دېگەن ــ ياخشىلىقنى مۇكاپاتلاش، ياخشىلىق-ئېھسان قىلغان كىشىنى ئالقىشلاپ،
مەدھىيلەش دېمەكتۇر، بەندىلەر ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىش ۋە مەدھىيلەشكە ئەڭ ھەقلىق بولغان
زات ئاللاھ تائالادۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان
نېئمەتلىرى بەك كاتتا، ھېسابسىزدۇر. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بىزنى ئاشۇ نېئمەتلەرگە
شۈكۈر ئېيتىشقا ۋە نېئمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلماسلىققا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «فَاذْكُرُونِي أَذْكُرْكُمْ
وَاشْكُرُوا لِي وَلا تَكْفُرُونِ»
تەرجىمە مەنىسى: «مېنى (تائەت ـ ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار)
مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر
قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار.» [سۈرە بەقەرە 152-ئايەت].
ئىككىنچى:
رەببىگە شۈكۈر ئېيتىش بىلەن بۇ كاتتا بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچى، ھەتتا بەك شۈكۈر ئېيتقۇچى
دېگەن سۈپەتگە ئىگە بولغۇچىلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدۇر. بۇ توغرىسىدا ئاللاھ
تائالا مۇنداق دەيدۇ: « إِنَّ إِبْرَاهِيمَ كَانَ أُمَّةً
قَانِتاً لِلَّهِ حَنِيفاً وَلَمْ يَكُ مِنَ الْمُشْرِكِينَ . شَاكِراً
لَأَنْعُمِهِ اجْتَبَاهُ وَهَدَاهُ إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ»
تەرجىمە مەنىسى: «ئىبراھىم ھەقىقەتەن (ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگۈچى) پېشىۋا، ئاللاھقا
ئىتائەتمەن (باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى)
ئىدى. ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى. ئىبراھىم ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە
شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى ۋە ئۇنى توغرا يولغا باشلىدى.»
[سۈرە نەھل 120-121-ئايەت].
ئاللاھ
تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ذُرِّيَّةَ مَنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ
إِنَّهُ كَانَ عَبْداً شَكُوراً» تەرجىمە
مەنىسى: «(ئى) بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى! (ئەجدادىڭلارنى
غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتقۇزدۇق، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار) نۇھ ھەقىقەتەن
كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى.» [سۈرە ئىسرا 3-ئايەت].
ئۈچىنچى:
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان بەزى نېئمەتلىرىنى زىكىر قىلىپ ئۇلارنى ئۇ نېئمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتىشقا بۇيرىدى،
ئاللاھ تائالا بىزگە ئۆزىنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىدىغان بەندىلەرنىڭ بەك ئاز ئېكەنلىكىدىن
خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
1-
«ياأَيُّهَا
الَّذِينَ آمَنُوا كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَاشْكُرُوا لِلَّهِ
إِنْ كُنْتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ»
تەرجىمە مەنىسى:« ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار،
ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ ھەددى-ھېسابسىز
نېئمەتلىرىگە)شۈكۈر قىلىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 172-ئايەت].
2-ئاللاھ
تائالا مۇنداق دەيدۇ: «وَلَقَدْ
مَكَّنَّاكُمْ فِي الْأَرْضِ وَجَعَلْنَا لَكُمْ فِيهَا مَعَايِشَ قَلِيلاً مَا
تَشْكُرُونَ» تەرجىمە مەنىسى: «شۈبھىسىزكى، سىلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە
تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق،(سىلەرگە رەبىڭلارنىڭ مۇشۇنداق نېئمەتلىرى بار
تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا) ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.» [سۈرە ئەئراف 10-ئايەت].
3-ئاللاھ
تائالا مۇنداق دەيدۇ:« وَمِنْ
آيَاتِهِ أَنْ يُرْسِلَ الرِّيَاحَ مُبَشِّرَاتٍ وَلِيُذِيقَكُمْ مِنْ رَحْمَتِهِ
وَلِتَجْرِيَ الْفُلْكُ بِأَمْرِهِ وَلِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ
تَشْكُرُونَ» تەرجىمە مەنىسى: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆزىنىڭ
رەھمىتىنى تېتىتىش، ئەمرى بويىچە كېمىلەرنى دېڭىزلاردا ماڭدۇرۇش، ئۆزىنىڭ مەرھەمىتىدىن
تىلىشىڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن شاماللارنى يامغۇر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى قىلىپ
ئەۋەتىشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر.» [سۈرە رۇم
46-ئايەت].
4-دىنى
نېئمەتلەر توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« يَا أَيُّهَا
الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ
وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُؤُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ
إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُباً فَاطَّهَّرُوا وَإِنْ كُنْتُمْ
مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ
لامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيداً طَيِّباً
فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ
عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ وَلَكِنْ يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ
عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ»
تەرجىمە مەنىسى:« ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا،
يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى
قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار
(يەنى غۇسلى قىلىڭلار). ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر
ئۈستىدە بولۇپ (سۇ تاپالمىساڭلار) ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى
تاھارەت سۇندۇرغان) بولساڭلار ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن
(غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن
يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن
ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش
بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ.» [سۈرە مائىدە 6-ئايەت].
بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن
ئايەتلەر بار، بىز ھەقىقەتەن بۇ يەردە نېئمەتلەرنىڭ بەزىسىنى زىكىر قىلدۇق، نېئمەتلەرنىڭ
ھەممىسىنى زىكىر قىلىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس، بۇ توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« وَآتَاكُمْ
مِنْ كُلِّ مَا سَأَلْتُمُوهُ وَإِنْ تَعُدُّوا نِعْمَتَ اللَّهِ لا تُحْصُوهَا
إِنَّ الْأِنْسَانَ لَظَلُومٌ كَفَّارٌ» تەرجىمە مەنىسى: «ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ
ھەممىسىنى بەردى، سىلەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، ئىنسان، شەك
ـ شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر» ئىبراھىم
سۈرىسى 34-ئايەت.
ئاللاھ تائالا بىزگە نېئمەت
ئاتا قىلغاندىن كېيىن بىزنىڭ نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتىشتىكى كەمچىللىكىمىزنى ئەپۇ قىلىپ
مۇنداق دەيدۇ: «وَإِنْ تَعُدُّوا نِعْمَةَ اللَّهِ لا
تُحْصُوهَا إِنَّ اللَّهَ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ»
تەرجىمە مەنىسى:« ئەگەر ئاللاھنىڭ (سىلەرگە بەرگەن) نېمىتىنى سانىساڭلار، ئۇنىڭ ھېسابىنى
ئېلىپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەر(نىڭ بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىڭلار)نى
ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر.» [سۈرە نەھل 18-ئايەت].
مۇسۇلمان
كىشى دائىم ئاللاھتىن ئۆزىنىڭ ئاللاھ بەرگەن نېئمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتىشىغا ياردەم بېرىشىنى
تىلىشى كېرەك، چۈنكى بەندىگە ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى ۋە ياردىمى بولمىسا
شۈكۈر قىلىشقا مۇيەسسەر بولالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سەھىھ ھەدىسلەردە ئاللاھنىڭ نېمىتىگە
شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ياردەم تەلەپ قىلىش يولغا قويۇلغان.
مۇئاز
ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرسەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كىشىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئى مۇئاز! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،
مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، ئى مۇئاز!
مەن ساڭا ھەر نامازدىن كېين: ئى ئاللاھ! سىلى ماڭا سىلىگە زىكىر ئېيتىش، نېئمەتلىرىگە
شۈكۈر ئېيتىش ۋە گۈزەل شەكىلدە ئىبادەت قىلىشىمغا ياردەم بەرسىلە دېگەن سۆزنى تەرك
قىلماي ئېيتىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن،» دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1522-ھەدىس. نىسائى
رىۋايىتى 1303-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ
سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
نېئمەتكە
شۈكۈر ئېيتىش نېئمەتنىڭ زىيادە بولىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق
دەيدۇ:«وَإِذْ
تَأَذَّنَ رَبُّكُمْ لَئِنْ شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ وَلَئِنْ كَفَرْتُمْ
إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٌ» تەرجىمە مەنىسى: «ئۆز
ۋاقتىدا رەبىڭلار: «نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر(كۇفرانى
نېئمەت) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ» دەپ جاكارلىدى [سۈرە ئىبراھىم 7-ئايەت].
تۆتىنچى:
ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان كاتتا نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشى قايسى شەكىلدە بولىدۇ؟.
نېئمەتكە
شۈكۈر ئېيتىش شۈكۈرنىڭ ئاساسلىرىنى روياپقا چىقىرىش بىلەن بولىدۇ، شۈكۈرنىڭ ئاساسلىرى:
دىلى بىلەن، تىلى بىلەن ۋە ئەزالىرى بىلەن شۈكۈر ئېيتىشتۇر.
ئىبنى
قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «دىل بىلەن شۈكۈر ئېيتىش بولسا ئاللاھقا باش
ئېگىش ۋە بويسۇنۇش بىلەن بولىدۇ. تىل بىلەن شۈكۈر ئېيتىش بولسا ئاللاھنى مەدھىيلەش
ۋە نېئمەتنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئەزالار بىلەن شۈكۈر ئېيتىش بولسا ئاللاھ
تائالاغا ئىتائەت قىلىش ۋە بويسۇنۇش بىلەن بولىدۇ». [«مەدارىجۇسسالىكىين»
ناملىق ئەسەر 2-توم 246-بەت].
بۇنىڭ
تەپسىلاتى مۇنداق: 1-دىل بىلەن شۈكۈر ئېيتىشنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالانڭ بەندىسگە ئاتا
قىلغان نېمىتىنىڭ قىممىتىنى دىلى بىلەن ھېس قىلىش، مۇشۇنداق كاتتا نېمەتلەرنى ئاتا
قىلغۇچىنىڭ ھېچ قانداق شېرىكى بولمىغان يەككە-يېگانە ئاللاھ ئىكەنلىكىنى دىلى بىلەن
ئېتىراپ قىلىش دېمەكتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا بِكُم مِّن نِّعْمَةٍ فَمِنَ اللّهِ تەرجىمە مەنىسى: «سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ
ھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەن، سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىق يەتسە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر.»
[سۈرە نەھل 53-ئايەت].
دىلى
بىلەن بۇ شەكىلدە ئېتىراپ قىلىش مۇستەھەب ئەمەس، بەلكى ۋاجىب (پەرز)دۇر، بۇ نېمەتلەرنى ئاللاھنىڭ
غەيرىگە نسبەت بەرگۈچى كاپىر ھېسابلىنىدۇ،
شەيخ
ئابدۇرەھمان سەئدى رەھمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:«ئىنسانلارغا نېمەتنى ئاللاھ تائالاغا
ئاغزاكى ۋە دىل بىلەن ئېتىراپ قىلىپ نىسبەت بېرىش زۆرۈر بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ
تەۋھىد ئەقىدىسى تامام بولىدۇ، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى دىلى بىلەن ۋە تىلى بىلەن ئىنكار
قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ، ئۇ كىشىنڭ دىن بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمايدۇ».
بىر
كىشى نېمەتنىڭ ھەممىسنى يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى دىلى بىلەن ئېتىراپ
قىلسا، ئەمما تىلى بىلەن نېمەتلەرنى بەزى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بەرسە، بەزى
ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمگىكىگە ۋە باشقىلارغا نىسبەت بەرسە-كىشىلەرنىڭ تىلىدا
بۇنداق ئىشلار كۆپ بولىدۇ-بۇ كىشى دەرھال ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى، نېمەتنى پەقەت نېمەتنىڭ
ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىشى كېرەك بولىدۇ، ئۆزىمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ
تىرىشچانلىق قىلىشى كېرەك، ئىمان ۋە تەۋھىد نېمەتنى ئاغزاكى ۋە دىلى بىلەن ئېتىراپ
قىلىپ ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىش بىلەن روياپقا چىقىدۇ.
ئىماننىڭ
يادروسى بولغان شۈكۈر ئۈچ ئاساسقا قۇرۇلىدۇ: ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا
ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى دىلى بىلەن ئېتراپ قىلىش، ئۇنى باشقىلارغا سۆزلەش، نېمەتكە
ئاساسەن ئاللاھ تائالانى ماختاش، مەدھىيلەش، نېمەتنى ئۇنى ئاتا قىلغۇچى (ئاللاھ)غا ئىتائەت
قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىشقا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت. [«تەۋھىدنىڭ نىشانى توغرا
سۆزدۇر» ناملىق ئەسەر 140-بەت].
ئاللاھ
تائالا نېمەتلەرنى ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىشتىن تانغان كىشىنىڭ ھالىنى بايان قىلىپ
مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَعْرِفُونَ نِعْمَتَ اللّهِ ثُمَّ
يُنكِرُونَهَا وَأَكْثَرُهُمُ﴾ تەرجىمە
مەنىسى: «ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تونۇيدۇ، ئاندىن (ئاللاھتىن باشقا بىرىگە ئىبادەت
قىلىش بىلەن) ئۇ نېمەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى كاپىردۇر (يەنى كاپىر
پېتىچە ئۆلىدۇ).» [سۈرە نەھل 83-ئايەت].
ئىبنى
كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «يەنى ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ نېمەتلەرنى ئۆزلىرىگە
ئاتا قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق نېمەتنى ئىنكار قىلىدۇ، ئاللاھقا باشقىنى
شېرىك كەلتۈرۈپ ئىبادەت قىلىدۇ، غەلبە، نۇسرەت، رىزىق بېرىشنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە نىسبەت
بېرىدۇ». [«تەپسىر ئىبنى كەسىر»4-توم 592-بەت].
2-تىلى بىلەن شۈكۈر ئېيتىش بولسا، ھەقىقى نېمەت ئاتا قىلغۇچىنىڭ ئاللاھ تائالا
ئىكەنلىكىنى دىلى بىلەن ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن تىلى بىلەن ئېتىراپ قىلىش، تىلىنى
ئاللاھ تائالانى ماختاش ۋە مەدھىيلەش بىلەن مەشغۇل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئاللاھ
تائالا بەندىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمغا ئاتا قىلغان نېمەتنىڭ سىياقىنى
بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَوَجَدَكَ عَائِلاً فَأَغْنَى تەرجىمە مەنىسى: «سېنى يوقسۇز
بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟.»
[سۈرە دۇھا 8-ئايەت].
ئاندىن
ئاشۇ نېمەتنى كىشىلەرگە بايان قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ تەرجىمە مەنىسى:«رەببىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى
(كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق
بولىدۇ).» [سۈرە دۇھا 11-ئايەت].
ئىبنى
كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «يەنى سەن يوقسۇل، كەمبەغەل بولغاندا ئاللاھ سېنى
كىشىلەردىن بىھاجەت قىلغانغا ئوخشاش، ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى كىشىلەرگە
سۆزلەپ بەرگىن» دېگەنلىكتۇر. [«تەپسىر ئىبنى كەسىر»8-توم 427-بەت].
ئەنەس
ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن يېمەك يەپ ۋە ئىچىملىك ئىچىپ ئۆزىگە
مەدھىيە ئوقۇغان-شۈكۈر ئېيتقان بەندىسىدىن ئەلۋەتتە رازى بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى
2734-ھەدىس].
ئەبۇل
ئابباس قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەمدە ئېيتىش بۇ يەردە شۈكۈر ئېيتىش
مەنىسىدە بولىدۇ، ھەمدە شۈكۈرنىڭ ئورنىدا قويۇلىدۇ، شۈكۈر ھەمدىنىڭ ئورنىدا
قويۇلمايدۇ، بۇ گەرچە نېمەتكە شۈكۈر ئېيتىش ئاز بولسىمۇ، جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك
ھالىتى بولغان ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر، ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىگە:
«مەن سىلەرگە خەلقىمدىن ھېچ بىر كىشىگە ئاتا قىلمىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلدىم دەيدۇ»،
يەنە ئۇلارغا: «سىلەرگە بۇنىڭدىن ياخشى نەرسىنى ئاتا قىلايمۇ؟» دەيدۇ، جەننەت ئەھلى:
ئۇ قايسى نېمەت؟ ئى رەبىمىز! سەن بىزنىڭ يۈزىمىزنى ئاق قىلدىڭ، بىزنى جەننەتكە كىرگۈزدىڭ
ۋە دوزاختىن يىراق قىلمىدىڭمۇ؟دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: «مەن سىلەردىن رازى بولدۇم، بۇنىڭدىن
كېيىن ئەبەدى ئاچچقلانمايمەن» دەيدۇ.
شۈكۈر
ئېيتىش بولسا ئاشۇ كاتتا ئىززەت-ئىكرامغا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر، چۈنكى ئۇ نېمەت ئاتا
قىلغۇچىنى تونۇشنى، ئاشۇ نېمەتلەرنى يالغۇز ياراتقانلىقى، بۇ نېمەتنى نېمەتكە بېرىلگۈچلەرگە
يەتكۈزۈشنىڭ نېمەت ئاتا قىلغۇچىدىن بولغان پەزىلەت، ھۆرمەت، ياخشىلىق ئىكەنلىكى، نېمەت
بېرىلگۈچىنىڭ كەمبەغەل، ئاشۇ نېمەتكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن بىھاجەت ئەمەس
ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ، ئاللاھنىڭ ھەققى ۋە پەزلىنى تونۇش، بەندىنىڭ
كەمبەغەللىكى، پېقىرلىقى، ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللاھ تائالا
ئاشۇ ئېسىل ئىكرامنى ئۆزىنى تونىغاننىڭ مۇكاپىتى قىلدى. [«مۇسلىمنىڭ قىسقارتىلمىسىدىن
چۈشىنىلمىگەن نەرسىلەرنى چۈشۈنۈش» 7-توم 60-61-بەت].
سەلەف
ئۆلىمالىرىنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: نېمەتنى يوشۇرغان كىشى نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلغان
بولىدۇ، نېمەتكە شۈكۈر ئېيتىش بولسا نېمەتنى ئىزھار قىلىش ۋە تارقىتىشتۇر.
ئىبنى
قەييم رەھمەھۇللاھ بۇنىڭغا ئىلاۋە قىلىپ بۇ سۆز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزىدىن ئېلىنغان دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە نېمەت ئاتا قىلسا،
ئۇ كىشىدە نېمەتنىڭ ئەسىرىنى كۆرۈشنى ياقتۇرىدۇ». [«مەدارىجۇسسالىكىين»2-توم
246-بەت].
3-ئەزالىرى
بىلەن شۈكۈر ئېيتىش: بۇ ئەزالىرىنى ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھ
تائالا چەكلىگەن گۇناھ-مەسىيەتلەردىن يىراق بولۇشقا بويسۇندۇرۇش بىلەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«اعْمَلُوا آلَ دَاوُدَ شُكْراً» تەرجىمە مەنىسى: «(ئېيتتۇقكى) «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر!
(ئاللاھنىڭ بۇ چوڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار»، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (ئاللاھنىڭ
نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئاز.» [سۈرە سەبا 13-ئايەت].
ئائىشە
رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىلىرى ناماز
ئوقۇپ تاپانلىرى-پۇتلىرى ئىششىپ كەتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!
ئاللاھ تائالا سىلىنىڭ ئىلگىرىكى-كېيىنكى خاتالىقلىرىنى مەغپىرەت قىلغان
تۇرسا، يەنە نېمىشقا بۇنداق قىلىلا؟دېگەندە، پەيغەمبەرسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئائىشە!
مەن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىدىغان بەندە بولمايمەنمۇ؟» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى
4557-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2820-ھەدىس].
ئىبنى
بەتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: تەبەرى مۇنداق دېگەن: بەندىنىڭ شۈكۈر ئېيتىش توغرىسىدىكى
ئەڭ توغرا قاراش: ئىنسان ئۇ نېمەتنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىنى ھەقىقىي
ئېتىراپ قىلىپ، بۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ، ئەمما كىشىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى نېمەتكە
شۈكۈر ئېيتقانلىقىنى ئىسپاتلىمىسا، ئۇ كىشى ئومۇمىي تەرەپتىن شۈكۈر ئېيتقۇچى دېگەن
نامغا ھەقلىق بولالمايدۇ، لېكىن تىلى بىلەن شۈكۈر ئېيتقۇچى دېيىلىدۇ، بۇنىڭ دەلىلى
ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغان بۇ ئايىتىدۇر«ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر!
(ئاللاھنىڭ بۇ چوڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار»، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ
ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان كاتتا نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتى، دېمەك بۇ يەردە ئاللاھ تائالا ئۇلارنى نوقۇل ھالدا نېمەتنى ئېتىراپ قىلىشقا ئەمەس، بەلكى ئەمەل-ئىبادەتلەر بىلەن ئۆزىگە ئىتائەت قىلىپ نېمىتىگە شۇ شەكىلدە شۈكۈر ئېيتىشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ
ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ تاپانلىرى ئىششىپ
كەتكەندە: «مەن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىدىغان بەندە بولمايمەنمۇ؟»دېدى. [سەھىھۇل
بۇخارىنىڭ شەرھىسى 10-توم 183-184-بەت].
ئەبۇ
ھارۇن رەھمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:«مەن ئەبۇ ھازىمنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا: ئاللاھ
سىزگە رەھمەت قىلسۇن! ئىككى كۆزنىڭ شۈكرىسى قانداق بولىدۇ؟ دېسەم، ئۇ: ئىككى كۆزۈڭ
بىلەن ياخشىلىقنى كۆرسەڭ زىكىر قىلغىن، يامانلىقنى كۆرسەڭ يوشۇرغىن دېدى، مەن: ئىككى
قۇلاقنىڭ شۈكرىسى قانداق بولىدۇ؟دېسەم، ئۇ: ئىككى قۇلۇقۇڭ بىلەن ياخشىلىقنى ئاڭلىساڭ
ئېسىڭدە تۇتقىن، يامانلىقنى ئاڭلىساڭ ئۇنۇتقىن دېدى».
ئىبنى
رەجەب ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:«شۈكۈر ئىككى دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، بىرى ۋاجىپ
بولۇپ، ئۇ ۋاجىپ بولغان ئەمەللەرنى قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇش بولۇپ بۇ
نېمەتكە شۈكۈر ئېيتىشقا كۇپايە قىلىدۇ».
شۇنىڭدىن
بەزى سەلەف ئالىملىرى: گۇناھ-مەسىيەتنى تەرك قىلىش نېمەتكە شۈكۈر ئېيتقانلىق دەيدۇ.
بەزى
ئالىملار: ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئاللاھقا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلارغا
سەرپ قىلماسلىق نېمەتكە شۈكۈر ئېيتقانلىق دەيدۇ.
ئەبۇ
ھازىم ئەزالىرى بىلەن شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ھەممىسىنى زىكىر قىلىپ: گۇناھ-مەئسىيەتتىن توسۇش،
تائەت-ئىبادەتكە ئىشلىتىشتۇر، ئەمما تىلى بىلەن شۈكۈر ئېيتىپ، ئەزالىرى بىلەن شۈكۈر
ئېيتمىغان كىشىنىڭ مىسالى بىر چاپاننى كۆتۈرۈۋېلىپ كىيمىگەن كىشىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ
چاپاننىڭ ئۇ كىشىگە ئىسسىق-سوغۇقتىن، قار-يامغۇردىن ھېچ پايدىسى بولمايدۇ.
شۈكۈرنىڭ
ئىككىنچى دەرىجىسى: مۇستەھەب بولغان شۈكۈر بولۇپ، ئىنسان ئاللاھ بۇيرىغان پەرز ئەمەللەرنى
ئادا قىلىپ بولغاندىن ۋە چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق بولغاندىن كېيىن نەپلە ئىبادەتلەرنى
كۆپ قىلىشتۇر، بۇ ئاللاھقا يېقىنلىشىشتا ئىلگىرى بولغان كىشىلەرنىڭ دەرىجىسىدۇر. [«جامىئۇل
ئۇلۇم ۋەلھەكەم» 245-246-بەت].
سۆزنىڭ
خۇلاسىسى: ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىدىغان كىشى
بولۇش ئۈچۈن سىز دىلىڭىز بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز، ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭىز، بۇ نېمەتلەرنى
ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىشىڭىز، تىلىڭىز بىلەن ئېتىراپ قىلىپ، ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا
ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى ئىكەنلىكگە، يېمەك-ئىچمەكتىن كېيىن ئاللاھ
تائالانىڭ رىزىق ئاتا قىلغانلىقىغا شۇنىڭدەك ئۆزىڭىزدە كۆرۈلگەن بارلىق نېمەتلەرنىڭ
ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىقىغا شۈكۈر ئېيتىشىڭىز زۆرۈر بولىدۇ.
نېمەتكە ئەزالىرىڭىز
بىلەن شۈكۈر ئېيتىش بولسا، كۆزىڭىز بىلەن چەكلەنگەن نەرسىلەرنى كۆرمەسلىك، قۇلىقىڭىز
بىلەن ئاسىيلىق، مۇنكەر بولىدىغان ناخشا-مۇزىكىلار، غەيۋەت-شىكايەتلەرنى تىڭشىماسلىق،
پۇتىڭىز بىلەن ئاللاھ چەكلەنگەن ئىشلار بار ئورۇنلارغا بارماسلىق، قوللىرىڭىزنى چەكلەنگەن
خەت-چەكلەرنى يېزىشقا يەنى يات ئەر-ئاياللار ئارىسىدا ھارام ئالاقە ئورنىتىدىغان گەپ-سۆزلەرنى،
ھارام-چەكلەنگەن سودا-ئالاقىلىرىنى يازماسلىق، ھارام-چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلاش
بىلەن بولىدۇ.
ئەزالىرى
بىلەن نېمەتكە شۈكۈر ئېيتىش بولسا، ئەزالىرىنى ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىشقا،
قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا، ئىلىم-مەرىپەت يېزىشقا، پايدىلىق-مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى ئاڭلاشقا،
شۇنىڭدەك بارلىق ئەزالىرىنى تۈرلۈك شەكىلدە ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىشقا
بويسۇندۇرۇش بىلەن بولىدۇ.
شۇنى
بىلىشىڭىز كېرەككى، نېمەتكە شۈكۈر قىلالاشنىڭ ئۆزى شۈكۈر قىلىش كېرەك بولغان نېمەتتۇر.
شۇنىڭدەك ئىنسان ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ئارىسىدا ياشايدىكەن، رەببىنىڭ ئۆزىگە
ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى شۈكۈر ئېيتقۇچىلارنىڭ
قاتارىدىن بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا ھەمدە-سانا
ئېيتىشى كېرەك بولىدۇ.
ئاللاھ تائالادىن بىز ۋە سىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان
ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.
ئاللاھ
تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.