«ھايامۇ ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر» دېگەن ھەدىستە نېمە ئۈچۈن يالغۇز ھايالا تىلغا ئېلىنغان؟

ئەبۇھۇرەيرە رضي الله عنه مۇنداق دەيدۇ. پەيغەمبەر مۇنداق دېگەن: «ئىمان ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر, ھايامۇ ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر». سەھىھۇل بۇخارى 9 - ھەدىس.
 «پەيغەمبەر بۇ يەردە نېمىشقا يالغۇز ھايانىلا تىلغا ئالغان؟» دەپ سورالسا, جاۋابىمىز شۇدۇر: «ھايا ئىماننىڭ قالغان شاخچىلىرىنى ئادا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئامىلدۇر. چۈنكى, ھايالىق كىشى دۇنيا - ئاخىرەتتە رەسۋا بولۇشتىن قورققان ھالدا ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىدۇ, چەكلىگەن نەرسىلىرىدىن يانىدۇ». ھافىز ئىبنى ھەجەر رحمه الله نىڭ «فەتھۇل بارى» ناملىق ئەسىرىدىكى شۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسىدىن ئېلىندى.


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟